+تېما يوللاش
hawaskar27 يوللانغان ۋاقتى:2019-6-8 23:59 2809 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نەچچە كۈن ئىلگىرى ئالما شىركىتى 2019-يىللىق WWDC (ئالما شىركىتىنىڭ پىروگراممىرلار يىغىنى) يىغىنىنى ئاچتى، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئالما شىركىتى بىرقاتار يۇمشاق دېتال سېستىما يېڭىلىنىشلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئىككى دانە قاتتىق دېتالنى ئېلان قىلدى. بۇ يېڭى مەھسۇلاتلار توغرىسىدا سۆزلەشتىن بۇرۇن بىز ئالدى بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ بىرقاتار يىغىنلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى:
timg (2).jpg
ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، يەنى ئادەتتىكى ئىستىمالچىلار يىغىنى ۋە پىروگراممىرلار يىغىنى.
timg (3).jpg
ئىستىمالچىلار يىغىنى ھەر يىلى 2 قېتىم ئېچىلىدۇ، يەنى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا ئېچىلىدىغان چوڭ يىغىن، بۇ يىغىندا ئاساسەن ئەڭ يېڭى ئالما يانفۇنى ۋە بەزى قۇشۇمچە مەھسۇلاتلار (تىڭشىغۇچ، سائەت) دىگەندەك. يەنە بىر يىغىن 4-ئايدا ئېچىلىدىغان بولۇپ بۇ يىغىندا ئاساسەن ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسقىسى ۋە تاختا كومپيوتېر ئېلان قىلىنىدۇ، مەسىلەن ئۆتكەن يىلى 9- ئايدا ئالما 7 يانفۇنىنى ئېلان قىلغان بولسا بۇ يىل 4- ئايدا 7ئېس نى ئېلان قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ( شۇنىڭغا دېققەت قىلىش كېرەككى، 4- ئايدا ئاچىدىغان يىغىن بەك مۇقىم ئەمەس، ئەگەر ئالما شىركىتى ئۆتكەن يىلى 9- ئايدا ئېلان قىلغان مەھسۇلاتىنىڭ بازار ئەھۋالىدىن خاتىرجەم بولسا ھەمدە يېڭى تېخنىكا بۈسۈشى بولمىسا 4- ئايدىكى يىغىننى ئاشمايدۇ).
timg (4).jpg
پىروگراممىرلار يىغىنى بولسا ھەر يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا ئېچىلىدىغان يۇمشاق دېتال پىروگراممىرلىرى ۋە ئالما شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق كارخانىرىغا يۈزلەنگەن يىغىن بولۇپ ئادەتتىكى ئىستىمالچىلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋېتى يوق ( ئەمما ۋاستىلىق مۇناسىۋېتى بار، مەسىلەن ھەر قېتىم ئۆزى بىلەن ئۆزى يېڭىلىنىپ قالىدىغان iOS 10،11،12 لەر دەل مۇشۇ يىغىندا ئېلان قىلىنىدۇ) ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەڭ يېڭى پىروگرامما تىلى ئەڭ يېڭى ئالما كوميوتېرى دىگەندەكلەر ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئالما يانفۇنىغا ئەپ تۈزىدىغان پىروگراممىرلارغا ئەڭ يېڭى ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكا يۈزلىنىشىنى تۇنۇشتۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك بۇ قېتىمقى WWDC بولسا دەل پىروگراممىرلارغا قارىتىلغان يىغىن، بۇ قېتىم ئالما شىركىتى iOS 13 سېستىمىسىنى ئېلان قىلدى ، ھەمدە tvOS،watchOS،macOS  نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى ھەمدە ئەڭ يېڭى بولغان ipadOS سېستىمىسىنى چىقاردى، ئەمدى پىروگراممىرلار مۇشۇ سېستىمىلارغا يۈزلۈنۈپ ئەپ تۈزسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالما شىركىتى يەنە ئىككى قاتتىق دېتالنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىرى 6k ئېنىقلىقتىكى كومپيوتېر ئېكرانى (ئەڭ تۆۋەن باھاسى 35000 يۈەن) ھەمدە ئەڭ يېڭى macPRO ئۈستەل كومپيوتېرىنى ئېلان قىلدى (ئەڭ تۆۋەن باھاسى 41000 يۈەن، ئەڭ يۇقىرى باھاسى 300000 يۈەن).
