+تېما يوللاش
all_kiss يوللانغان ۋاقتى:2019-9-4 01:43 812 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-9-4 11:21  

خۇاۋىي ئاپتۇموبىل ياسىمايدۇ، لېكىن ئاپتۇموبىل كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماشىنا ياسىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

خۇاۋېينىڭ ئەپ ئاچقۇچىلار يىغىنىدا، خۇاۋېينىڭ« Harmony OS خۇڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسى» ئاخىرى چۈمپەردىسىنى ئاچتى.  خۇاۋېي ئىستېمالچىلار كەسپىنىڭ CEO سى يۈ چېڭدۇڭ مۇنداق دېدى: « كەلگۈسىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى مىكرو ئىچكى يادرو قۇرۇلمىسى بولۇشى كېرەك، خالىغان تېرمىنالغا ماسلاشسا بولىدۇ. »  
微信图片_20190902021541.jpg
كەلگۈسىدىكى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئەقلى ئىدراكلىق تۇرمۇش كارتىنىسىدا، خۇاۋېي ئىستېمالچىلار كەسپى« 1 + 8 + N» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  1 بولسا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئاساسىي كىرىش ئېغىزىنى كۆرسىتىدۇ، 8 بولسا 8 دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ، يەنى: PC، تاختا كومپىيوتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېكران، ئاپتۇموبىل مېدىيا سىستىمىسى، تىڭشىغۇچ، ئەقلىي ياڭراتقۇ، قول سائىتى، كۆزەينەك قاتارلىقلا . Nبولسا بارلىق IoT ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.  ئاپتوموبىل مېدىيا ئىكرانى خۇاۋېي سەككىز نەرسە تورىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوڭمېڭ سېستىمىسىنىڭ كەلگۈسىدە خۇاۋېي شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئاپتوموبىل ئۈسكۈنىسىگە قاچىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.  لېكىن خۇاۋېينىڭ نىيىتى ئاپتۇموبىل سىستېمىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.

