+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-9-1 12:36 3214 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-9-1 12:28  

تور، ئۈندىدار زامانىۋىي پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئومۇملىشىپ نۇرغۇن قولايلىقلارنى ياراتتى. نۇپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن تارتىپ شەخىسلەرگىچە ئۈندىدار سالونلىرىنى قۇرۇپ پايدىلىق سىياسەت ئۇچۇرلارنى، پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى، بىلىملەرنى، كۆڭۈل ئېچىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى... قاتارلىق ئىجابىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ كىشىلەرنىڭ ماددىي، مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.
سالوندىن پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالغان بىر قىسىم ماڭقۇرتلارمۇ بۇ ساھەگە كىرىپ تور دۇنياسىنى بۇلغىماقتا. ئۆزىدە يوللىغۇدەك نەرسە بولمىغاندىكىن باشقىلارنىڭكىنى كۆچۈرۈپ يوللاپ باقتى. كۆچۈرگەن نەرسىنىڭ كۆرۈلۈشى ياخشى بولمىغاندىكىن مانداق كارامەت دېتال بار، سالونىمىزغا مانچىنى يوللىسىڭىز ئەۋەتىپ بېرىمىز دەپ تورداشلارنى ئالداپ باقتى. ئۇنىڭمۇ تازا بازىرى چىقماي «سولامچىلىق» قىلىپ، جىنايەت يولىغا مېڭىۋاتىدۇ.

微信截图_20190901115536.jpg

1. ھەر قانداق دېتال، ئەپ، سىستېما بىلەن يانفونىڭىزنىڭ 3G تورىنى 4G تورىغا كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇنى كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، تېلگىراف دېگەندەك خەۋەرلىشىش شىركىتى قىلىپ بېرىدۇ. سالونغا مانچىنى ئەۋەتسىڭىز 4G غا كۆتۈردىغان ئەپ ئەۋەتىپ بېرىمىز دېگەننىڭ ھەممىسى يالغان.

1000.jpg

2. شۇنىڭغا ئوخشاشلا 4G تورىنى سىز بىرەر ۋاستە بىلەن 5G گە كۆتۈرەلمەيسىز. يانفونىڭىزدا 5G مودېمى بولۇشى، سىز تۇرۋاتقان يەردە 5G تارقىتىش ئاساسىي پونكىتى بولۇشى، سىز تەۋە خەۋەرلىشىش شىركىتى 5G سىگنالىنى تارقىتىپ مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى ئېچىشى كېرەك. ئۈرۈمچىدە 5G تورى سىناق قىلىندى، سالونغا مانچىنى ئەۋەتسىڭىز يانفونىڭىزنىڭ 5G تورىنى ئاچىدىغان ئەپنى ئەۋەتىپ بېرىمىز دېگەننىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق.

微信截图_20190901120534.jpg

3. يانفون نومۇرى ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەشنى پۇقرالار قىلالمايدۇ. ھەم قانۇنغا خىلاپ. سالونىمىزغا مانچىنى ئەۋەتسىڭىز بىر دېتال ئەۋەتىپ بېرىمىز، قارشى تەرەپنىڭ يانفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپلا ئورۇن بەلگىلەپ نەدىلىكىنى بىلەلەيسىز دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق.
4. خەنزۇچە خەتنىڭ ئۈستىگە پىنيىن، ئاستىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى چىقىدىغان خەت نۇسخىسى دېگەننىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق. خەتنىڭ ئۈستىگە پىنيىن چىقىدىغان خەت نۇسخلىرى كۆپ، 爱字体 دېگەن دېتالدىن ئۆزەڭلار قاچىلىۋالساڭلار بولىدۇ. ئەمما بىر خەت نۇسخىسى بىلەن تەرجىمىسىنى چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. خەت نۇسخىسى دېگەن خەتنى ھەر خىل شەكىلدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ تەرجىمە قىلىش رولى يوق، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.
5. 15 يۈەنگە 2500 يۈەنلىك يانفون ئېلىۋېلىڭ دېگەن مەزمۇندىكى يازمىلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق. بېل گەيتىس، مايۈن دېگەندەك پۇلى ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدىغان مىليادېرلار تارقاتمىغان 15 يۈەنلىك يانفوننى جېنىنى ئاران بېقىۋاتقان سالونچى قانداق تارقىتالايدۇ؟