AFDBC6C30DC78A8F4C04E4D2C8FDFE0BE8306A27_w1440_h1080.jpg
نىمانچە قىممەت! ۋاي كىممۇ ئالا مۇشۇ قىممەت كوميوتېرنى! ۋاي نىمە ھاجىتى مۇشۇ قىممەت كومپىيوتېرنىڭ! ۋاي ئەخمەق بايلا ئاسۇن مەن ئالمايمەن! ھا ھا ھا مۇشۇنداق ئويلاۋاتىسىز ھە!؟ ئەلۋەتتە مۇشۇنداق ئويلايسىزدە، چۈنكى ئانچە مۇنچە كىنو كۆرۈپ قويىدىغانغا ئانچە مۇنچە ئۇيۇن ئويناپ قۇيىدىغانغا ياكى مېھمانخانا ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا ئالما دىگەن بەلگىسىنى چوخچايتىپ چىقىرىپ تىزىپ قۇيۇش ئۈچۈن ئالىدىغانغا بۇ كومپىيوتېر بەك بەك بەك قىممەت بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ باھاغا ناھىيە ئىچىدىن ئوبدان ئۆيدىن بىرى كېلىدۇ ئەمەسمۇ. ئەمما سىز ئالدىرىماڭ ئالما شىركىتىنىڭمۇ ئويلىغان يېرى بار، بۇ كومپىيوتېرنىڭ ئالما شىركىتى ئادەتتىكى ئىستىمالچىلارغا سېتىپ بېرىشنى ئويلىشىپمۇ باقمىغان، يەنى بۇ كوميوتېر مەھسۇس كەسپىي پىروگراممىرلار ۋە كىنو مېدىيا ئىجادىيەتچىلىرى ئۈچۈن چىقىرىلغان، بۇ كەسپىي كىشىلەر ئۈچۈن بۇ باھا ئۇنچە قىممەت ھىسابلانمايدۇ.
70334823347C28D8FFBC92EDAC800483133736D4_size177_w600_h337.jpeg
قانداق كەسپىي خىزمەتلەرگە مۇشۇنچىۋالا قىممەت كومپيوتېر كېتىدىغاندۇ؟ بەش مىڭ يۈەنلىك كومپيوتېردىمۇ قىلىۋەتسە بولمامدۇ؟ بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن كىنو كىرىشتۈرۈش خىزمىتى ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتەيلى ( دېققەت : بۇيەردە دىيىلگەن كىنو ھەرگىزمۇ توينىڭ فىلىمىنى ئىشلەش ئەمەس بەلكى 8k ئېنىقلىقتىكى فانتازىيىلىك كىنولارنى ئىشلەش مەسىلەن 钢铁侠,流浪地球 دىگەندەك) بۇ كىنولاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى تاتقان ئاپاراتلار 8k ئېنىقلىقتىكى 3D ئاپاراتلار بولۇپ نەچچە سېكونت كۆرۈنۈشنىڭ ئۆزىلا نەچچە GB چوڭلۇقتا كېلىدۇ، بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىسىپ ئۇلاپ كىرىشتۈرۈشنىڭ ئۆزىلا تاغدەك خىزمەت ھېسابلىنىدۇ، بۇ كىنولاردا بىۋاستە ئېلىغان كۆرۈنۈشلەردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئالاھىدە كىرىشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر بار مەسىلەن ئالەم بوشلۇقى دىگەندەك، بۇ كۆرۈنۈشلەرنى MAYA AEقاتارلىق كەسپىي يۇمشاق دېتاللاردا ياسايدىغان بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتاللارغا نىسپەتەن 128 گىگابايت ئىچكى ساقلىغۇچ 12 يادرولۇق مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ، 16 گىگابايتلىق كۆرسۈتۈش كارتىسى دىگەنلەر چىشىنىڭ ئارلىقىغىلا كىرىپ كېتىدىغان سەپلىمە ھېسابلىنىدۇ. كىنو ئىشلەشنى قۇيۇپ كىنو كۆرۈشنىلا مىسالغا ئالايلى، ئەمەلىيەتتە 720P ئېنىقلىقتىكى (سۈزۈكلۈكى 1280*720) لىق كېنونىڭ ھەقىقىي كۆك نۇرلۇق دېسكا نۇسقىسى 24 گىگابايت ئەتراپىدا كېلىدۇ، ئۇنداقتا ئادەتتىكى 5000 يۈەنلىك كوميوتېردا بۇ كىنو قېتىپ قالماي نورمال چىقامۇ؟ 