+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2019-4-19 09:43 11913 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كىتاپ، قەغەز ۋە باشقا يەرلەردىكى خەتنى رەسىمگە تارتىپ ياكى سىكانېرلاپ ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرچە خەتنى تونۇتىدىغان OCR تېخنكىسى كۆپچىلىك ئۇزۇندىن بىرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن مۇھىم تېخنىكا ئىدى. بۇ ئىش ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى.

ocr-to-word.jpg

OCR ئېنگىلىزچە Optical Character Recognition دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، خەت بويچە تەرجىمە قىلسا ئوپتىكىلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى تونۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا كىتاپ، قەغەزلەردىكى يېزىقنى رەسىم ھالەتتە كومپىيۇتېرغا ئەكىرىپ ئۇنى  OCR سىستېمىسىدا تېكىستكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە قاتارلىق دۇنياۋى چوڭ تىللاردىكى OCR تېخنىكىسى ئاللىقاچان پىشىپ يىتىلىپ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلمەكتە. ئەمما ئۇيغۇرچە OCR نىڭ ئەمىلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە يۇمشاق دېتالى بارلىققا كەلمىگەن. (بۇرۇن بىر نەچچىسى ياسالغان بولسىمۇ تۇنۇش ئۈنۈمى تۆۋەن بولغاچقا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلمىگەن)
OCR تېخنىكىسى كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ تېخنىكا. ئۇ سۈنئىي نېرۋا تورى، ماشىنلىق ئۆگىنىش دېگەندەك خەلقئارالىق ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا سەۋىيىسىنى تەلەپ قىلىدۇ.
تېڭشۈن مىللىيچە خەنزۇچە تەرجىماننى ياسىغان خۇاڭشېن دوكتۇرنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاخىرى ئۇيغۇرچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك OCR سسىستېمىسىنى ياساپ تېڭشۈن مىللىيچە خەنزۇچە تەرجىمانىغا قوشتى.
تېڭشۈن مىللىيچە خەنزۇچە تەرجىمانىدا خالىغان يەردىكى ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە خەتنى رەسىمگە تارتىپ تەرجىمە قىلدۇرۇشقا بولىدۇ. (ساقلاقلىق رەسىمنى ئېچىپ كۆرسىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ) ئۆلچەملىك يېزىلغان ئۇيغۇرچىنى تونۇش نىسبىتى %100

گېزىتنى رەسىمگە تارتىۋاتقاندىكى ھالەت
微信图片_20190418223627.jpg

خەت تونۇش نەتىجىسى
微信图片_20190418223640.jpg

تەرجىمىسى
微信截图_20190418223721.jpg

قوليازما خەت نۇسخىسى
微信图片_20190418224633.jpg

تونۇش نەتىجىسى
微信图片_20190418224642.jpg

ئادەم قولدا يازغان خەت ئۆلچەملىك، چىرايلىق بولسا ئۇنىمۇ تونۇيدىكەن.
تېڭشۈن مىللىيچە خەنزۇچە تەرجىمان ۋە ئۇيغۇرچە رەسىمدىن يېزىق تونۇش OCR تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەقسىز تارقاتقان خۇاڭشېن دوكتۇر ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز.
مەزكۇر تەرجىماننى ماۋۇ كودنى سىكانېرلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
124132dt3t1yi3w454crwy.jpg

بۇ تەرجىماننى ئالدىنقى قېتىم ئىشلەتكەنلەر قايتا كىرسەڭلار يېڭىلاش ئەسكەرتىمىسى چىقىدۇ، يېڭىلىغاندىن كېيىن رەسىمدىن خەت تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ.
بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشتا يەنە خەنزۇچىنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىش TTS ئىقتىدارى قوشۇلدى. ئۆلچەملىك ئاۋازدا ئوقۇپ بېرىدۇ. كېيىنكى قېتىملىق يېڭىلىنىشتا ئۇيغۇرچىنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىش ئىقتىدارى قوشۇلىدۇ.

