+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-29 11:57 1583 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
iOS 13 ئېلان قىلىنغاندا خەت نۇسخىسى ئالماشتۇرۇشنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن. بۇ ئىش iOS 13.1 سىناق نەشىرىدە ئەمەلگە ئاشتى.
يەنى سىستېما نەشىرىنى iOS 13.1 گە كۆتۈرگەندىن كېيىن تەڭشەككە خەت نۇسخىسى دەپ بىر تىزىملىك قوشۇلىدۇ، شۇنى چەككەندىن كېيىن ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرگەن خەت نۇسخىسىغا خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ھازىرچە سىناق نەشىرى بولغاچقا ئالما ئەپ بازىرىغا خەت نۇسخىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەپ چىقىرىلمىغان، پات ئارىدا چىقىرىلىدۇ.
دېمەك ئەمدى ئايفون، ئايپەدلەرگە چىرايلىق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلاش، پىنيىن كۆرۈنىدىغان فونت قاچىلاش ئەمەلگە ئاشىدۇ.

20190828_221607_701.jpg

iOS 13.1 كە يەنە تۆۋەندىكىدەك ئىنىچكە ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلدى.
ئاۋاز تەڭشەش رامكىسى قايتىدىن لايھىلىنىپ، تىڭشىغۇچ سىنبەلگىسنى كۆرۈنىدىغان قىلىندى. AirPods、HomePod لەر ئوخشىمىغان سىنبەلگىدە كۆرۈنىدۇ.

微信截图_20190829113615.jpg

ئايفون، ئايپەدتكە سىرتتىن ئۇلانغان سائەت، ئويۇن تۇتقۇچى قاتارلىقلارنىڭ توك مىقدارى كۆرۈنىدىغان قىلىندى.

20190828_221609_584.jpg

خەرىتىگە ھەمبەھرلىگەن ئورۇنىغا يىتىپ بېرىش ۋاقتىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. iMessage دا ھەمبەھرلىگەن ئورۇن ئۇچۇرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

20190828_221609_814.jpg

تېزلەتمە بۇيرۇقنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئالدىنقى بىر قانچە نەشىرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن؛ بۇ نەشىرىدە ئەسلىگە كەلتۈردى.

20190828_221610_212.jpg

بۇ نەشىرىگە يەنە 14 خىل ھەرىكەتچان تەگ رەسىم قوشۇلدى.

微信截图_20190829113720.jpg

3ئادەم ئىنكاس يازدى

nursoft ۋاقتى: 2019-8-29 12:58:53
ios 10 2.1 گە ماس كېلىدىغان ئۇيغۇچە خەتنى چىرايلىق چىقىرىپ بېرىدىغان Geeza pro  خەت نۇسخىسى  بولسا تەمىنلىگەن بولسىڭىز ……
mirhan ۋاقتى: 2019-8-29 19:57:39
مەن يېڭىلىغانتىم  سىناق نۇسخىسى بولغاندىكىن تېلفۇن قېتۋالدىكەن قايتۇرغىلى بۇلامۇ
10- ۋاقتى: 2019-8-29 23:00:31
ئالما تىلفۇننىڭ پارولىنى كۆپ قىتىم خاتا كىرگۇزۇپ مۇلازىمەتتىن توختىتىپ قويغاندا قاندا قىلىمىز 4s تى بىلىدىغانلا ياردىمىڭلانى ئايىمىساڭلا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部