微信图片_20190902133303.jpg

خۇاۋېي +  ئاپتوموبىل شىركىتى ! ۋولۋو « بىرىنچى بولۇپ قىسقۇچپاقا  يىيەلەمدۇ » ؟

5-ئاينىڭ 27- كۈنى رېن جېڭفېي خۇاۋېينىڭ تەشكىلى قۇرۇلما تەڭشەش ھۆججىتىنى ئىمزالاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ھەل قىلىش لايىھەسى BU نى قۇرۇشنى تەستىقلاپ، ئۇنى ICT باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە قىلغان.  بۇ ھۆججەتتە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خۇاۋېي ئاپتوموبىل ياسىمايدۇ، ICT تېخنىكىسىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتۇموبىلغا يۈزلەنگەن ICT دېتال تەمىنلەش سودىگىرىگە ئايلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ياخشى ئاپتۇموبىل ياسىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ يىل 4-ئايدا، شاڭخەي خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، خۇاۋېي تۇنجى قېتىم دۇنيا دەرىجىلىك Tier1 تەمىنلىگۈچى (1-دەرىجىلىك تەمىنلىگۈچى) سالاھىيىتى بىلەن كۆرگەزمە سۇپىسىغا چىقتى.  8- ئاينىڭ 9- كۈنى، خۇاۋېي« خوڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسى» نى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە بىر مۇھىم « سىستېما»  خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتۇموبىل ھەل قىلىش لايىھەسى  HiCarنىمۇ ئوتتۇرغا چىقاردى.
微信图片_20190902022553.jpg
خۇاۋېي ئىستېمالچىلار كەسپىي يۇمشاق دېتال بۆلۈمىنىڭ لىدىرى دوكتور ۋاڭ چېڭلۇ، خۇاۋېي ئاچقۇچىلار يىغىنىنىڭ باش تېمىلىق نۇتقىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، مەشغۇلات سىستېمىسى كۈچلۈك تەقسىملەنمە ئىقتىدار ئاساسىدا، HiCar سېستىمىسى يان تېلېفون بىلەن ئاپتوموبىل ئارىسىدىكى ئۇلاش ئارقىلىق، ئۈچ قەۋەت ئۆلچەم ۋە ئىقتىدارنى ئاساس قىلىپ، يان تېلېفون ۋە ئاپتوموبىل ھەمكارلىق بايلىقى كۆلچىكى بەرپا قىلىپ، يان تېلېفون مۇلازىمەت ئېكولوگىيەسىنى ئاپتوموبىل ئىچىگە كېڭەيتىش كېرەك.  
يەنە بىر تەرەپتىن، HUAWEI HiCar بىر ئېچىۋېتىلگەن ئېكولوگىيە سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ سىجىل قىممىتىنى يارىتىشىغا ۋە ئاشۇرىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ ئەقلىي ۋە بىخەتەر بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقلا ئېچىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كېرەك.  
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئاپتوموبىل ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۈچ خىل يېڭى تەسىرات ئېلىپ كېلىدۇ:
1.يان تېلېفوننى مەركەز قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ماڭغاندا ، ئائىلىدە ياكى ئاپتوموبىلدا چەكلىمىسىز باغلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.  
2.. يان تېلېفون بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ قاتتىق دېتال مەنبەسى، سىستېما ئىقتىدارى، مۇلازىمەت ئېكولوگىيەسىنى تېز سۈرئەتتە بىرلەشتۈرۈپ، ئابونتلارغا بارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ خۇددى بىر مەۋھۇم دەرىجىدىن تاشقىرى ئۈسكۈنىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ .
3. قوللىنىشچان ئەپ ۋە مۇلازىمەتلەردىن كۆپ ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ ، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاپتوموبىل ئىچى ۋە ئاپتوموبىل سىرتىدا چەكلىمىسىز ئالاقە شەكىللەندۈرىدۇ.
  HiCar ئاساسىدا، يان تېلېفون بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ چەكلىمىسىز ئۇلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يەنى ئاپتوموبىل ئېكرانىدا يان تېلېفون ئىشلىتىش، مەسىلەن، مۇزىكا، يول باشلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.  يەنە ئاپتوموبىلدىكى تېلېكامىرادىن پايدىلىنىپ يول بويىدىكى مەنزىرىدىن بەھرىمان بولغىلى ھەمدە يان تېلېفوندا ئاپتوموبىلنىڭ ھالىتىنى كۆرگىلى ياكى ئاپتوموبىلدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېچىپ قويغىلى، يان تېلېفون قۇلۇپىنى ئېچىش ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئەتكىلى بولىدۇ.  ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قىلالايدىغىنى يەنە بەك كۆپ...   
微信图片_20190902024351.png
خۇاۋېي HiCar ئىككى مۇھىم ئېچىۋېتىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىدى:
1.كۆچمە ئۈسكۈنە قوللىنىشچان ئەپ ۋە مۇلازىمەت ئۇلاش  ۋە ئېچىش ئىقتىدارى (HiCarKit) : خۇاۋېي يان تېلېفون قوللىنىشچان ئەپلىرىگە HiCarKit ئېچىۋېتىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىدى، يانفون ئەپلىرى ئارقىلىق چەكلىمىسز ھالەتتە ئاپتۇموبىلنىڭ ئۈسكۈنە ۋە سانلىق مەلۇماتىنى ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ، يانفوندىكى ئەپلەرنى ئىنتايىن قولاي ھالەتتە HUAWEI HiCar غا ئۇلىغىلى بولىدۇ .
2.ئاپتوموبىل ئۈسكۈنە قاتتىق دېتاللىرىنى ئۇلاش ۋە ئېچىش ئىقتىدارى (HiCarSDK) : خۇاۋېي ئاپتوموبىل قاتتىق دېتال سودىگەرلىرىگە HiCarSDK ئېچىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىدى، ئاپتۇموبىل قاتتىق دېتاللىرىنى ئۇلاش ئىنتايىن قولايلىق . بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قوللىنىشچان ئەپ ئاچقۇچىلار ۋە قاتتىق دېتال زاۋۇتلىرىنى جەلپ قىلدى.  ھەمكارلىق جەھەتتە، خۇاۋېينىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش كۆرۈنمە چاستوتىسىدا پەيدا بولغان ئاپتوموبىل ماركىسى بولسا ۋولۋو ئاپتۇموبىلى بولۇپ، ئىلگىرى خۇاۋېي بىلەن ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقان ئىدى.  ۋولۋو كېيىنكى ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ئالاقە سىستېمىسىدا، خۇاۋېي ئەپ بازىرى قاتارلىق« ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالاقە تورى» مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ.  ۋاڭ چېڭلۇ دوكتورنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل سەپلىمىسى HiCar  30 نەچچە ئاپتوموبىل زاۋۇتى، 120 نەچچە خىل ئاپتوموبىل تىپىنى قوللايدىكەن. ئاپتوموبىلغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ خۇاۋېيدىكى مۇھىملىقىغا قارىتا، خۇاۋېينىڭ نۆۋەتچى باش مۇدىرى شۈ جىجۈن ئىلگىرى يانتېلىفۇن كەسپى بىلەن سېلىشتۇرغان:” بەلكىم 10 يىلدىن كېيىن ئاپتوموبىل كەسپىدە خۇاۋېينىڭ كۈچى ئىنتايىن زور بولۇشى مۇمكىن، ھازىرقى يانتېلىفون كەسپىگە ئوخشاش .  “