10ئادەم ئىنكاس يازدى

kitabpurux ۋاقتى: 2019-4-19 10:38:05
ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇشى بەك قالتىسكەن، ئىككىنجى قىتىم ئىشلەتسەم يېڭىلاش ئەسكەرتمىسى چىقمىدى
urum131 ۋاقتى: 2019-4-19 10:58:40
      رەھمەت تىما يوللىغۇچى، رەھمەت خۇاڭ شىن دوكتۇر باشچىلىقىدىكى ئالىملار !!!!! ھاياجان ھېي ھاياجان .....كىيىنچە تىخىمۇ مۇكەممەللىشىپ كەتكۈسى
نۇركۆز ۋاقتى: 2019-4-20 13:33:43
بايام خىزمەتداشلىرىمغا ئەپچاقنى چۈشۈرۈپ بەرسەم ئۇلار بەك ياخشى ئىكەن دەپ ماختاپ كەتتى. ئۇلار ئەپچاقنى دوسلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ چىقارماقچى بولغاندا ھەمبەھىرليەلمەپتۇ، بولسا مۇشۇ ئىقتىدارنىڭ قۇشۇللشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەپ دىتالى ياسلىشىنى تىخىمۇ بەك ئۈمىد قىلىمەن.
elbilge ۋاقتى: 2019-4-20 14:35:22
ۋوي،مەن ocr ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلمىدىمغۇ ، نەدىن چىقىدۇ؟
nurahmat ۋاقتى: 2019-4-22 00:17:29
خېلى ئۆلچەملىك يېزىلغان باسما خەتنىمۇ تۇنىيالمىدىغۇ، ياكى مېنىڭ مەشغۇلاتىمدا خاتالىق بارمۇ؟
Screenshot_20190421-192702.jpg
Screenshot_20190421-192653.jpg
aliptori ۋاقتى: 2019-4-22 12:42:40
nurahmat يوللىغان ۋاقتى  2019-4-22 00:17
خېلى ئۆلچەملىك يېزىلغان باسما خەتنىمۇ تۇنىيالمىدىغۇ،  ...

ئۇيغۇرچىنى 维=汉 گە توغرىلاپ تونۇتۇڭ.
elbilge ۋاقتى: 2019-4-23 18:29:06
مەن ocr تونۇتسام پەقەت رەسىمدىن خەت شەكىلدە تونۇپلا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى, لېكىن ئۇيغۇرچە خەتنى ۋورد شەكىلدە تۇنۇپ بەرمىدى ,خەت شەكلىدەكۈچۈرۈپ چاپلىغىلى بولمايدىكەن
aliptori ۋاقتى: 2019-4-23 19:02:02
elbilge يوللىغان ۋاقتى  2019-4-23 18:29
مەن ocr تونۇتسام پەقەت رەسىمدىن خەت شەكىلدە تونۇپلا خەن ...


تونۇپ خەتكە ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ۋوردقا چاپلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
تونۇپ بولغان خەتنى بېسىپ تۇرسىڭىز كۆچۈرۈش، چاپلاش تىزىملىكى چىقىدۇ.
sirdixim0009 ۋاقتى: 2019-4-29 17:09:07
چۈشۈرۈش ئادرىسىچۇ يوقكەنغۇ
alip ۋاقتى: 2019-4-29 18:08:36
sirdixim0009 يوللىغان ۋاقتى  2019-4-29 17:09
چۈشۈرۈش ئادرىسىچۇ يوقكەنغۇ

ماۋۇ كودنى سىكانېرلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ دېگەن گەپنى قايسى تىلدا دېسە چۈشىنىسىز؟
بۇ چۈشۈردىغان ئەپ ئەمەس، ئۈندىدار كىچىك ئەپچىسى. چۈشۈرمەيسىز ئاشۇ كۆرسىتىلگەن كودنى سىكانېرلاپلا ئىشلىتىسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部