微信截图_20190901114650.jpg

ئاۋۇنىڭدىكى تىجارەت كېنىشكىسىگە قارىسىلا ئالدامچىلىقى مانا مەن دەپ چىقىدۇ. باشقىلارنىڭ تىجارەت كېنىشكىسىنى فوتوشوپتا ئۆزگەرتىپ چىقىرىپتۇ.

5. ئاستىدىكى 在看 نى بېسىپ قويسىڭىز داۋامى چىقىدۇ، ۋاقتىدا بېسىۋېلىڭ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قويۇلمايدۇ دەيدىغاننىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق. 在看 دېگەن كۆرۈۋاتىمەن دېگەن گەپ، ئۇنى باسسىڭىز بىرەر نەرسىنىڭ داۋامى قويۇلمايدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە كۆرۈۋاتقىنىڭىزنى تورداشلىرىڭىز بىلەلەيدۇ. ئاۋۇ پىسپاس يازمىنىڭ كۆرۈلۈشى ئاشىدۇ. شۇ مەخسەتتە ئازغىنە پۇلنى دەپ ئاچا-سىڭلىسىنى سولاپ بېرىدىغان بىر قىسىم سولامچىلار شەھۋانىي ماۋزو، رەسىم چىقىرىپ، داۋامىنى 在看 ننى باسسىڭىز كۆرەلەيسىز دەپ يېزىپ قويىدۇ. ئۇنى بىلمىگەن كىشىلەر داۋامىنى كۆرىدىغان ئوخشايمەن دەپ «زەيكەن» نى بېسىپ ئۆزىنىڭ ئەپتى بەشىرىسنى باشقا تورداشلىرىغا ئاشكارىلايدۇ. بەزىلەرنىڭ كىچىك باللىرى ئاتا-ئانىسنىڭ يانفونىنى ئويناپ شۇ يەرنى بېسىپ قويىدىكەن.
دۆلىتىمىز قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت. ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش، ئىپپەت نومۇسىنى سېتىشقا، پاھىشىۋازلىق قىلىشقا تەشكىللەش، شارائىت يارىتىپ بېرىش، توردا شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش قانۇن بويچە جازالىنىدىغان جىنايەتكە كىرىدۇ. تور دۇنياسىمۇ قانۇننىڭ سىرتىدا ئەمەس. بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئالاقىدار ئورگانلار توردىكى شەھۋانىيلىققا زەربەت بېرىپ، قانۇنسىز مەزمۇنلارنى، شەھۋانىي، سېرىق مەزمۇندىكى ئۇچۇر تور بەتلەرنى تازىلاۋاتىدۇ، شۇنداق مەزمۇنلارنى يوللىغانلارغا قانۇن بويچە چارە كۆرۈۋاتىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» نىڭ 67 – ماددىسى:
باشقىلارنى ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشقا قىزىقتۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
  68 – ماددا شەھۋانىي كىتاب – ژۇرنال، سۈرەت، فىلىم، ئۈن – سىن ھاسىلاتى قاتارلىق شەھۋانىي بۇيۇمنى ئىشلىگەن، توشۇغان، كۆپەيتكەن، ساتقان، ئىجارە بەرگەنلەر ياكى كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى، تېلېفون ۋە باشقا خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، شەھۋانىي ئۇچۇر تارقاتقانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
  69 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:
  (1) شەھۋانىي ئۈن – سىن فىلىمى قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر؛
  (2) شەھۋانىي ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر ياكى شەھۋانىي ئويۇن قويغانلار؛
  (3) توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغانلار.
  باشقىلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
بىر جۈمىلە ماۋزو بولامدۇ، بىر تال رەسىم بولامدۇ شەھۋانىي مەزمۇنلا بولىدىكەن شەھۋانىي ئۇچۇر تارقاتقانغا تەۋە.
6. ئىسمىم پالانى (بىر قىزبالىنىڭ ئىسمى ۋە تەنناز چەتئەللىكنىڭ بىرسىنىڭ رەسىمى بار) ، بىلى توم لايىق ئىزدەيمەن... دەپ چىقارغان سالون يازمىسىنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق. ئۇنىمۇ ئوخشاشلا ئاستىدىكى 在看 نى (ياكى ئېلاننى) باسسىڭىز ئالاقە نومۇرۇم چىقىدۇ دەپ ئالدايدۇ. بۇمۇ ئوخشاشلا شەكىلى ئۆزگەرگەن سولامچىلىق.

