+تېما يوللاش
hawaskar27 يوللانغان ۋاقتى:2019-6-21 12:04 5519 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل يانفۇن ئەپلىرى كۈندىلىك تۇرمۇش خىزمەتلىرىمىزگە كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ھەقسىز بولسا بەزىلىرى ھەقلىق بولۇپ ئىشلىتىش ئۈچۈن پۇل تۆلەيمىز. يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەقلىق بولۇشى ئەسلى ئىنتايىن ئەقەللىي ھەممە ئادەم قۇبۇل قىلالايدىغان ئىش ئىدى، چۈنكى بىر ئەپنى ياساش ئۈچۈن پىروگراممىرلار ئۇزۇن ۋاقىت پىروگرامما تىلىنى ئۆگۈنىدۇ ئاندىن مۇشۇ يۇمشاق دىتالغا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى توپلايدۇ، بۇ ۋاقىت ۋە ئادەم زېھنىنى ناھايىتى كۆپ سەرىپ قىلىدىغان ئىش، شۇڭا پىروگراممىر سىڭدۈرگەن ئەجرىگە مۇۋاپىق كىرىمگە ئېرىشسە ئەلۋەتتە مەسىلە يوق ئىدى.
ئەمما يېقىندىن بۇيان بەزى ئەپچاق ياكى ئەپ ئاچقۇچى پىروگراممىرلار ياكى شىركەتلەر ئىشنى ناھايىتى ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتتى ( ئىككىلەنمەي تۇرۇپ نۇمۇسسىز دىسەك ئارتۇق كەتمەس)، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرى بىلىپ بىلمەي ھەر ئايدا ئۇلار تەرىپىدىن قۇيۇلۇپ مېڭىپ، ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال مەشغۇلات ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشى ياكى تىل ئوقۇپ چۈشۈنۈش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بۇلۇشى سەۋەبلىك بۇنىڭغا ئامال قىلالماي قالدى، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندە ئەپ ۋە ئەپچاقلارنىڭ ھەر ئايدا ئۆزلىكىدىن پۇل تۇتىۋېلىش ئەھۋالى ئۈستىدە ئازراق توختىلايلى.
ئۈندىدار ئەپچاق (小程序)
قانداق پۇل تۆلەش ئۇسۇللىرى بار؟
ئەپچاقتا پۇل تۆلىگەندە ئادەتتە ئىككى خىل پۇل تۆلەش ئۇسۇلى بار، بىرى: بىراقلا تۆلىۋېتىش، يەنە بىرى ھەر ئايدا ئۆزلىكىدىن پۇل تۇتۇش. بىراقلا تۆلىۋېتىش دىگىنىمىز سىز بۇ ئەپچاقنى ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر قېتىملا پۇل تۆلەيسىز، ۋاقتى توشقاندا ياكى ئىشلەتكىڭىز بولمىسا كارىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ، يەنە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز يەنە پۇل تۆلىسىڭىز بولىدۇ. ئۆزلىكىدىن پۇل تۇتۇش دىگىنىمىز سىز بىرىنجى ئايلىقنى ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرۇپ تۆلەيسىز، كىيىنكى ئايدىن باشلاپ سىز پۇل تۆلەش كونۇپكىسىنى باسمىسىڭىزمۇ ئۆزلىكىدىن پۇل تۇتۇپ ماڭىدۇ سىز بۇ ئەپچاقنى ئىشلەتمەي يۇيىۋەتسىڭىزمۇ پۇل تۇتىۋېرىدۇ، تاكى سىز ئۆزىڭىز پۇل تۆلەش تەڭشىكىگە كىرىپ ئۆزلىكىدىن پۇل تۇتۇش كىلىشىمىنى بېكار قىلغىچە پۇل تۇتىتىدۇ ( قانداق بېكار قىلىش ئۇسۇلى ئاستىدا سۆزلەندى). ئۈندىدارنىڭ ئۆزلۈكىدىن پۇل تۇتۇش ئىقتىدارى بولسا توك سۇ پۇلى تۆلەش، ئايدا بانكىغا قەرىز قايتۇرۇش دىگەندەك كەسىپلەرگە ماس كېلىدۇ، چۈنكى بۇ ھەقلەرنى ھەر ئايدا ۋاقتىدا تۆلىمىسىڭىز بولمايدۇ، بەزىدە خىزمەت ئالدىراشلىقىدا ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن پۇل تۇتۇش ئىقتىدارى بۇ ھەقلەرنى تاپشۇرۇشقا قولايلىق.
ئەمما ئىقتىدارى ناچار، دائىم ئىشلىمەي قالىدىغان، باشقىلارنىڭ ئەپلىرىنى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلا ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان ناھايىتى تايىنى يوق بەزى ئەپچاقلارمۇ ھەر ئايدا ئۆزلۈكۈمدىن پۇل تۇتىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ، بۇنداق نۇمۇسسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق قلىمىز:
بىراقلا تۆلىدىممۇ يا ھەر ئايدا پۇل تۇتىدىغان بوپقالدىمۇ قانداق بىلىمەن؟
ھەرقانداق ئەپچاق ياكى سالون ھەر ئايدا پۇل تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاچماقچى بولىدىكەن ئۈندىدارنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيۇنچە پىروگرامما تۈزىدۇ. ئورگان تەرەپ ئادرىسى https://pay.weixin.qq.com/wiki/d ... er=18_2&index=7
سىز پۇل تۆلىگەندە ئەگەر مۇنداق رەسىمدىكىدەك ئۇچۇر چىقىپ جەزىملەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا مەزكۇر ئەپنىڭ ئۆزلىكىدىن ھەر ئايدا پۇل تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:
1.jpg
يەنى رەسىمدىكىدەك 开通免密支付 دىگەن خەتلىك ئۇچۇر چىقسا بۇ ئەپچاق ھەر ئايدا سىزدىن سورىمايلا ئۆزلىكىدىن پۇل تۇتۇپ ماڭىدۇ دىگەن گەپ ( نۇرغۇن ئەپچاقلار بۇنىڭ ئۆزلىكىدىن پۇل تۇتۇش ئىكەنلىكىنى سىزدىن يۇشۇرۇپ، سىزگە مۇشۇ يېشىل كۇنۇپكىنى بېسىپ بەرمىسىڭىز بوممايدۇ دەپ يىزىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالدىراشچىلىقتا ئۈندىدار ئورگان تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى ئەستايىدىل ئوقۇمايلا بېسىۋېتىسىز).