4k لىق كىنوچۇ؟(4096×2160) قانچىلىك چوڭلۇقتا بۇلار... بەزى دوستلارنىڭ ئۆيىدىكى تېلىۋېزۇرغا 4k ئېنىقلىقتا دەپ چاپلاقلىق بولىدۇ، ئەمما... بىز بۇيەدە بۇنىڭ راس يالغانلىقى ئۈستىدە تالاشمايلى بولدى ھا ھا ھا ھەقىقىي 4k ئېكراننىڭ باھاسىنى توردىن ئۆزۈڭلار تەكشۈرۈپ باقساقلار بولىدۇ.
ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى ئىچىدە قاتتىق دېتال تەنھەرخى ئادەتتە 35% ئەتراپىدا بولىدۇ، مەسىلەن 7000 يۈەنگە ئالغان ئالما تېلىفونىڭىزنىڭ ياسىلىش باھاسى 2500 يۈەن ئەتراپىدا، ئۇنىڭغا ئالما شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىش تەنھەرخى، ئېلان تەنھەرخى، باج تەنھەرخى، كىرىم ئۈلۈشى دىگەنلەرنى قوشۇپ 7000 يۈەن بولىدۇ. بىز تۆۋەندە بۇ ئەڭ يېڭى MAC PRO نىڭ ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىسىنىڭ ( باھاسى 300000 يۈەنلىكىنىڭ) تەنھەرخىنى كۆرۈپ باقايلى.
مەنغۇ ئالمىنىڭ ھەۋەسكارى ئەمەس، ئالما دىسە بەك ۋاي دەپمۇ كەتمەيمەن، ئەمما بىر تېخنىكا ھەۋەسكارى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن بەزى تورداشلار تېگى تەكتىنى ھىسابلاشمايلا ئالما شىركىتىنى تىللاشقا باشلىغان، نۇرغۇنلىرى ۋاي بارى يوقى 20 مىڭغا يەتمەيدىغان سەپلىمىلىك كومپيوتېرنى 300 مىڭغا ساتىدىكەن يەي دىيىشىپ دوستلار چەمبىرىكى چىقىرىشىپ سەل نېرۋامنى غىدىقلاپ قويدى شۇڭا بىز ئىش زادى بۇ تورداشلارنىڭ دىگىنىدەكمۇ ئەمەسمۇ بىر كۆرۈپ باقايلى ئەمسە:
مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچقا 28 يادىرولۇق دەپلا يازغان، باشقا ئۇچۇرلارنى يازمىغان، بىز قارايدىغان بولساق ھازىر بازادا سېتىلىۋاتقان 28 يادرولۇق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ Intel xeon w3175x بازار باھاسى 22000 يۈەن ئەتراپىدا؛
Capture.PNG
ئىچكى ساقلىغۇچ 1.5TB دىيىلگەن، يەنى 1500GB، ھازىر بازادا سېتىلىۋاتقان ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ 64GB لىقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 3500 يۈەن ئەتراپىدا، 64 لىكتىن قانچىسى بولسا 1500 بۇلار؟؛
Capture.PNG
قاتتىق دېسكا ئېنىق دىيىلمىگەن، ھازىرقى قاتتىق دېسكىنىڭ بازار باھاسى بۇيىنچە ئېيتقاندا باھاسى 30000 يۈەندىن 40000 يۈەنگىچە بولغان سىغىمدىكى قاتتىق دېسكا سەپلىنىشى مۇمكىن؛
