+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-9-4 09:42 1570 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئاندىرويىد 10 رەسمىي ھالدا ئىشلەتكۈچىلەرگە يېڭىلاش ئۇچۇرى ئەۋەتتى


01.jpg


  بۈگۈن سەھەردە، گوگىل Pixel ئىشلەتكۈچىلىرىگە رەسمىي ھالدا Android 10 سېستىما يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتتى. يېيېڭى قول ئىشارىتى بىلەن كونترول قىلىشتىن باشقا، بۇ قېتىمقى يېڭىلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يەنە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «قىزىق نۇقتا ھالىتى»(焦点模式) ، قايتىدىن لايىھىلەنگەن كېچە ئۇسلۇبى ۋە ئىقتىدارى تېخىمۇ مول بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازىلىرىنى كونترول قىلىش قىستۇرمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  

يېڭى iPhone XR نىڭ باھا نومۇرى تونۇردىن چىقتى


02.jpg


  چەت ئەل تاراتقۇسى 9to5Macنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا نومۇر قويۇش دېتالى Gekbench دا، iPhone XR نىڭ ئورۇنباسارى دەپ گۇمان قىلىنغان تېلېفوننىڭ باھا نومۇر دوكلاتى پەيدا بولغان.  بۇ باھا نومۇر تارماق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە بۇ تېلېفون تىپىنىڭ نامى iPhone 12،1، دوكلاتتا ئېرىشكەن نومۇرى تاق يادرو 5415نومۇر، كۆپ يادرو 11294نومۇر.

  بۇ تېلېفوننىڭ كۆپ يادرو نەتىجىسى ھازىرقى iPhone XR بىلەن ئوخشاش، لېكىن يەككە يادرو نەتىجىسى%12 ئاشقان، شۇڭا خەۋەردە يېڭى iPhone XR غا قاچىلانغان A يۈرۈشلۈك ئۆزەكنىڭ ئىقتىدارى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئەمما 1GB RAM كۆپىيىشى مۇمكىن دەپ قارالغان.  

Bosch توكلۇق بوۋاقلار ھارۋىسى سىستېمىسى ئېلان قىلدى


03.jpg


چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، Bosch بىر يۈرۈش توكلۇق بوۋاقلار ھارۋىسى سىستېمىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يول ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن تەڭشەپ ياردەم بېرىدىكەن. بۇ سىستېما قوش ئېلېكتىر ماشىنىسى، سېنزور ۋە سىمسىز ئىقتىدارغا تايىنىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندىكى قاتتىق دېتال مەسىلىسىنى ياخشىلاپ ھەل قىلغان.  ئۇ ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن تۈز يەردە ۋاقىت ۋە كۈچنى تېخىمۇ تېجەيدۇ ھەمدە دۆڭ، پەس يول بۆلەكلىرىدە يول ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈچەيدۇ ياكى تورمۇز تەڭشەپ، بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ.  


سامسۇڭ Galaxy A90 5G نى ئېلان قىلدى


04.jpg


  تۈنۈگۈن، سامسۇڭ شىركىتى قارمىقىدىكى ئەڭ يېڭى 5G يانفون Galaxy A90 5G  ئېلان قىلىندى.  بىز بۇنى سامسۇڭ تۇنجى نۇسخىدىكى 5G يانفۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىغىنىمىزدا، سامسۇڭ سەپلىمە جەھەتتە بىزگە بىر خۇشاللىق ئاتا قىلغاندەك قىلىدۇ. سامسۇڭ A90 5G غا گاۋتۇڭ شاۋلۇڭ 855 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە X50 5G ئاساسىي بەلۋىغى سەپلەنگەن بولۇپ، 6GB ياكى 8GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن تەمىنلىگەن، باتارىيەسى 4500mAh يەنە 25W تېز توك قاچىلاشنى قوللايدۇ.

  سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە يەنىلا ئالدى يۈزى 2.5D ئەينەك، ئارقا يۈزى قوش ئەگرى يۈزلۈك ئەينەك لايىھەلەنگە. ئارقا ئۈچ كامېراسى 48 مىليون پىكسېل ئاساسىي كامېرا، 8 مىليون پىكسېللىق ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا + 5 مىليون پىكسېللىق سۈرەت چوڭقۇرلۇق كامېراسىدىن تەركىب تاپقان.  ئېكرانىغا بىر پارچە ئېنىقلىق دەرىجىسى FHD بولغان 6.7 ديۇملۇق AMOLED تامچە ئېكران ئورنىتىلغان بولۇپ، ئېكران بارماق ئىزى ئىقتىدارىنى قوللايدۇ. نۆۋەتتە، سامسۇڭ يەنىلا بۇ تېلېفوننىڭ كونكرېت باھا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلمىدى.  


شىياۋمى گۇرۇھى 12 مىلىيارد شىياڭگاڭ دوللىرى چىقىرىپ پاي چېكىنى قايتۇرۋالماقچى

05.jpg


  9-ئاينىڭ 3-كۈنى، شياۋمى گۇرۇھى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: مۇدىرىيەت رەسمىي قارار چىقىرىپ پاي چېكىنى سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. ئەڭ يۇقىرى ئومۇمىي باھاسى 12 مىليارد شياڭگاڭ پۇلى قەرەلسىز ھالدا ئاشكارا بازاردا پاي سېتىۋالىدۇ.  


شاڭخەي دىسنىي باغچىسى يېڭى بالىلار بېلىتى ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى


06.jpg


3-سېنتەبىر خەۋىرى، شاڭخەي دېسنىي شىركىتى 2019-يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى بالىلار بېلىتى ئۆلچىمىنى يولغا قويۇپ، يېشى ۋە بوي ئېگىزلىكىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى شاڭخەي دېسنىي شادلىق باغچىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، باغچىدا ئايلانغان شۇ كۈنى يېشى ئۈچ ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان ياكى بوي ئېگىزلىكى 1.0 مېتىردىن 1.4 مېتىرغىچە بولغان بالىلار ساياھەتچىلىرى شاڭخەي دېسنىي شادلىق باغچىسىنىڭ ئىشىك بېلىتى باھاسى تەخمىنەن 75 پىرسەنتلىك ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.  باغچا سەيلىسىدە شۇ كۈنى يېشى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن ياكى بوي ئېگىزلىكى 1.0 مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈر ساياھەتچىلەر باغچىنى ھەقسىز ئايلانسا بولىدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

بىليار ۋاقتى: 2019-9-5 01:10:45
گوگۇل ئاندىرويىد 10نى بەشىنچى ئايدا ئىلان قىلىپ يانفۇن شىركەتلىرىگە ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىشقىمۇ تەمىنلەپ بولغاندى، ئۆگۈنلىككە ساق تۆت ئاي بولدىكەن، ئەمما بۇ يانفۇن شىركەتلىرى نىمىش قىلۋاتقاندۇ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا چىققان بايراقدار يانفۇنلىرىغىمۇ  ئاندىرويىد 10نى تېخىچە ئەۋەتمىدى دىسە،سامسۇڭ ۋە يىجادىن بۆلەك.بولۇپمۇ ماۋۇ شىياۋمى داۋاملام كامىر ئىقتىدارى ياخشىلاندى،سىستىما مۇقىملىقى ئاشۇرۇلدى دەپلام سىستىمايېڭىلاش ئۇچۇرى ئەۋەتكەن،ئۇششاق سىستىما يېڭىلاپ ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部