+تېما يوللاش
azrat يوللانغان ۋاقتى:2019-8-21 19:48 1544 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ قېتىمقى ئەپچىل ماھارەت بولسا بالىلىرىڭىزنىڭ ماتېماتىكىلىق ھىساپلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىش، قوشۇش،كۆپەيتىش،بۆلۈش ئەمەللىرىدىن 10 سىكنۇتتا سۇئال تەييارلاش.

(1)  100 ئىچىدىكى خالىغانچە قۇشۇش سۇئالى .
A.jpg
فورمىلا چۈشەندۈرلىشى :
RANDBETWEEN خالىغانچە سان ھاسىل قىلىش ، بۇنىڭ ئىچىدىكى Between دائېرسىنى كۆرسىتىدۇ ،بىرىنجى تىرناق ئىچىدىكى (1،100) قۇشۇش بەلگىسىنىڭ ئالدىدىكى سان 1دىن 100گىچە بولغان دائىرە ئىچىدە دىگەن مەنىدە(ئىككىنجى تىرناق ئىچىدىكى (1،100)نىڭ مەنىسىمۇ ئوخشاش) ، ئەگەر سىزگە 1000 ئىچىدىكى قۇشۇش ئەمىلى لازىم بولسا تىرنىڭ ئىچىدىكى سانلارنىڭ دائىرىسىنى (1،1000) قىلىپ ئۆزگەرتسىڭىز مىڭ ئىچىدىكى قۇشۇش ئەمىلى ھاسىل بۇلىدۇ .
& بەلگىسى بىر كاتەكچە ئىچىگە بىر نەچچە مەزمۇننى ئۇلاپ كىرگۈزۈش دىگەن مەنىدە.
"+" قۇشۇش بەلگىسى ، بۇ بەلگىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە ئېلىش ، كۆپەيتىش ۋە بۆلۈش ئەمىلىگە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

(2) 100 ئىچىدىكى خالىغانچە ئېلىش سۇئالى
B.jpg

فورمىلا چۈشەندۈرلىشى ئاساسەن يۇقارقىغا ئوخشاش لىكىن ئوخشىمايدىغان تەرىپى:
ئېلىنغۇچىنىڭ دائېرىسى (50،100) گىچە ، كەينىدىكى ئالغۇچىنىڭ دائېرىسى (0،50)كىچە ، بۇنىڭ سەۋەبى ئەگەر ئېلىنغۇچى ئالغۇچىدىن چوڭ بولۇپ قالسا باشلانغۇچ 1،2-يىللىقنىڭ بالىلىرى ئىشلىيەلمەيدۇ، شۇڭا ئېلىنغۇچى 50تىن چوڭ 100دىن كىچىك ، ئالغۇچى 0دىن 50كىچە بولغاندا بۇنداق ئەھۋال كىلىپ چىقمايدۇ .

(3) ئىككى خانىلىق ساننى ئىككى خانىلىق سانغا كۆپەيتىش
C.jpg

فورمىلا چۈشەندۈرلىشى ئاساسەن ئوخشاش ، پەقەت ساننىڭ دائېرىسىنى (10،99) قىلىپ يازساقلا كۆپەيدىغان ئىككى سان ئىككى خانىلىق سان بولۇپ چىقىدۇ .

ئەسكەرتىش:فورمىلا يازغاندا كومپىيوتىرنىڭ كىرگۈش تىلىنى چوقۇم ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئۆزگەرتىپ كىرگۈزۈڭ .
تۆۋەندىكىسى يۇقارقى ئۈچ فورمىلا،بىۋاستە كۆچەرەۈپ چاپلىسىڭىزلا بولىدۇ.
  1. =RANDBETWEEN(1,100)&"+"&RANDBETWEEN(1,100)&"="
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

  1. =RANDBETWEEN(50,100)&"-"&RANDBETWEEN(0,50)&"="
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

  1. =RANDBETWEEN(10,99)&"X"&RANDBETWEEN(10,99)&"="
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

5ئادەم ئىنكاس يازدى

azrat ۋاقتى: 2019-8-22 00:59:14
يۇقىردىكى فورمىلادىكى بەلگىلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قاپتۇ ،، ئىشلىتىدىغانلار رەسىمگە قاراپ تۇرۇپ توغرىلاپ ئىشلىتىڭلار
azrat ۋاقتى: 2019-8-22 14:05:07
فورمىلانى كۈچۈرۈپ چاپلىغاندا نۇرمال كىلىدىكەن
janan8288 ۋاقتى: 2019-8-23 16:44:58
excel بىلىملىرىگە ئائىت كۆپرەك بىلىملەر  بولسا يوللاپ قۇيۇڭلار،  بىلمىگەنلەر پايدىلنايلى
foxtpdf ۋاقتى: 2019-8-23 23:03:54
راستىنىلا ياخشىكەن مەن ھازىر سىناپ باقتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部