+تېما يوللاش
sewr0998 يوللانغان ۋاقتى:2019-9-3 09:44 796 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

iOS 13 نىڭ سىستېما ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، ئالما AR كۆزەينەك چىقارماقچى


01.jpg


  تۈنۈگۈن چەتئەل تاراتقۇسى MacRumors ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ iOS 13 تىكى سىستېما ھۆججىتىدە AR ئۈسكىنىسى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى بايقىغانلىقىنى، ئالما ARسىنىڭ بەلكىم بىزگە ئانچە يىراق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  پىروگراممىرلار iOS نىڭ رومىدىن«STARTwster» ناملىق بىر يۇمشاق دېتالنى بايقىغان بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتال iPhone نى تاقاش/ قولدا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەت ئوتتۇرسىدا ئالماشتۇرالايدۇ.

  ئۇنىڭدىن سىرىت، پىروگراممىرلار يەنە سىستېمىنىڭ بايان ھۆججىتدە، بىر StarBoardAR ئورگېنال كۆرۈنمە يۈزىنى تاپتى، بۇ ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئالما ھازىر Garta دەپ ئاتىلىدىغان بىر AR ئۈسكۈنىسىنى ئېچىۋېتىپتۇ.

  ئۇنداقتا، بۇ يىلقى ئالما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا AR ئۈسكۈنىسى مەيدانغا چىقامدۇ؟  


دۇنيادىكى تۇنجى «رەقەملىك ئادەم» پات ئارىدا دۇنياغا كەلمەكچى


02.jpg


  78 ياشلىق ئامېرىكىلىق يازغۇچى ئاندىرۇ كاپلان «AndyBot» بولۇشقا قوشۇلۇپ، بىر رەقەملىك ئادەمگە ئايلانغان. كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر كۆچمە ئۈسكۈنە ياكى ئامازون قاتارلىق تاۋۇش ھېسابلاش سۇپىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن «پاراڭلىشالايدۇ» ، ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا، ئۇنىڭ ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا بولىدۇ. بۇ كاپلاننىڭ تۇنجى «رەقەملىك ئادەم» بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن، بۇلۇت سۇپىسى ئۈستىدە مەڭگۈ ھايات ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدىغىنى Here After ئىسىملىك يېڭى قۇرۇلغان شىركەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، «رەقەملىك ئادەم» بولسا بىر خىل يېقىن ئائىلە رىشتىسىنى نەچچە ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى.  


كۆپلىگەن تېلېفونلارنىڭ بېشىنى قايدۇرغان ماتېماتىكا سوئالى


0.jpg


  يېقىندا بەزى تورداشلار، تېلېفوننىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھېسابلىغۇچنى ئىشلىتىپ «%10 +%10» نى ھېسابلىغاندا، چىقارغان نەتىجىسى 0.2 ئەمەس، بەلكى 0.11 ئىكەنلىكىنى بايقىغان. نۆۋەتتە تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خۇاۋېي، سامسۇڭ، ئوپپو، شىياۋمى قاتارلىق نۇرغۇن ماركىدىكى يانفونلاردا ئوخشاش نۇسخىدىكى«BUG» مەۋجۇتكەن. جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەھلىل قىلىنىشىچە، بۇنى ھېسابلىغۇچ %10 +%10 نى %10(% 10* 10) دەپ چۈشەنگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنكەن.  


تېسلا Model 3 نىڭ ئىچكى خۇرۇم بېزىكىنى ئەمەلدىن قالدۇردى


04.jpg


  ماسك مۇھىت ئاسراشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، بۇ يىلقى پايچىكلار يىغىنىدا تېسلا ماشىنىلىرىنىڭ ئىچكى بېزەكچىلىكىدە ھەقىقىي تېرە ماتېرىيالى ئىشلىتىلمەيدۇ دېگەنىدى.  ماسك ھازىر بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.  تۈنۈگۈن تېسلا Model3 تىپتىكى ھەقىقىي تېرە ئىچكى بېزەكلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى.  ئۇنىڭدىن باشقا ماسىك يەنە، Model Y غىمۇ 2020-يىلىدىن باشلاپ ھەقىقىي تېرىسىز ئىچكى بېزەك قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  


مىكرو بىلوگ يېڭىچە بىر ئىجتىمائىي ئالاقە مەھسۇلاتى «绿洲» (بوستانلىق)نى ئېلان قىلدى


05.jpg


  مىكرو بىلوگ يېقىندا ئۆز قارمىقىدىكى يېڭى تۇرمۇش مودا ئىجتىمائىي ئالاقە مەھسۇلاتى«绿洲» نى سىناق قىلىشنى رەسمىي باشلىدى، ئابونتلار يانفون نومۇرى ياكى مىكرو بىلوگ قاتارلىق كۆپ خىل تىزىملىتىش شەكلى ئارقىلىق تىزىملىتىپ چىقسا بولىدۇ، لېكىن تىزىملاتقاندىن كېيىن يەنىلا تەكلىپ كودى ئارقىلىق ئاندىن ئىشلىتەلەيدۇ. ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن قارىغاندا، Instagram بىلەن سەل ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىچىدىكى مەزمۇن شەكلى رەسىم ۋە سىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، «ساپ ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكى»نى ئاساس قىلىدۇ.  


«يۇلتۇزلار زەنجىرى» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ياۋروپا سۈنئىي ھەمراھلىرى بىلەن سوقۇشۇش خەۋىپى بار


06.jpg


  «ئالەم بوشلۇقى ئالاقە تورى» دىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ماسك 10 مىليارد دوللار سەرپ قىلىپ، ئالەم بوشلۇقىدا 12 مىڭغا يېقىن سۈنئىي ھەمراھ ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدى.  «يۇلتۇزلار زەنجىرى» پىلانىنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، SpaceX بۇ يىل 5-ئايدا 550 كىلومېتىر كېلىدىغان يەر شارى ئوربىتىسىغا 60 دانە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەن.

  بىراق، بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلغىلى تاس قالدى. ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مۇنداق دېدى: Aeolus ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھ بىلەن سوقۇلۇش خەۋىپى بار بولغاچقا، ئۇلار ئىتتىرگۈچنى قوزغىتىپ، سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى كۆتۈرۈپ، بۇ يوشۇرۇن سۈنئىي ھەمراھنىڭ سوقۇلۇش خەۋىپىدىن ساقلاندى.  يۇلتۇزلار زەنجىرىدىكى غايەت زور سۈنئىي ھەمراھ گۇرۇپپىسى پىلانىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئىش ئالەم بوشلۇقى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى.  

1ئادەم ئىنكاس يازدى

urum131 ۋاقتى: 2019-9-3 18:36:21
مەن خەۋەرنى ئوقۇپلا يانفونۇمنىڭ ھىسابلىغۇچىغا قاراپ باقتىم، ئاددي كۆرۈنمە يۈزىدە ھەقىقەتەن 0.11 چىقىرىدىكەن، لىكىن مۇرەككەپ ھىسابلارنى ئىشلەيدىغان كۆرۈنمە يۈزىدە 0.2 چىقىرىدىكەن ، خوڭمىنىڭ يانفونى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部