Capture.PNG
كۆرسۈتۈش كارتىسى AMD Radeon Pro Vega II Duo بۇلۇپ كارتا سىغىمى GB64، بۇ كۆرسۈرۈش كارتىسى مەخسۇس ياسالغان بولۇپ بازادا ئايرىم سېتىلمايدىكەن، ئەمما ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا بۇ كارتىنىڭ ئىقتىدارى AMD Radeon PRO تىن خېلىلا يۇقىرى بولىدىكىكەن، ئۇنداقتا سىزنىڭچە نەچچە پۇللار ئەتراپىدا بۇلار؟
Capture.PNG
قالغان سەپلىمىلىرى مەسىلەن ئاساسىي تاختا، ئاساسىي تاختىغىمۇ ئەلۋەتتە يۇقارقى سەپلىمىلەرنى سۆرىيەلىگۈدەك تاختا ئىشلەتمىسە بولمايدۇ ئەلۋەتتە، ھازىرقى بازاردىكى ئەڭ شاش ئاساسىي تاختىنىڭ باھاسى تۆۋەندىكىچە
Capture.PNG
دىمەك ئۆزىمىز بارماقلاپ ھىسابلاپ كەلسەك يۇقارقى سەپلىمىلەر150000 مىڭغا بېرىپ قالىدۇ، يەنى تەنھەرخى سېتىلىش باھاسىنىڭ 50% بولدى دىگەن گەپ، بۇ ئالما شىركىتىنىڭ 35% تەنھەرخ بۇيىچە سېتىش پىرىنسىپىدىن خېلىلا يۇقىرى شۇڭا ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزىگە بۇ كومپيوتېرنى بەك ئەرزان سېتىپ قويغاندەك تۇيۇلىدۇ.
ئەمدى ھېلىقى 35000 مىڭلىق ئېكرانغا كەلسەك، بۇ ئېكراننىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ۋە باشقا سان سېفىرلىرى ئەڭ يۇقىرى كەسپىي سەۋيەگە يەتكەن بولۇپ، باشقا كەسپىي ئېكران ياساش شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا نىسپەتەن باھا ھەر ھالدا نورمال دىسەك بولىدۇ. كەسپىي ئېكران دېگىنىمىز پەقەت ئېنىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى رەڭ ئىپادىلەش دائىرىسى، ئېكران تەۋرىنىش چاستوتىسى دىگەنلەرمۇ ئادەتتىكى ئېكرانلارغا قارىغاندا يۇقىرى دىگەنلىك، بەزى ئالاھىدە كەسىپلەردە مۇشۇنداق ئېكرانلارنى ئىشلەتمىسە بولمايدۇ.
Capture.PNG
ئاخىرىدا كۆرۈپ باقساق بولىدۇكى بۇ قېتىمقى ئالمىنىڭ چىقارغان كوميوتېرىنىڭ باھاسى كەسپىي ئېھتىياجى بارلارغا نىسبەتەن ھەر ھالدا نورمال بولدى دىسەك بولىدۇ.

banner1.jpg

3ئادەم ئىنكاس يازدى

abjsoft ۋاقتى: 2019-6-9 12:21:44
مىنىڭچە ئۇ كومپىيوتېرغا سەپلەنگەن CPU بولسا 14 يادىرولۇقتىن ئىككىسى بۇلۇش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى، ئالما قوش CPU ئىشلىتىشكە ئامراق .
elbilge ۋاقتى: 2019-6-10 00:45:30
تەننەرخىنى 150مىڭ دىسەك پايدىسىنى 50مىڭ ئەتراپىدا كونتىرول قىلسىمۇ مۇۋاپىق بولاركەن، بۇ كومپىيوتېرنى يەنىلا ئاساسەن شىركەتلەر سېتىۋالىدۇ
general0997 ۋاقتى: 2019-6-10 10:40:30
كۇزۇم راسمى ئېچىلدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部