+تېما يوللاش
كىيىك يوللانغان ۋاقتى:2019-5-16 13:15 3862 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يېقىندىلا OPPOنىڭ بالا ماركىسى Realme دۆلەت ئىچى بازىرىغا قايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن realmeX ۋە realmeX نىڭ ياشلىق باھارى نۇسخىسى ئىككى خىل يېڭى يانفوننى رەسمىي ئېلان قىلدى، باھاسى ناھايىتى مۇۋاپىق بولۇپ خوڭمىنىڭ ئىقتىدار باھا نىسبىتى ئورنى زور زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

realme X ياشلىق باھارى نۇسخىسى(青春版)

6.3ديۇملۇق تامچە ئېكران، ئالدى كامىراسى 25مىليون پېكسىل، ئارقا كامىرا 16مىليون ۋە بەش مىليون پېكسىل.(IMX519) بارماق ئىزى سېنزورى كەينى تەرەپتە، كۇۋالكوم 710 بىرتەرەپ قىلغۇچ ، 4045mah چوڭ سىغىملىق باتارېيە سەپلەنگەن ، 20W تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. Micro_usb زەرەتلەش ئېغىزى ئىشلىتىپ 3.5mm تېڭشىغۇچ ئېغىزىنى ساقلاپ قالغان,
mmexport1557983413822.jpg
باھاسى

يۈەن 1199=4+64GB

يۈەن 1299=6+64GB

يۈەن 1499=6+128GB
Realme X
mmexport1557983479268.gif
6.53ديۇملۇق AMOLED ئېكران، ئېكران ئىگەللەش نىسبىتى %91.2، يېڭى بىر ئەۋلاد ئوپتىكىلىق ئېكران ئارقىلىق بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش ۋە DC نۇر تەڭشەشىنى قوللايدۇ،  3765mAh باتارىيە، 20w تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. ئالدىغا 16مىليون پېكسىللىق سىيرىلما شەكىللىك يوشۇرۇن كامىرا، كەينىگە سونىينىڭ 48 مىليون پېكسىللىق ئاساسىي كامىراسى ۋە بەش مىليون پېكسىللىق قوشۇمچە كامىرا ئىشلىتىلگەن.3.5mm  تىڭشىغۇچ تۆشۈكى ساقلاپ قىلىنىپ type-C ئېغىزى زەرەتلەش ئېغىزى ئىشلىتىلگەن، دۇبى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئاۋاز تېخنىكىسى قوللىنىلغاچقا ئاۋاز ئۈنۈمى ياخشى، بىرتەرەپ قىلغۇچىغا كۇۋالكوم 710 بىرتەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن. كامىراسىنىڭ سىيرىلىپ چىقىش ۋاقتى 0.74سېكۇنىت، 200مىڭ قېتىملىق سىيرىلىپ چىقىشقا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالدى كامىرا 2D چىراي پەرىقلەندۈرۈشكىمۇ ئىشلەيدۇ، ئېكران يورىغاندىن كېيىن كامىرا سىيرىلىپ چىقىپ قۇلۇپ ئېچىلغاندىن كېيىن كىرىپ كىتىدۇ.
mmexport1557983539467.gif
مەھسۇلات ئېلان قىلىش يېغىنىدا realme نىڭ CEOسى لى بىڭجۇڭ ماركا قىممەت قارىشى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « سۈپەت بىزنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىمىز.  ئەگەر سۈپىتى ياخشى بولمىسا، مەن بۇ شىركەتنى تاقىۋېتىشنى خالايمەن.»  ئۇ يەنە ئىقتىدار ــ باھا نىسبىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: ئىقتىدار باھا نىسبىتى بولسا مەھسۇلاتنى ياخشى ئىشلىمەسلىكنىڭ باھانىسى، realme ھەرگىزمۇ ئىقتىدار باھا نىسبىتىنى باھانە قىلمايدۇ.  realme دەل ئىقتىدار-باھا نىسبىتى ۋە ياخشى سۈپەتكە تەڭ ئېتىبار بەرگەن مەھسۇلات.

باھاسى
mmexport1557983583055.jpg
يۈەن 1499=4+64GB

يۈەن 1599=6+64GB

يۈەن 1799=8+128GB

ئۇنىڭدىن باشقا realme X 大师版 نۇسخىسى بار بولۇپ يۈەن 1899=8+256GB
mmexport1557983627751.jpg
5-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ رەسمىي سېتىلىشقا باشلايدۇ. realme X  يۇقارقى باھا ھەم سەپلىمىسىگە نىسبەتەن ئىشلىتىشكە ئەرزىيدۇ، بولۇپمۇ realme X. كۇۋالكوم 710 ئويۇن ئوينىغاندىمۇ ھاجىتىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ، پۈتۈن ئېكران ۋە سىيرىلما شەكىللىك كامىرا قىممەت باھالىق يانفونلاردەك تۇيغۇ بىرىدۇ. بۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئالقىشلانغان OPPO K1 غا سېلىشتۇرغاندا مۇئەييەن ئەۋزەللىككە ئىگە.

نىمىلا بولمىسۇن بازار رېقابىتى، شىركەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھايات ــ ماماتلىق تېركىشىش  سەۋەبىدىن شىركەتلەر ئايرىم تۈردىكى ئىقتىدار باھا نىسبىتىنى ئاساس قىلغان مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىپ بىزگە نىسبەتەن پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەردى. خوڭمىنىڭ كۇۋالكوم 855 ئىشلىتىلگەن يانفونىغا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئىسىمنى بىكىتىپ ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كىردى، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ. ئوپپونىڭ بۇ مەھسۇلاتى ۋە سامسۇڭ A60 قا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن باھاسى 1999 يۈەن ئېلان قىلىنسا ، ئۇ چاغدا خوڭمى يەنىلا 2000 يۈەندىن تۆۋەن باھادىكى بازاردا ئاتامانغا ئايلىنالايدۇ.
مەنبە:kapitan知识库ئۈندىدار سالوندىن كۆچۈرۈپ ئېلندى

2ئادەم ئىنكاس يازدى

13565677761 ۋاقتى: 2019-5-20 10:25:34
ئالىپ ئەھلى ياخشىمۇسىلە   ئالماقچىتىم قانداق سىتىۋالىمە دوسلار ؟
1933315008 ۋاقتى: 2019-5-22 00:33:15
13565677761 يوللىغان ۋاقتى  2019-5-20 10:25
ئالىپ ئەھلى ياخشىمۇسىلە   ئالماقچىتىم قانداق سىتىۋالى ...

23-چېسلا جىڭدۇڭدا سىتىلدىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部