بىلىپ بىلمەي ئېچىپ قويغان بولسام قانداق ئېتىمەن؟
ئەمەلىيەتتە قۇيۇلۇپ كەتكىنىڭىزنى سەزگەن ۋاقتىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلسىڭىزلا بۇنى ئىتىۋىتەلەيسىز، ئۈندىدار ئورگان تەرەپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت بۇنى ئىتىۋۋېتىشكە يول قۇيىدۇ.
2.jpg
3.png
4.jpg
6.png
ئۈستىدىكى رەسىمدىن ھازىر سىزدىن پۇل تۇتۇىۋاتقىنىنى باسسىڭىز مۇنداق ئۇچۇر چىقىدۇ
9358d109b3de9c822d3e51156281800a18d843d5.jpg
dcc451da81cb39db999acfccde160924aa1830d5.jpg
شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئەپچاق ياكى سالوننىڭ سىزدىن ھەر ئايدا پۇل تۇتىۋېلىش چۈشى ئاياغلاشتى دىگەن گەپ.
ئاخىرىدا ئىستىمالچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى: ئەپ مەشغۇلاتى قىلغاندا چىققان ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ، ئادەتتە ئىنچىكە ھالقىلارغا كۆپرەك دېققەت قىلسىڭىزلا بۇنداق قۇيۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنالايسىز، چۈنكى ئۈندىدار ياكى چىقىمدان بولسۇن پۇلغا مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلارنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا سىزگە شۇنداق ئېنىق چۈشەنچە بېرىدۇ، ئەمما بىز قۇرۇق گەپنى ئوقۇش خوش ياقمىدى دەپ ئەسكەرتىشنى ئوقۇمىسىڭىز زىيان تارتىسىز.
ئەمدى يۇقارقىدەك ئەپچاقلارنى ياسىغان پىروگراممىرلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى: ئەپ ياساشقا سەرىپ قىلغان زېھنىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىزنى ھەر بىر ئىستىمالچى بىلمەي قالمايدۇ ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئانچە ئېھتىياجى بولمىسىمۇ نۇرغۇن ئىستىمالچىلار ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن پۇل تۆلەپ سېتىۋالىدۇ، سىز بولسىڭىز بۇ ئاق كۆڭۈللكلەرنى ئەخمەقلىق دەپ بىلىپ ئىستىمالچىلارنى ئىۋرىققا سولاشقا ئورۇنىسىز، ئەگەر مۇشۇنداق ئىۋرىق ياساشقا سەرىپ قىلغان زېھنىڭىزنى ئەپنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ قولايلىق قىلىشقا سەرىپ قىلسىڭىز ۋاي ياق دەپ تۇرىۋالسىڭىزمۇ ئىستىمالچىلار بەس بەستە سېتىۋالىدۇ، شۇڭا بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەي تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇلدا ئىقتىدادىي كىرىم يارىتىشقا تىرىشىشىڭىزنى سورايمىز.
ئەگەر زۈرۈر تېپىلسا ئەتە ئالما يانفۇندا ئۆزلىكىدىن پۇل تۇتىۋېلىشنى قانداق پەرىق ئىتىش ۋە ئىتىۋېتىش ئۇسۇلى ئۈستىدە توختىلىمىز

2ئادەم ئىنكاس يازدى

خۇشيار ۋاقتى: 2019-6-21 12:55:23
مەن بۇنى بىز مۇشۇ تۈردىكى  ئەپچاقنى ئىشلىتىپ چىقىم قىلساق پارولسىز چىقىم قىلىنىدۇ دەپ چۈشەندىم، تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يوللانغان ئۈرۈمچى ئاپتوبۇسلىرىغا ئۈندىداردا چىقىم قىلىش ئىقتىدارى سەپلەندى  دېگەن تېمىدا دىيىلگەن 红山一卡通 مۇ  تېمىدا دېيىلگەن بىلەن ئوخشاش  تۇرمامدۇ، ئۇنداقتا ھەر ئايدا بىزدىن پۇل تۇتۇپ ماڭامدۇ ياكى سىز كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئۈندىداردا چىقىم قىلسىڭىز پارولسىز چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولامسىز.
kichikoghul ۋاقتى: 2019-6-21 13:22:32
ئۈندىدار ئەپچاقلار ئۆزلىكىدىن پۇل تۇتىۋالغاندا تېلېفۇن   ھەققىگە تۆلىگەن پۇلدىن تۇتىۋالامدۇ ياكى خۇڭباۋدىن تۇتىۋالامدۇ، ئۇنىڭ قانچە پۇل تۇتىۋالغانلىقىنى قانداق بىلگىلق  بولىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部