+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-8-22 11:31 2076 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
«كۈندىلىك ئىختىساد خەۋەرلىرى» تورى خەۋىرى.
تورداشلار قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتقان «خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى 5G تورىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن 4G تورىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى» دېگەن گەپكە قارىتا، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۇنداق ئەمەس دەپ جاۋاب قايتۇردى.

20190819_174726_857.jpg

جۇڭگو تېلگىرافىنىڭ بىر نەپەر ئابونتلار مۇلازىمەتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تېلگىرافى 5G تورى ئۈچۈن 4G تورىنىڭ تېزلىكىنى ئاستىلاتمىدى. «نۆۋەتتە 4G تورىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلىغان ئەھۋال يوق» . جۇڭگو تېلگىرافى تېخى 5G تورىنى رەسمىي ئاچمىدى. خۇاۋېي، جۇڭشىڭ قاتارلىق 5G يانفوننىڭ بازارغا سېلىنىشى 5G تورىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئابونتلار مۇلازىمەتچىلىرىمۇ  5G تورى ئۈچۈن 4G تورىنىڭ تېزلىكىنى ئاستىلاتمىدۇق دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

20190819_144918_73.jpg

يېقىندا توردا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى 5G تورىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن 4G تورىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى دەيدىغان گەپلەر ئاۋۇپ قالدى. بىر نەپەر ئۆزىنى خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى خادىم دەۋالغان تورداش ئىلگىرى 4G تورىنىڭ سۈرئىتى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ 100Mbps گە ئۆزگەرتىلدى. بۇ 4G تورىنىڭ بايلىق مەنبەسىنى 5G تورى ئۈچۈن ئىشلىتىش سەۋەبىدىن بولغان... دېگەن مەزمۇندا مىكربلوگ يوللاپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.
باشقا تورداشلارمۇ بەش جى تورى ئانتېناسى ئورنىتىپ سىناق قىلىنىۋاتقان يەرلەردە يانفوننىڭ 4G سىگنالى تولۇق بولسىمۇ، سۈرئىتىنىڭ بۇرۇنقىدىن ئاستىلاپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.

3ئادەم ئىنكاس يازدى

13139744004 ۋاقتى: 2019-8-22 13:44:52
ياكى مۇشۇ مەزمۇندا دېيىلگەندەك 5G  تورىغا كۈچەپ 4G  تورىنى ئاستىلاتقىنى ئېنىق مىنىڭ بىرلەشمە كارتام 4G  ھالەتتە چىقدۇ بىراق تور سۈرتې بەكلام ئاستا بىرنەسە چۈشۈرسەن 150Kb يۇقرىلىمايدۇ بۇ ئېنىقلا ئاستىلاتقان بولماي نىمە
misran0998 ۋاقتى: 2019-8-23 11:37:20
ئۇنداق ئەمەسكەن، مەن بىرلەشمىنىڭ 4g تورىدا نەرسە چۇشۇرسەم 4-5 مىگابايىتقىچە چۇشىدۇ، بەزى سىملىق تورمۇ ئۇنچىلىك تىز ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部