+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-27 14:05 1938 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
8-ئاينىڭ 26-كۈنى چۇڭچىڭدا ئېچىلغان جۇڭگو خەلقئارالىق ئەقىلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىدە، چاڭئەن ئاپتوموبىلچىلىقى مۇئاۋىن ئىجرائىيە لىدىرى تەن بېن خوڭ چاڭئەن CS75 Plus ئاپتوموبىلىدا يانفون ئىشلەتمەي تۇرۇپ تېڭشۈن شىركىتنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جوڭ شىياڭ پىڭغا بىر ئۈندىدار ئۇچۇرى يوللىدى.

55cf04a3c51b4f0984abf843052d8d05.jpg

بۇ ئۈندىدار ئاپتوموبىل نۇسخىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارە سىناق قىلىنىشى. تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2019-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈندىدارنىڭ ئاپتوموبىل نۇسخىسى سەپلەنگەن ئاپتوموبىللار تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. ئاپتوموبىلدا يانفون ئىشلەتمەي ئۈندىداردا سۆزلىشىش ئەمەلگە ئاشىدىكەن.
ئۈندىدارنىڭ ئاپتوموبىل نۇسخىسى ئاپتوموبىلغا ئالدىن قاچىلىۋېتىلدىغان بولۇپ، كېيىن چۈشۈرۈپ قاچىلاش ھاجەتسىز. نۆۋەتتە ئۈندىدارنىڭ ئاپتوبىل نۇسخىسى پەقەت چاڭئەن CS75 Plus
ئاپتوموبىلىغا ئالدىن قاچىلانغان.
ئۈندىدار ئاپتوموبىل نۇسخىسىغا تىزىملىتىپ كىرىش كومپىيۇتېر نۇسخىسىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىككىلىك كودىنى يانفوندا سىكانېرلاپ كىرىشنى جەزملەشتۈرىمىز. كىرىپ بولغاندىن كېيىن يانفوننىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

b22a0d8d6c324dfa8b67b139d1c2df8a.jpg

ئاپتوموبىل نۇسخىسىدىكى ئۈندىدارغا يەنە قاتتىق دېتال جەھەتتىنمۇ ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان. رولغا مەخسۇس ئۈندىدار كۇنۇپكىسى ئورنىتىلغان.

cbfc9bdb005f435cae582e0820f9be75.jpg

بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ، ئاپتوموبىل نۇسخىسىدىكى ئۈندىدارغا پەقەت ئۈچلا ئىقتىدار سەپلەنگەن. يەنى كەلگەن ئۇچۇرنى ئوقۇش، ئۇچۇر يوللاش، ئۈندىداردا ئاۋازلىق سۆزلىشىش قاتارلىق ئۈچلا ئىقتىدار بار. ئىپادە يوللاش، قىزىل بولاق، پۇل يۆتكەش، رەسىم، سىن، مۇزىكا، كىچىك پروگرامما قاتارلىقلارنى قوللىمايدۇ.

6e0743dcbec04eb683894087aecea914.jpg

سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ئاۋاز ئايلاندۇرۇش، ئوقۇش ئىقتىدارى بار. قولنى رولدىن ئاجىراتماي ئاۋازلىق بۇيرۇق بېرىپ باشقۇرغىلى، ئۈندىدارغا جاۋاپ قايتۇرغىلى بولىدۇ. كەلگەن ئۇچۇرنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىدۇ، خەت كەلسىمۇ خەتنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ ئوقۇپ بېرىدۇ.تەكرار ئاڭلىماقچى بولسا 「重播」دېسە قايتا قويۇپ بېرىدۇ.

3b072a4a7d1443e9aeff78a75d403205.jpg

eca0d9acbb0f4d1f95034d17292d1e5c.jpg

جاۋاب قايتۇرماقچى بولسا ئاۋازلىق 「回复」دېسە جاۋاپ قايتۇرۇش ھالىتىگە كىرىدۇ، ئاندىن ئاۋازلىق جاۋاپ قايتۇرسا بولىدۇ. 「取消」دېسە ئۈندىدار ئالاقە كۆزنىكى تاقىلىدۇ. مەلۇم تورداشتىن ئۇچۇر كەلگەننى ئەسكەرتمىسۇن دەپ ئويلىساق شۇ تورداشتىن ئۇچۇر كەلگەندە 「屏蔽」دېسە ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلسە ئەسكەرتمەيدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +2 يىغىش سەۋەبى
Alper9 + 2 ياخشى دېتال

باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部