+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-23 10:59 2354 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
8-ئاينىڭ 22-كۈنى iQOO Pro 5G رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئەرزان 5G يانفون.
iQOO Pro 5G نۇسخىسىنىڭ 8GB+128GB سىغىمدىكىسى 3798 يۈەن، 8GB+256GB سىغىمدىكىسى 3998 يۈەن، 12GB+128GB سىغىمدىكىسى 4098 يۈەن.
iQOO Pro 4G نۇسخىسىنىڭ 8GB+128GB سىغىمدىكىسى 3198 يۈەن، 12GB+128GB سىغىمدىكىسى 3498 يۈەن.
8-ئاينىڭ 29-كۈنىدى ئالدىن زاكاس قۇبۇل قىلىشنى باشلاپ، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى رەسمىي سېتىشقا باشلايدۇ.

20190822_203417_996.jpg

iQOO Pro نىڭ ئېكرانى 6.41 دىيۇملۇق Super AMOLED ئېكران ، DC يورۇقلۇق تەڭشەشنى قوللايدۇ. ئالدى كامېراسى تامچە شەكىلدە. ئېكران ئىگىللىگەن نىسبىتى  %91.7 ؛ ئېكرانى بارماق ئىزى تونويدۇ. ئېكران ئېنىقلىقى 1080*2340

20190822_100818_526.jpg

20190822_125935_131.jpg

بۇ يانفونغا كۇۋالكوم ‏ ‏Plus ‏855 مەركىزى بىر تەرەپ سەپلەنگەن. Adreno 640 GPU بولۇپ، سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى %15 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئىچكى ساقلىغۇچى UFS 3.0 يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىچكى ساقلىغۇچ، سۈرئىتى  UFS 2.1 دىن %85 تېز.

20190822_200819_840.jpg

iQOO Pro 5G نىڭ باتارىيەسى 4500mAh بولۇپ، 44W Super FlashCharge دەرىجىدىن تاشقىرى تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. 17 مىنۇتتا %50 زەرەتلىنىدۇ، 50 مىنۇتتا توكى تولۇق توشىدۇ.
ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنۈمى ئادەتتىكىدىن 10 ھەسسە يۇقىرى كاربون تالالىق سۇيۇقلۇق سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان.

20190822_132313_443.jpg

بۇ يانفونغا يېڭىدىن Net Turbo تور تېزلىتىش تېخنىكىسى، قوش Wi-Fi تېزلىتىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. Wi-Fi ۋە 5G ئارا ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ئالمىشىپ، تور سۈرئىتى جەھەتتە بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ.

6cd6d028ly1g688tji85qg20i80a8x6s.gif

iQOO Pro 5G  غا 6 دانە 5G ئانتېناسى ئورنىتىلىپ، 5G سىگنالىنى قۇبۇل قىلىش ئۈنۈمى ئاشۇرۇلغان. بۇ يانفون يەنە 5G+4G قوش كارتا قوش تور قوللايدۇ.

20190822_203154_668.jpg

رەسىم تارتىش جەھەتتە 48 مىليون پىكسېللىق IMX582 سېنزور، 120 گىرادۇسلۇق كەڭ بولۇڭلۇق لىنزا ئورنىتىلغان. كەينىدە ئۈچ كامېراسى بار. ئالدى كامېراسى 12 مىليون پىكسېل.

20190822_204424_734.jpg

تولۇق ئىقتىدارلىق NFC بار، ئاپتوۋۇز كارتىسى، ئىشىك كارتىسى، elD نى قوللايدۇ.  vivo Pay كۆچمە چىقىم قىلىش ئىقتىدارى بار.

10ئادەم ئىنكاس يازدى

azrat ۋاقتى: 2019-8-23 16:37:05
تىلىفۇن ئەرزان بولغىنى بىلەن بەش جى تور كارتىسىنىڭ ئايلىق ئىستىمال ھەققى كەمىدە 200 يۈەندىن تۈۋەن ئەمەس
25yax ۋاقتى: 2019-8-24 00:28:20
ئەينى يىلى يانفۇن  يېڭى چىققاندا داگېدا كۆتۈرۈپ يۈرگەنلەر ساناقلىقلا ئىدى، دەسلەپكى باھاسى يۇقىرى  بۇلۇش  ئېنىق ئەمما كىيىن 5جى ئېشىپ 50غا چىقامدۇ ئېنىق ئەمەس،ئەمما بۇ تەرەققىياتمۇ  يېقىن كەلگۈسىدە پۈتۈن دۇنيانى  قاپلىغۇسى
elbilge ۋاقتى: 2019-8-24 08:36:17
ئالدى كامېراسىغا 32 نى سەپلىۋەتمەپتۇ،ھېچ بولمىسا 20 نى،شىياۋمىدىن چاققان چىقىپتۇ
热情 ۋاقتى: 2019-8-24 10:56:21
يانفۇن ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەر ئاپرات بىلەن ئېكرانغا  كۈچەۋەرمەي، باتارىيەسىىگىمۇ كۈچۈپ قويسا بولاتتى، باتارېيە توغۇرلۇق خەۋەرلەر ئىنتايىن كۆپ، لىكىن يانفۇنلارغا ئەمەلىلەشمەيۋاتىدۇ.
alimalmas ۋاقتى: 2019-8-24 22:59:05
huawei
ئالايمىكىن دەپ ئويلاشقان قارىغاندا يەنىلا ۋىۋو  ئالسام بولغۇدەك
atax0415 ۋاقتى: 2019-8-26 11:07:26
بۇ قايسى شىركەتنىڭ تىلفۇنىدۇ؟
ئەلشات110 ۋاقتى: 2019-8-26 22:05:08
  قارىغاندا ھەقىقەتەن ئېسىلكەن مەنمۇ بىرنى ئالسام بولغۇدەك
janan8288 ۋاقتى: 2019-8-27 23:07:22
ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز يەنىلا 5G  تورى تۇللۇق ئومۇملاشقاندا ئاندىن ئالغان ياخشى
كارۋان152 ۋاقتى: 2019-9-11 14:41:11
بىرمىڭ تۇيۇزكۇيغا ئالغان vivo ماركىلىق ئامراق تىلفۇنومنى يوقوتۇپ قويدۇم ئىزدەپ تىپىشنىڭ ئامالى بامىدۇ ئامالى بولسا ماڭا ياردەم قىلىپ مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部