ئالما ۋە گوگىلنى توسۇپ زەربە بېرىش ، ئاپتۇموبىل ئالاقە تورى ئېغىزىدا مەھكەم ئولتۇرۇش

خۇاۋېي HiCar ۋە خوڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ پەرقى بار. Hicar بولسا بىر مەھسۇلات، خوڭمېڭ بولسا بىر سىستېما، يەنى ئەپ ۋە سىستېما ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاپ كېتىدۇ.
  HUAWEI HiCar نىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغىنى يانفون بىلەن ماشىنىنىڭ ئالاقىسى بولۇپ، ئاپتوموبىل مەشغۇلات سىستېمىسى ئەمەس.  ئەمما خۇڭمىڭنىڭ رولى ماشىنا بىلەن قاتتىق دېتاللارنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئادەم بىلەن ئۆزئارا مەشغۇلات قىلىشتىن ئىبارەت.
Hicar يەنە ئالما شىركىتىنىڭ Carplayگىمۇ ئوخشاپ كىتىدۇ، بۇرۇنقى ئاپتوموبىل سىستېمىسى ئادەتتە ئاپتۇموبىل زاۋۇتلىرى يېتەكچىلىك قىلىنىپ مۇستەقىل لايىھىلەنگەن، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان سېستىمىنى ئۈچىنچى تەرەپ ئاچقۇچىلار ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا ياردەملىشىپ ئايرىم زاكاز قىلىپ بېرىدۇ.  شۇڭا ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتى ئىنتايىن ناچار بولغان، ھەمدە ھەر قايسى ماركىلار ئارىسىدا قوللىنىشچان ئەپلەرنى يۆتكەش ياكى ئۇلاش تەس بولغان، ھەتتا ئوخشاش بىر ماركىدىكى ئوخشىمىغان ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىرلىككە كەلتۈرەلمىگەن. 2014-يىلى، ئالما ۋە گۇگېل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ carplay ۋە Android Auto قاتارلىق ئاپتۇموبىل يانفونىنىڭ لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، تۆۋەن تەننەرخلىق، كونترول قىلغىلى بولىدىغان ھەمدە تېز سۈرئەتتە ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرىدىكى ئەۋزەللىكىنى ئاپتوموبىل ئىچىگە ئېلىپ كىرىشنى مەقسەت قىلغان.  
6acf14e9gy1fue27645coj218g257npe.jpg
بۇ يىل 6-ئايدا ئالما ئەپ ئاچقۇچىلار يىغىنىدا CarPlayگە يەنە بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى كۆپەيتتى ھەمدە پۈتۈن يەر شارىدىكى% 75تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئالمىنىڭ CarPlay نى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى . گەرچە CarPlay بەزى ئاساسىي يانفون دېتاللىرىنى، مەسىلەن يول باشلاش، مۇزىكا قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئاپتوموبىل ئېكرانىغا تاشلىيالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ پەقەت يانفون ئېكراننىڭ ئورنىدا مەۋجۇت بولىدۇ.  سىز CarPlay ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، يەنىلا يانفون بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان بولىسىز، ماشىنا بىلەن ئەمەس.  سىز پەقەت ئاپتۇموبىلدىكى چوڭ ئېكران، ياڭراتقۇ ، مىكروفون قاتارلىق زاپچاسلارنى ئىشلەتتىڭىز، تۆۋەن قاتلامدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىڭىز يەنىلا ئۇلانمايدۇ .  

