+تېما يوللاش
كىيىك يوللانغان ۋاقتى:2019-4-21 14:27 3725 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يىلنى سامسۇڭ ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىل دىيىشكە بولىدۇ ، چۈنكى بىرقانچە يىلدىن بۇيان سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇرۋاتقاندا بۇيىل ئېلان قىلىنغان S10 يۈرۈشلۈك يانفونلىرى ياخشى نەتىجە يارىتىپ يەنە بىر قېتىم سامسۇڭ قىزغىنلىقى بارلىققا كەلتۈردى. سامسۇڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەرزان باھالىق يانفون بازىرىنىمۇ قولدىن بەرمەي تۆنۈگۈن ئىقتىدار باھا نىسبىتىنى نىشانلىغان Galaxy A60 ھاياتىي كۈچ نۇسخىسى (元气版)نى ئېلان قىلدى. بۇ ئېنىقلا سامسۇڭنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن红米,vivo,荣耀,OPPO قاتارلىق ماركىلارنىڭ ئەرزان باھالىق يانفونلىرىغا قارىتا رىقابەت ئېلان قىلغىنى ھىسابلىنىدۇ،
mmexport1555825025429.jpg
ئېكرانى 6.3ديۇملۇق LCD ئېكران، ئېكراننى تەۋرىتىش ئارقىلىق ئاۋاز چىقىرىش تېخنىكىسى قوللانغان،(پەقەت سۆزلەشكەندىكى ئاۋاز) ئېكران ئىگەللەش نىسبىتى %91. ئالدى كامىراسىغا 16مىليون پېكسىللىق كامىرا ئىشلىتىپ تۆشۈكلۈك ئېكران لايىھەسى بويىچە ئۈستى سول بۇلۇڭىغا ئورۇنلاشتۇرغان. سامسۇڭ تەرەپ يانفون ئېكرانىنى ئالاھىدە سۈزۈك كۆزقارچۇقى ئېكران دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى ئېكران ئۆچكەن ھالەتتە ئالدى كامىرا ئېكران بىلەن بىرگەۋدىلەشكەن ھالەتتە كۆرۈنۈپ كامىراسى ئېكران سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، ئېكران يورىغان ھالەتتە تەگلىك ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق كامىرانى يوشۇرۇپ قويغىلى بولىدىكەن.
mmexport1555827537269.jpg
mmexport1555827542194.jpg
كەينى كامىراسىغا 32مىليون پېكسىللىق ئاساسىي كامىرا، سەككىز مىليون پېكسىللىق 123گىرادۇسلۇق ئالاھىدە كەڭ بۇلۇڭلۇق كامىرا، بەش مىليون پېكسىللىق مەنزىرە چوڭقۇرلۇقى كامىرا قاتارلىق ئۈچ كامىرا سەپلەنگەن . AIئىقتىدارلىق نۇقساننى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، سۈرەتكە تارتقاندا كۆز چىمچىقلىتىش، ھەرىكەت غۇۋالىشىش، تەسكەي تەرەپ قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ ۋە ئەسكەرتىدۇ.
كۇۋالكوم 675تىپلىق بىرتەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن ، توك سەرپىياتى تۆۋەن. ئىگە تەرەپنىڭ ئىيتىشىچە ئويۇن قوزغىلىش سۈرئىتى %30، توربەت كۆرۈش سۈرئىتى %35 ئاشۇرۇلغان.  باتارىيە سىغىمى 3500mAh، سىملىق 15W تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.تىڭشىغۇچ ئىغىزى بىكار قىلىنىپ type-C ئۇلاش ئېغىزى ئىشلىتىلگەن ، يەنە بىر ئالاھىدە تەرىپى NFC ئىقتىدارى بار، بۇ ئەرزان باھالىق يانفونلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئىش ھىسابلىنىدۇ. چىراي پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ، بارماق ئىزى سېنزورى كەينى تەرەپتە.
mmexport1555827646825.jpg
پەقەت 6GB+64GB نۇسخىسىلا بار ، باھاسى 1499يۈەن . 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ 京东,天猫،苏宁قاتارلىق ئاساسلىق تور سودا سۇپىلىرىدا سېتىلىشقا باشلايدۇ
يۇقارقى سەپلىمىلىرى ۋە باھاسى بىلەن سامسۇڭ Galaxy A60 يانفونى دۆلەت ئىچىدىكى ئەرزان باھالىق يانفون بازىرىغا نىسبەتەن خېلىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، سەپلىمىلىرى جەھەتتە خوڭمى note7 Proنى تولۇق مەغلۇپ قىلالمىسىمۇ ئانچە قىلىشىپمۇ كەتمەيدۇ، ئەمما خۇاۋىينىڭ 荣耀20iنى بىسىپ چۈشەلەيدۇ.

红米note7Proبىلەن سىلىشتۇرمىسى
mmexport1555827878131.jpg
荣耀20iبىلەن سىلىشتۇرمىسى
mmexport1555827914122.jpg
سىلىشتۇرمىنى كۆرۈپ باقساق سامسۇڭنىڭ دۆلىتىمىزدە قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە تېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ، چۈنكى Galaxy A60 ئوخشاش دەرىجىدىكى مەھسۇلاتلار ئىچىدە ناھايىتى زور رىقابەت كۈچىگە ئىگە. خوڭمىي يانفونىنىڭ باھاسىنى 100يۈەنلا چۈشۈرسە ماسلىشىپ كەتكىنى بىلەن 荣耀,OPPO,vivoلارنىڭ ئوخشاش دەرىجىدىكى يانفونلىرى ئاسان تەڭلىشىپ بولالمايدۇ .

سامسۇڭنىڭ جۇڭگو رايون لېدىرى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يېغىنىدا مۇنداق دىگەن : جۇڭگو سامسۇڭ ئۈچۈن  ئىنتايىن مۇھىم بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بىز ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە، ئىقتىدار باھا نىسبىتىگە ئىگە  مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەيمىز .  

ھازىر 1500ئەتراپىدىكى باھادىكى يانفون بازىرىدا رىقابەت كەسكىن، شۇڭا ئايدا نەچچە خىل يانفون ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ ھەم ئىقتىدار باھا نىسبىتىمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا تەڭشىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە بازار ئىگەللەش ئۈچۈن .ئەگەر سامسۇڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەقىقەتەن ئىقتىدار باھا نىسبىتى بويىچە ئەرزان باھالىق يانفون بازىرىغا كىرسە ماركا ئوبرازى ئارقىلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلارغا ئېغىر بىسىم ئىلىپ كىلىدۇ.
مەنبە:: kapitan saluniئۈندىدار سالوندىن كۆچۈپ ئېلندى

2ئادەم ئىنكاس يازدى

xohdj ۋاقتى: 2019-4-22 09:14:44
ئاپلا يەنە بىرە ئايدىن كىيىن تېلفۇن ئالماشتۇردىغان ئىشكىن تىيەنماۋنىڭ ئوپپو مەخسۇس سېتىش دۇككىندىن ئوپپو ك 1 نىڭ 6+64  لىقىدىن بىر سېتۋاپتىكەنمەن
ئەكبەر0997 ۋاقتى: 2019-4-23 14:57:35
سامسۇڭ يانفۇنلىرىنىڭ ئالدىن زاكاس قىلىش  ئادرىسىنى بىلدىغانلار بامۇ ؟مەسىلەن  جىڭدۇڭ ، تىيەنماۋ سېتىش سوپىللىردا  بامۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部