+تېما يوللاش
ياغمائى يوللانغان ۋاقتى:2019-8-30 15:25 1558 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
‌ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ كۈز پەسىللىك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى (بېيجىڭ ۋاقتى) 9.ئاينىڭ11. كۈنى سائەت 01:00 دە باشلىنىدىكەن. ئېلان قىلىنىش ۋاقىتنىڭ يېقىنلىشىىشغا ئەگىشىپ، تاراتقۇلاردا بەزىلەر يېڭى تىپتىكى ئالما تېلفۇنلىرىنىڭ سىرتقى شەكلى، سەپلىمىسى توغرىسىدا ھەرخىل پەرەز ۋە كۆزقاراشلار بولۇنغان ئىدى. بولۇپمۇ ئېلان قىلىنىش ھەققىدىكى خەۋەرلەر تاراتقۇلارنى قاپلىغان ئىدى. ئاخىرى، ئالما شىركىتى ئۆزى مەھسۇلات ئېلان قىلىنىش يىغىنى تەكلىپنامىسىنى ئەۋەتتى.
817587a515a84acdc52e4a898288704b.jpg
ئالما ئورگان تەرەپ يوللىغان تەكلىپنامەدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ، ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىنىش ۋاقتى تاراتقۇلاردىكى پەزەرلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش چىققان. يەنى بۇ يىللىق كۈز پەسىللىك ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەن سائەت10دا ( بېيجىڭ ۋاقتى 9.ئاينىڭ 11. كۈنى كېچە سائەت 01:00 دە)، كالفورنىيە شىتاتى ئالما شىركىتى باش شىتابىدىكى ستېۋىن جوبېس تىياتىرخانىسىدا باشلىنىدىكەن.  ئەسلىدىكى ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسى بويىچە ئىسىم قويۇلغان، يەنى iPhone 11 ،iPhone 11 Pro ۋە iPhone 11 Pro Max دەپ نام بېرىلگەن.

88c3812097da3a2fa0e9893955ca847b.jpg

تاراتقۇلاردىكى بۇ يىللىق يارقىن نۇقتا بولسا، يېڭى ئايفونلار ئەسلىدىكى كۈمۈشرەڭ، قارا، ئالتۇنرەڭ، قىزغۇچ ئالتۇنرەڭ قاتارلىق رەڭلەرنى خاتىمە بېرىپ، كۆپ خىل رەڭلىك، ئۆزگىرىشچان ھەسەن-ھۈسەن رەڭلىك بولۇشى مۈمكىن. ئالما تەرەپنىڭ تەكلىپنامىسىدە دېيىلىشچە، يېڭى ئايفونلارنىڭ لوگوسى يېشىل، كۆك، قىزىل، سېرىق ۋە سۆسۈن قاتارلىق بەش خىل رەڭدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، مۇشۇ رەڭلەرنى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىگە يېپيېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون ئىشلەتكەندەك تەسىرات بېرىدىكەن.  

S576215a0-d0ea-4bfd-9cfa-92a915019f89.jpg

يەنە تاراتقۇلاردا ئايفون 11،  pro ، pro max لەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئايرىم ئايرىم 5.8 ، 6.5، 6.1 دىيوملۇق بولۇشى مۈمكىن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 6.1 دىيۇملىقى بولسا ئالدىنقى ئەۋلاد ئالما xrنىڭ داۋامى دېيىلگەن. گىرۋەكلىرى يەنىمۇ كىچىكلىگەن، لېكىن قالغان ئىككى خىل تىپتىكىسىنىڭ گىرۋىكىدىن يەنىلا چوڭراق. يەنە، بۇ ئەۋلاد ئايفونلارغا  7 نانومېترلىق A13 ئۆزەك، ئۈچ كامىرا ، سەپلىنىشى مۈمكىن دېيىلگەن.   ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەمنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغى، بۇ ئەۋلاد ئايفونلارنىڭ باتارىيەسى چوڭايتىلغان بولۇپ، ئالما تىڭشىغۇچىسى، قول سائىتى قاتارلىق ئۈسكىنىلەرگە تېلفوندىن سىمسىز زەرەتلەشكە بولىدۇ. 10 كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى ئەۋلاد ئايفونلار ھەقىقەتەن تاراتقۇلاردا دېيىلگەندەكمىدۇ ؟

ھازىرقى تارقالغان ئۇچۇرلاردا بۇ يېڭى ئايفونلارنىڭ ئاساسى سەپلىمىسى تۆۋەندىكىدەك:

Sa9977164-16b7-4063-8330-d13d7f573863.jpg

قالغىننى رەسمىي ئېلان قىلىغاندا بىلىمىز. قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز بىزدە بولسۇن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +2 يىغىش سەۋەبى
Alper9 + 2

باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部