+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-24 11:39 1621 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2019-8-24 11:39  

ئالىپاي (支付宝)دا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش مۇلازىمىتى بار. مەسىلەن: پاي چېكى سېتىۋېلىش، فوند سېتىۋېلىش، ئالتۇن سېتىۋېلىش دېگەندەك. ئالىپايدىكى پۇلنى 余额宝 غا ئەكىرىپ ئۆسۈمىنى ئېلىش ئەمەلىيەتتە بىر خىل فوند سېتىۋېلىش ھېسابلىنىدۇ.

2019022814340449.jpg

ئالىپايدا ئالتۇن سېتىۋېلىشمۇ بىر خىل مەبلەغ سېلىش. سېتىۋالغان ئالتۇننى سىزگە ئەۋەتىپ بەرمەيدۇ. ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆسكەندە سېتىپ پايدىسىنى ئالسىڭىز بولىدۇ. ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كەتسە زىيان تارتىسىز. شۇڭا بۇ خىل مەبلەغ سېلىشنىڭمۇ مەلۇم خەتىرى بار. ئالتۇن خەلقئارالىق پۇل بولغاندىكىن قىممىتى ئاسانلىقچە چۈشۈپ كەتمەيدۇ. باشقا مەبلەغ سېلىشقا قارىغاندا خەتىرى تۆۋەن.
ئېشىنچە مەبلىغى بارلار ئالتۇنغا مەبلەغ سالسا باشقا يۇقىرى پايدا بىلەن قىزىقتۇرۇپ، ئالدامچىلىق قىلىۋاتقان مەبلەغ سېلىشلارغا قارىغاندا ئىشەنچىلىك.
ئالىپايدا ئالتۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئالىپاينىڭ ئىزدەش رامكىسىغا 黄金 دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەتسىڭىز تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.

微信截图_20190823191858.jpg

قىزىل ئىستىرىلكا بىلەن كۆرسەتكەن يەرنى چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ.

微信图片_20190823191924.jpg

ئاندىن 立即买入 نى چېكىپ كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتۈپ، سېتىۋالدىغان پۇل سوممىسنى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ. بۈگۈنكى ئالتۇننىڭ ھەر گىرامى 338.01 يۈەن ئىكەن.

微信图片_20190823191918.png

交易规则 نى چەكسىڭىز بۇ خىل مەبلەغ سېلىشنىڭ قائىدىسى چىقىدۇ. تەپسىلى ئوقۇپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىڭلار.
ئەسكەرتىش: مەيلى ئالتۇن سېتىۋېلىش، مەيلى پاي چېكى سېتىۋېلىش، فوند ئويناش بولسۇن ھەر قانداق مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇئەييەن خەتىرى بار. بۇ سەۋەبتىن زىيان تارتساڭلار ئالپ تورى مەسئۇل بولمايدۇ.

4ئادەم ئىنكاس يازدى

hawaskar218 ۋاقتى: 2019-8-24 12:12:25
رەھمەت سىزگە ياخشى تېمىكەن، بۇنى سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن قانداق مەشغۇلات قىلىمىز، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسكەن چۈشكەن ئۇچۇرىنى قانداق تەكشۈرىمىز
muzat1970 ۋاقتى: 2019-8-24 13:25:22
ھازىر ئالتۇننىڭ باھاسى بەك ئۆسۈپ كەتتى، بۇلتۇر مۇشۇ ۋاقىتتا 260يۈەنگە چۈشكەن ئىدى شۇ ۋاقىتتا ئالغان بولسامچۇ كاشكى، ئەمدى پايدا ئېلىشقا كۆز يەتمەيدۇ.......
adlkb ۋاقتى: 2019-8-24 17:35:47
رەھمەت سىزگە ياخشى تېمىكەن، بۇنى سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن قانداق مەشغۇلات قىلىمىز، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسكەن چۈشكەن ئۇچۇرىنى مۇنداق تەكشۈرىمىز
25yax ۋاقتى: 2019-8-25 00:42:40
مەنمۇ  سېتىۋالغان 20مىڭ  كويلۇق 4مىڭ  كوي  زىيان چىقتى ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部