+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-25 12:21 1448 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تېڭشۈن پەن - تېخنىكا تورى خەۋىرى، ئالپ تورى تەرجىمىسى.
ئىككى كۈن ئىلگىرى ، ئامېرىكىدىكى بىر گېزىتنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كەسپىي ئورگاننىڭ تەكشۈرۈشىدە بايقىلىشىچە ، يېڭى تىپتىكى ئالما يانفوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن زامانىۋى يانفوننىڭ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن. شۇ سەۋەبتىن 23-ئاۋغۇست ئالما ۋە سامسۇڭ يانفونلىرى يانفون رادىياتسىيەسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىتىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ كوللېكتىپ دەۋاسىغا ئۇچرىغان.



جۈمە كۈنى نۇرغۇن ئىستېمالچىلار ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىي رايونىدىكى فېدېراتسىيە يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.  ئەرزدە ئالما ۋە سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئېلېكتىر ماگنىت رادىئاتسىيەسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ( فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتى) بەلگىلىگەن سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى ، دېدى.
دەۋاگەر يەنە بۇ دېلودا ئىككى شىركەتنىڭ يانفوننىڭ ماتېرىيالىدا مەسىلە بارلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئىككى شىركەت يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى توغرىسىدا ئىستېمالچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىدى.

ChMlWl1eLPaIayVRAACDDFEeKoEAAMtnAL_H30AAIMk056.jpg

  « دۇنيادىكى نەچچە يۈز ئالىمنىڭ قوللىشى بىلەن يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىلىم - پەن نەشر بۇيۇملىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، رادىيو چاستوتىلىق ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ جانلىقلار تېنىگە بولغان تەسىرى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ يېتەكچى سىياسىتىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. ئەيىبنامىدە ، راك كېسىلى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئېشىشى ، زىيانلىق ئەركىن رادىكاللارنىڭ كۆپىيىشى ، گېن زەخىملىنىش ، كۆپىيىش سىستېمىسنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشى ، ئۆگىنىش ۋە ئەستە تۇتۇش كەمتۈكلۈكى ، نېرۋا كېسىلى قاتارلىقلاردا يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ تەسىرى بار دەپ كۆرسىتىلگەن.
چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، iPhone 7، iPhone8، iPhoneX ۋە يېقىندا بازارغا سېلىنغان سامسۇڭ Galaxy يۈرۈشلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يانفونلارنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنى سىناشتا رادىئاتسىيە مىقدارى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن چەكلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن.
دەۋاگەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالما شىركىتى «ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ بىخەتەرلىكىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق خەتەرنى يۇشۇردى» ، ھەمدە ئىستىمالچىلارغا ئالما يانفوندىكى رادىئو چاستوتىلىق ئېلېكتىر ماگنىت رادىئاتسىيەسىنىڭ ناچار تەسىرىنى ئۇقتۇرمىدى.
ئەيىبنامىدە مۇنداق دېيىلدى: ئالما شىركىتى ئىلگىرى يانفون ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ  SAR قىممىتىنى ئاشكارە ئېلان قىلىپ، بۇ ئۈسكۈنىنى ئېلىپ يۈرگەندە بەدەنگە بولغان ئەڭ يېقىن ئارىلىقنىڭ قانچىلىك بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئەسكەرتىش بەرگەن.  ھالبۇكى، مەزكۇر شىركەت iPhone 7 نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشنى توختاتقان.  

20190822_140933_765.jpg

بۇ قېتىمقى دەۋا ئىلتىماسى كوللېكتىپ دەۋا قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئالاقىدار ئىستېمالچىلار دەۋاغا قاتنىشىپ، تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.  دەۋا قىلىنغان يانفونلار iPhone 7 Plus، iPhone 8 ۋە iPhone X ؛ شۇنداقلا سامسۇڭ ئېلېكترونىنىڭ Galaxy S8 ۋە Galaxy Note8 يانفونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  

دەۋاگەرنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى چىكاگو شەھىرى Fegan Scott ئادۋوكاتلىق ئورنى بولۇپ، بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى پەيشەنبە كۈنىدىكى بىر پارچە باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ، بۇنداق كىشىنى قايىل قىلىدىغان بايقاشقا ئېرىشتى، بۇ پاكىت شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، يانفون ياساش سودىگەرلىرى مەقسەتلىك ھالدا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىگە قارىتا ئىگىلىگەن ئۇچۇرىنى يوشۇرغان بولۇشى مۇمكىن، « بۇ بەلكىم يان تېلېفون ساھەسىدىكى چېرنوبىل بولۇپ، ھەممىنى يوشۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن».  
ئىگىلىنىشىچە ، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتىدىن رادىئو چاستوتىلىق ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ئۆلچەمگە يەتمىگەن يان تېلېفون ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزى سىناق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ قېتىم ئىستېمالچىلار كوللېكتىپ دەۋاسىدا سوتتىن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىشنى، شۇنداقلا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئىستېمالچىلارغا زىياننى تۆلەپ بىرىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ داۋالاش نازارەت ھەققى ، تۆلەم ۋە قانۇنسىز ئېرىشكەن كىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部