+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-5 12:15 1415 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھەر يىلى 9-ئايدا ئالما يېڭى يانفون ئېلان قىلىدۇ. ئالمىدىن بازار تالىشىش سەۋبىدىنمۇ، ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ بۇ ئايدا باشقا كارخانىلارمۇ بەس-بەستە يېڭى يانفونلىرىنى ئېلان قىلىدۇ.

روڭياۋ 荣耀20S

Sebb5470d-4f5a-431f-9b38-e610b1088a51.png

9-ئاينىڭ 4-كۈنى روڭياۋ 20S ئېلان قىلىندى. ئېكرانى 6.26 دىيۇم، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى چىلىن 810؛ كەينى كامېراسى 48 مىليون پىكسېللىق ئاساسى كامېرا + 8 مىليون پىكسېللىق كەڭ بلۇڭلۇق كامېرا + 2 مىليون پىكسېللىق مىكرو ئارىلىق كامېراسىدىن ئىبارەت ئۈچ كامېرادىن تۈزۈلگەن. ئالدى كامېراسى 32 مىليون پىكسېل. باتارىيەسى 3750mAh ، باھاسى 1899 يۈەندىن باشلىنىدۇ.


سونىي Xperia XZ3

s_5db07c3d71de43f2b157895e08c66f89.png

سونىي شىركىتى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى Xperia XZ3 يانفوننى ئېلان قىلىدۇ. بۇ يانفونغا كۇۋالكوم 845 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. ئۈچ خىل نۇسخىسى بار بولۇپ،  6.5 دىيۇملۇق 4K ئېكران سەپلەنگەن 5G نۇسخسى، 6.1 دىيۇملۇق نۇسخىسى ۋە 5.7 دىيۇملۇق نۇسخىسى بار. باھاسى 899 دوللار (تەخمىنەن 6100 يۈەن) دىن باشلىنىدۇ.

realme Q

20190830_190411_943.jpg

9-ئاينىڭ 5-كۈنى realme Q ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ يانفونغا كۇۋالكوم 712 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، سونىينىڭ 48 مىليون پىكسېللىق تۆت كامېرا سەپلىنىدۇ. باتارىيەسى 4035 مىللىي ئامپىر. تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، type-c ئېغىزى بار.

خۇاۋېي چاڭشىياڭ 畅享10 Plus

38a7709b-43eb-4a8e-b98d-bdf3f8121607.png

9-ئاينىڭ 5-كۈنى خۇاۋېي چاڭشىياڭ 10 Plus ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا كۇۋالكوم 712 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، سونىينىڭ 48 مىليون پىكسېللىق تۆت كامېرا سەپلىنىدۇ. ئالدى كامېراسى تارتما شەكىلدە.

نۇبىيا خۇڭمو 红魔3S

s_f379fb6c14dc4d26b5f9cff0050efda3.jpg

9-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنە نۇبىيا شىركىتىنىڭ ئويۇن يانفونى خۇڭمو 红魔3S ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ يانفونغا 90Hz چاستوتىدىكى 6.65 دىيۇملۇق ئېكران، كۇۋالكوم 855 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدۇ. 4D تىتىرەش سىزىمى بېرىدىغان ماتور ۋە سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسى سەپلىنىدۇ. باتارىيەسى 5000mAh ، تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

OPPO Reno 2

微信图片_20190905015618.jpg

9-ئاينىڭ 10-كۈنى  OPPO Reno 2 ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ يانفونغا كۇۋالكوم 730 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 6.5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدۇ. ئېكران بارماق ئىزى تونۇيدۇ. كەينى كامېراسى 48 مىليون پىكسېل + 13 مىليون پىكسېل + 8 مىليون پىكسېل 2 مىليون پىكسېل تۆت كامېرا سەپلىندۇ. ئالدى كامېراسى 16 مىليون پىكسېل. بۇ يانفوننىڭ يارقىن نۇقتىسى مەخسۇس سىن ئالغاندا تىتىرەشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان. يۈگرەپ يۈرۈپ سىن ئالسىمۇ مۇقىم سىن ئالغىلى بولىدىكەن.

iPhone 11

微信图片_20190905015628.png

9-ئاينىڭ 11-كۈنى يېڭى ئەۋلاد iPhone 11 ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ يانفونغا A13 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىندۇ. Apple Pencil قەلىمىنى قوللايدۇ. Type-C ئېغىزى سەپلىنىشى مۇمكىن.

خۇاۋېي 华为Mate30

微信图片_20190905015634.jpg

9-ئاينىڭ 19-كۈنى خۇاۋېينىڭ بايراقدار يانفونى 华为Mate30 يۈرۈشلۈكى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا بوبرا كىيىك 990 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدۇ. كەينى ئاساسى كامېراسى جەمئىي تۆت بولۇپ، 40 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا+8 مىليون پىكسېللىق كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا ۋە ToF كامرادىن ئىبارەت.
Mate30 Pro غا 5G تورىنى قوللايدىغان بوبرا كىيىك 990 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدۇ. باتارىيەسى 4200 مىللىي ئامپىر، 55W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا 9-ئاينىڭ 16-كۈنى vivo Nex 3 ئېلان قىلىنىدۇ. 9-ئاينىڭ 26-كۈنى يىجىيا 7T ۋە بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا شىياۋمىنىڭ 5G قوللايدىغان يانفونى 小米9S ئېلان قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ سەپلىمىسى تېخى ئېنىق ئەمەس.
9-ئاينى يانفون ئېلان قىلىش ئېيى دېسەكمۇ بولىدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

بىليار ۋاقتى: 2019-9-5 14:19:57
ۋاي ۋۇي نىمانداق جىق يانفۇنلار بۇ. قايسىنى تاللاشمۇ سەل ئاۋارچىلىق بولغۇدەك يانفۇنلارنىڭ كۆپلىكىدە.
elbilge ۋاقتى: 2019-9-5 23:51:18
مەن شىياۋمى مىكس 4 نى ساقلاپ باقاي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部