+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-3 11:45 1570 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1-سىنتەبىردىن باشلاپ ، ئامېرىكا 125 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق جۇڭگودىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارلاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى % 10 تىن % 15 كە كۆتۈرۈلدى ، ئالمىنىڭ AirPods、Apple Watch、HomePod ۋە قىسمەن Beats ، iMac مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە بۇ باج قوشۇپ ئېلىندى . ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا 10 كۈن قالمىغان ۋاقىت ئىچىدە بۇ خەۋەر ئالمىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چاققاندەك ئىش بولدى. ئالما ھازىر قىيىن ئەھۋالدا قالدى.

微信截图_20190903111208.jpg

بۇ ئۆستۈرۈلگەن تاموژنا بېجى يۇقارقى مەھسۇلاتلاردىن باشقا iPhone نىڭ رېمۇنت زاپچاسلىرى، ساقلىغۇچ قاتارلىقلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
تاراتقۇلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا ، باھاسىنى ئۆستۈرمىگەن ئەھۋالدا مۇشۇ نۆۋەتلىك تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنسا ، ئالما 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتىشى مۇمكىن . ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 15 -كۈنىدىن باشلاپ يانفوندىن تاموژنا بېجى ئېلىش پىلانىنى ئۆزگەرتمىسە، ئالما شىركىتىنىڭ پايدىسى 5 مىليارد دوللىرى كېمىيىدۇ.
تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىشى ئالمىنىڭ جۇڭگوغا بېقىنىش دەرىجىسىنىڭ ئۆرلىشىدىن بولغان.  گەرچە ئالما ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرىشنى باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا كېڭەيتكەن بولسىمۇ، جۇڭگودا كۆپەيتىلگەن ئالما ۋاكالىتەن زاۋۇتى جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئالمىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت فۇشىكاڭ زاۋۇتىلا 2015-يىلىدىكى 19 تىن 2019-يىلىدىكى 29 جايغا كېڭەيگەن. خې شۇ (Pegatron) سەككىز ئورۇندىن 12 گە كېڭەيگەن.  ۋاكالىتەن زاۋۇتلاردىن باشقا ئالمىغا ئۆزەك، ئاليۇمىن قاپ،  سىم، توك يولى تاختىسى قاتارلىق پارچە زاپچاس تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلارنىڭ %47.6 نى جۇڭگوغا تەسىس قىلغان.
  باھا بېكىتىش تاكتىكىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، گەرچە ئالمىنىڭ ئەڭ بازارلىق مەھسۇلاتى iPhone غا بۇ باجنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى بولسىمۇ ، ئالمىنىڭ بۇ %5 تاموژنا بېجىنى ئىستېمالچىلارغا ئارتىپ قويۇشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوخشاشلا تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تېسلانىڭ پۈتۈن تىپلىرىنىڭ باھاسى ئۆستى . نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىن قارىغاندا، ئەگەر ئالما باھانى ئۆرلەتسە تېخىمۇ تەس كۈنگە قېلىشى مۇمكىن.

5d6cdeaf32ce405ed100006f_1024.jpg

ئالمىنىڭ بۇ يىلقى يانفونلىرى 5G تورىنى قوللىمايدۇ، گەرچە 5G تورى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىمىغان بولسىمۇ، بۇ بىر يېڭى يۈزلىنىش بولغاچقا ئىستىمالچىلار يېڭى يانفونىنىڭ 5G ئىقتىدارى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنى چۈشەنگەن دۆلەت ئىچىدىكى يانفون كارخانلىرى بەس-بەستە 5G يانفونلىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشچە يېڭى ئايفونغا بىر تال كامېرا قوشۇلغان، باتارىيەسى ئازراق چوڭايغان، باشقا ماھىيەتلىك يېڭىلىق يوق. مۇشۇ ئەھۋالدا ئۆستۈرۈلگەن تاموژنا بېجىنى ئىستىمالچىلارغا تېڭىپ ئايفوننىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۋەتسە سېتىلىشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. بۇنىڭ زىيىنى تاموژنا بېجى چىقىمىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.
ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا كۆپلىگەن تورداشلار ئەگەر ئايفوننىڭ باھاسى ئۆسسە سېتىۋالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

5d6cdeaf32ce405ed1000071_1024.jpg

سودا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان تاموژنا بېجى ئالدىدا ، ئالمىنىڭ باھانى ئۆستۈرۈشتىن باشقا يەنە ماڭىدىغان ئىككى يولى بار. كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىش، ياكى بولمىسا ترامپ بىلەن سۆھبەتلىشىپ قايىل قىلىشنى سىناپ بېقىش.
ئامېرىكا بانكىسىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا ، ئەگەر ئالما ئۆزىنىڭ يانفون ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىغا يۆتكەپ كەتسە ، ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ ئەمگەك تارماقلىرىنىڭ كۈتكىنىدەك ئىش بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئامېرىكىغا بىۋاسىتە 20 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ . ئەمما ئالما تېخىمۇ چوڭ زىيان تارتىدۇ. چۈنكى ئامېرىكىدىكى ماتېرىيال ۋە ئادەم كۈچى تەننەرخى % 15 تىن % 25 كىچە ئېشىپ ، ھازىرقى % 15 تاموژنا بېجىدىن تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ئۇنداقتا تىرامپنى قايىل قىلغىلى بولامدۇ؟ تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئالما CEO سى تىم كوك يېقىندا تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈپ « تاموژنا بېجى ئالما شىركىتىنى سامسۇڭ قاتارلىق رىقابەتچىلىرى ئالدىدا پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ » دېگەن، تىرامپ بۇ نۇقتىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

5d6cdeaf32ce405ed1000072_1024.jpg

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجىدىن ئاغرىنغان يالغۇز ئالما شىركىتىلا ئەمەس. 6-ئايدا ۋولمارت، GAP قاتارلىق 600 كۆپ ئامېرىكا كارخانىسى ئاقسارايغا خەت يېزىپ، بۇنداق تاموژنا بېجىنىڭ ئامېرىكا تاۋارلىرىنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى شۇ سەۋەبتىن ئۆستۈرۈلگەن تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ترامپنى قايىل قىلىش نەتىجىسىز بولسا باھانىڭ ئۆرلىشى خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە زىيان يەتكۈزۈپ، شىركەتنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۋېتىدۇ.  تاموژنا بېجى پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئالما  12- ئاينىڭ 15- كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يانفونغا تاموژنا بېجىنى قوشۇشتىن بۇرۇن، تۇيۇقسىز پەيلىدىن يېنىپ قېلىشىنى كۈتمەكتە.  قانداقلا بولمىسۇن، ھازىر ئالمىنىڭ تەقدىرى ئۆزىنىڭ قولىدا ئەمەس.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部