ئالدىندىغانلار بولمىسا ئالدامچى بازار تاپالمايدۇ، شەھۋانىي مەزمۇن كۆرىدىغانلار بولمىسا شەھۋانىي مەزمۇن يوللايدىغانلار بازارلىق بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ ھايۋانى نەپسى بىلەن شۇنداق مەزمۇننى كۆرۈۋاتقان تورداشلار قىزىڭلارنىڭ، ئاچا-سىڭلىڭلارنىڭ سىلەر كۆرگەن مەزمۇننى كۆرۈۋاتقاندىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار.

7ئادەم ئىنكاس يازدى

13139744004 ۋاقتى: 2019-9-1 13:55:54
ماۋۇ جىڭ گەپ مانا ھە باللا مۇشتاق ئىش ئاۋۇپ كەتتې ھازىر ساختىپەزلەر كۆپ
alimalmas ۋاقتى: 2019-9-1 16:44:47
ھەجەپ جايىدا يوللاپسىز مۇشۇ تېمىنى،  بەك ئەدەپ كەتكەن بۇ قۇمسىلا
tayir117 ۋاقتى: 2019-9-1 19:44:07
جىڭ گەپ بوپتۇ مانا،  نەدىكى ساددا قېرىنداشلىرىمىزنى ئالداپ ئويۇن ئويناۋاتقانلار بەك كۆپ
uqkun77 ۋاقتى: 2019-9-2 13:04:46
گەپلىرىڭىز شۇنداق ئورۇنلۇق، لىكىن سەت گەپلەرنى قىلمىغان بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.
شۇنداق سالۇنلارنى كۆرسەملا پاش قىلىپ تۇرىۋاتىمەن، لىكىن ئازايماقتا يوق بارغانسىرى جىقلاۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن، مەن ھۆرمەت قىلىدىغان بەزى ئايال خىزمەتداشلىرىمنىڭمۇ زەيكەن قىلغان مەزمۇنلىرىنى كۆرۇپ ھەيران قالدىم، دوسلارنىڭ  شۇ كونۇپكىنى ئىھتىيات بىلەن بىسىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.
urum131 ۋاقتى: 2019-9-3 18:59:26
      خىلى ئوبدان مەزمۇن يوللايدىغان سالونلارمۇ تۇرۇپ تۇرۇپ،  ئاشۇنداق سالونلارنىڭ باشقا تۈردىكى ئېلان تىمىلرىنى چىقىرىۋالىدىكەن، كۆرۈپ باقساق خىلى تۈزۈكتەك كۆرۈنگەن، شۇنىڭ بىلەن قانداراق سالوندۇ دەپ چىقساق ساپلا ئاشۇنداق نەرسىلەرنى يوللايدىغانلار....
     شۇڭىمۇ ئۇزۇن بولدى ۋېيشىن دىگەن نىمىنى ئاچمىغىلى، زىرىككەن-تىرىككەن يەرلەرگە ئانچە-مۇنچە قىسقا ۋىدىئو كۆرەپ يۈردۇق.
良心的男 ۋاقتى: 2019-9-4 21:09:37
يارايسىز ئاجايىپ ئىسىل تىما
kiris ۋاقتى: 2019-9-28 14:32:25
بولسا مۇشۇ ئۇچۇرنى تىڭشۈن ئورگان سالونى ۋە نۇر تورى دىگەندەك تورلاردا تارقالغان بولسا ياخشى بۇلاتتىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部