+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-2 12:28 2499 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
دۆلىتىمىزنىڭ يانفون كارخانىلىرى ئايدا دېگۈدەك بىر يانفون چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ خىلمۇ-خىل يانفونلار ئىچىدە قايسسىنى تاللاشنى بىلەلمەي بېشى قېتىۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن نۆۋەتتە ئىقتىدار، سۈپەت جەھەتتە كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئۈچ يانفوننى تونۇشتۇرىمىز.

1. خۇاۋېي 华为 P30
ئىستىمالچىلار ياختۇرۇپ، ئەڭ ياخشى باھا بەرگەن يانفون. بۇ يانفوننىڭ يارقىن نۇقتىسى نۆۋەتتىكى رەسىم تارتىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى يانفون.
P30 Pro نىڭ كەينىگە تۆت دانە كامېرا ئورنىتىلغان، ئۇلار: f/2.2、16mm لىق 20 مىليون پىكسېللىق ئالاھىدە كەڭ بولۇڭلۇق كامېرا؛ دۇنيا بويچە تۇنجى بولۇپ RYYB نۇر سۈزگۈچلۈك CMOS,f/1.6、27mm、OIS ئورنىتىلغان كەڭ بولۇڭلۇق 40 مىليون پىكسېللىق كامېرا، 8 مليون پىكسېللىق ئۇزۇن فۇكۇسلۇق كامېرا f/3.4、5、125mm、OIS ۋە ToF كامېرادىن ئىبارەت.
بۇ كامېرا گۇرۇپپىسىدا تارتىلغان رەسىم ئىنتايىن سۈپەتلىك. بولۇپمۇ يىراقتىكى مەنزىرىنى چوڭايتىپ رەسىمگە تارتىش، كېچىدە رەسىمگە تارتىش جەھەتتە نۆۋەتتە باشقا ھېچقانداق يانفون بۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ.

p30pro.png

5 ھەسسە ئوپتىكىلىق فۇكۇس ئۆزگەرتىش، 10 ھەسسە ئارىلاش فوكۇس ئۆزگەرتىش، زىيانسىز چوڭايتىش، 50 ھەسسە رەقەملىق فوكۇس ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بار. تارتماقچى بولغان ئوبېيكتىپنى 10 ھەسسە چوڭايتىسىمۇ سۇسلاپ كەتمەيدۇ.
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى بوبرا كىيىك 980 ، باتارىيەسى 4200mAh تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، ئەكىس يۈنىلىشتە زەرەتلەشنى قوللايدۇ.
P30 تۈرىدىكى يانفونلارنىڭ ئۈچۈنچى تەرەپ سۇپىلىرىدا تورداشلار قالدۇرغان ئىنكاس 400 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بۇلۇپ، ياخشى باھا %97 گە يېتىدۇ.

2. iQOO Neo
iQOO Neo غا تورداشلار ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرى، ئىنكاسى تېز، توكىنىڭ يېتىشى، ئىسسىقلىق تارقىتىشى ياخشى دەپ باھا بەرگەن.

neo1.png

بۇ يانفون ئالدىنقى ئايدا بازارغا سېلىنغان بولۇپ، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى كۇۋالكوم 845 ، ئىچكى ساقلىغۇچىسى 6G لىق UFS2.1 ، ئېكرانى: 6.38 دىيۇم  .  Super AMOLED
باتارىيەسى 4500mAh ؛ تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. كەينىگە قوش يادرولۇق 12 مىليون+ 8 مىليون +2 مىليون پىكسېللىق ئۈچ كامېرا ئورنىتىلغان. ئالدى كامېراسى قوش يادرولۇق 12 مىليون پىكسېل. تامچە شەكىلدە.
ئېكرانى بارماق ئىزى تونۇيدۇ. Type-C ئېغىزى بار.
بۇنداق سەپلىمىدىكى 2000 يۈەندىن تۆۋەن يانفوننى تاپماق تەس.



3. يىجىيا 一加7 Pro
بۇ يانفون تورداشلار تەرىپىدىن دۆلىتىمىز ئاندرويد يانفونلىرىنىڭ ئەڭ نوچىسى دەپ تەرپلەنمەكتە.
بۇ يانفونغا كۇۋالكوم 855 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، +2K ئېنىقلىقتىكى 90Hz چاستوتىدىكى 6.67  دىيۇم   AMOLED ئېكران سەپلەنگەن. ئېكرانى بارماق ئىزى سېزىدۇ. باتارىيەسى 4000mAh ؛ تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، NFC قوللايدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچقا تېز سۈرئەتلىك UFS 3.0 ئىشلىتىلگەن.
4000 يۈەنلىك باھا، مۇشۇنداق سەپلىمە بىلەن سۈرئەت، ئىنكاس جەھەتتە سامسۇڭنىڭ 6000 يۈەنلىك يانفونىدىن تېز.

pro.jpg

بۇ يانفوننىڭ خەلقئرا بازاردىمۇ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. چەتئەللىكلەرنىڭ باھاسىمۇ ئىنتايىن ياخشى.

بۇ يانفونلار ئالپ يانفون بازىرىدا بار. سېتىۋالماقچى بولساڭلار بۇ يەرنى چېكىپ كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部