+تېما يوللاش
كىيىك يوللانغان ۋاقتى:2019-6-13 17:45 3053 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ، گاۋتۇڭ جەسۇر ئەجدىھا 855 ناملىق بىر تەرەپ قىلغۇچلىرى ھەر قايسى ماركىدىكى يانفۇنلارغا بەس-بەستە سەپلىنىپ، جەسۇر ئەجدىھا 855 بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى پەللىگە قەدەم قويدى.
ھالبۇكى، كېيىنكى ئەۋلاد گاۋتۇڭ باتۇر ئەجدىھاسى 865 گە قارىتا، يېقىندا كورىيە تاراتقۇلىرى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى بېرىپ، گاۋتۇڭ كېيىنكى ئەۋلاد جەسۇر ئەجدىھانىڭ 865 ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تاماملىدى، بۇ قېتىم گاۋتۇڭ سامسۇڭنى ۋاكالىتەن ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى، دېدى.
mmexport1560418908903.jpg
كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، كۇۋالكوم سىناپدراگون 865 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى ياساشقا تۇتۇش قىلىپ بولغان بولۇپ، سىناپدراگون 865 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچى سامسۇڭنىڭ 7nm EUV لىق تېخنىكىسى ئارقىلىق ياسىلىدىكەن.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، گاۋتۇڭ جەسۇر ئەجدىھا 865 بىر تەرەپ قىلغۇچى 5G تور قوللاشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىدىكەن ھەمدە خېرىدارلارنى ئىككى نۇسخا بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرى 4G تور قوللايدىغان ئۆلچەملىك نۇسخىسى، يەنە بىرى X50 ئاساسىي بەلباغ قوللايدىغان 5G نۇسخىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا LPDDR5 ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىدىكەن.
mmexport1560418973539.jpg
مۆلچەرلىنىشىچە، كۇۋالكوم 865 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ئەڭ ئاخىرقى جەزىملەشتۈرۈش باسقۇچىغا كىرىپ بولغان. بۇ يېڭى ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچ بولغان سىنەپدراگون 865 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئالدىنقى ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچقا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدىكەن.
گەرچە، ھۈنەر - سەنئەت جەھەتتە تەرەققىيات سۈرئىتى تېز بولسىمۇ، ئەمما، سامسۇڭ 7nm دىن سەكرەپ ئۆتۈپ بىۋاسىتە 7nmEUV نى تاللاپ ئىشلەتكەن، شۇ سەۋەپلىك، ھازىرقى مەھسۇلات مىقدارىنى تېخى بىلگىلى بولمايدىكەن. ئەگەر يېڭى ھۈنەر - سەنئەتنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ياخشى مەھسۇلات نىسبىتى مەسىلىسى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا، يېڭى تىپتىكى ئۆزەكنىڭ بازارغا سېلىش ۋاقتى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
ئالما ۋە خۇاۋېيدەك ئاساسلىق خېرىدارلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەھسۇلاتنىڭ رىقەبەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار ئۈچۈن 5nm لىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى كېيىنكى ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىكى ئالدىن تاللاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ئاندىن 6nm لىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئويلىشىدىكەن. 5nm لىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلار 2020-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ئاندىن ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىن بولۇپ، 6nm لىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىىسى بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارمۇ شۇ چاغدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئەنئەنىگە ئاساسلانغاندا، گاۋتۇڭ 865 بىر تەرەپ قىلغۇچى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھاۋايدا ئېلان قىلىنىدۇ، ئالاقىدار يانفۇن تىپلىرى كېلەر يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ بازارغا سېلىنىدۇ. ئەگەر سامسۇڭ 7nmEUV نىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ياخشى مەھسۇلات نىسبىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە، ئۇ ھالدا كېلەر يىلى زور بىر تۈركۈم ئاندىرويىد بايراقدار يانفۇنلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدىكى يېڭى مەھسۇلات رېتىمىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
گاۋتۇڭ 865 نىڭ ئىپادىسى قانداق دىگەن مەسلىگە كەلسەك ، بىز پەقەت ئۇنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق، ئەمما، ئۇنىڭ يانفۇنچىلىق ساھەسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
مەنبە:Muntizim精英课堂  ئۈندىدار سالۇندىن ئېلندى،

1ئادەم ئىنكاس يازدى

13139744004 ۋاقتى: 2019-6-14 14:47:27
رەھمەت تېمىڭىزغا ياخشى مەزمۇندىن خەۋەردار قىلدىڭىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部