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، خۇاۋېي پەقەت يانفۇننى ئىكرانغا << تاشلاپ>> لا قويمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇلار
HiCarSDKنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق، يان تېلېفون تېرمىنالى ۋە ئاپتوموبىل تېرمىنالىنى تۇتاشتۇرۇپ ھەمدە فىزىكىلىق ئۇلىماي تۇرۇپلا، ئاپتوموبىلدىكى تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچىدەك قىلىدۇ.   HiCar نىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغىنى يان تېلېفون بىلەن ماشىنا ئالاقىسى، يان تېلېفون بىلەن ماشىنا ئوتتۇرىسىدا  ئالاقە لىنىيەسى بەرپا قىلىپ ، يان تېلېفوننىڭ قوللىنىشچان ئەپ ۋە مۇلازىمىتىنى ئاپتوموبىلغا كېڭەيتىپ، ئاپتوموبىل بىلەن يان تېلېفون، ۋە باشقا IOT ئۈسكۈنىلىرى ئارىسىدا تولۇق ئالاقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.  
微信图片_20190902132438.jpg
ئۆز ئارا ئالاقە ئەمەلگە ئاشسىلا بۇ يېتەرلىك بولامدۇ؟  خۇاۋېي: ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىزدە يەنە مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ بار.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رېن جېڭفېي زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا خوڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بەزى ئىنچىكە ئۇچۇرلىرىنى تىلغا ئالغان.  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، خوڭمېڭنىڭ پەيدا بولۇشى ئەسلىدە يان تېلېفون ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەشيا تورى ئۈچۈن.  مەسىلەن، ئاپتوماتىك ھەيدەش، سانائەتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، چۈنكى ئۇ كېچىكتۈرۈش ۋاقتىنى 5 مىللىسېكۇنتتىن تۆۋەن قىلىپ، ھەتتا مىللىسېكۇنت ۋە مىللىسېكۇنت دەرىجىسىگىچە توغرا كونترول قىلالايدۇ،  بولۇپمۇ ئاپتوماتىك ھەيدەش. بىر ئاپتوموبىل ھەيدەش سىستېمىسى ئىجرا قىلىدىغان يۇمشاق دېتال سېزىش، كونترول قىلىش، تەدبىر بەلگىلەش، ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق بىر قاتار يۇقىرى ھېسابلاش سەرپىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لوگىكىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ، بىخەتەر ئىشەنچىلىكلىكىگە بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تەرتىپ.  ھەر خىل سىنزور، قوزغاتما ۋە مودېملا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەشغۇلات قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەش، ھېس قىلىش قاتارلىق ھېسابلاش ئۇسۇلى پۈتۈنلەي مۇستەقىل بۆلەك بولۇپ، ئۆز ئالدىغا خىزمەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆلچىمى بىردەك، بىرلىككە كەلگەن ئالاقە تىلى ئىشلىتىش كېرەك.  ھەر بىر بۆلەك باشقا بۆلەكلەرنىڭ ماسلىشىشىغا موھتاج، يەنى بىز دائىم دەيدىغان تەقسىملەنمە ھەمكارلىق سىستېمىسى.  
微信图片_20190902133944.jpg
خۇڭمېڭ OS تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن، 2020-يىلى خۇڭمېڭ OS 2. 0 نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ نۇسخىدا ئىچكى يادرو ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان رامكا ئۆزلۈكىدىن تەتقىق قىلىش، ھەممىباب مىكرو ئىچكى يادرو قۇرۇلمىسى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق شەكىل ئامبىرى، كۆپ تىل بىلەن بىر تۇتاش تەرجىمە قىلىش قاتارلىق ئىھتىياجلارنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا 2.0 نۇسخىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن PC ،قول سائىتى، بىلەيزۈك ۋە ئاپتوموبىل ئىكرانى قاتارلىقلاردا ئىجرا بولىدۇ .  شۇڭا ئەڭ تېز بولغاندا كېلەر يىلى ئىستىمالچىلار خوڭمېڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاپتوموبىلدا ئىجرا بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.  شەك-شۈبھىسىزكى، ئاپتوموبىل تورى خۇاۋېي كەلگۈسىدىكى كېڭىيىشتىكى يادرولۇق كەسىپلەرنىڭ بىرى.  ئاپتوموبىل سىستېمىسى پەقەت خۇاۋېينىڭ ئاپتوموبىلغا يۈرۈش قىلىشتىكى بىر باشلىنىش نۇقتىسى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 ئاقچا +20 يىغىش سەۋەبى
alip + 50 + 20 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

مۇكەممەللىك ئاددىيلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بولىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部