+تېما يوللاش
كىيىك يوللانغان ۋاقتى:2019-4-7 22:30 14647 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
رەسىمنىڭ ئارقا مەنزىرىسىنى ئۆزگەرتىدىغان ئەپ توغۇرلۇق سورايدىغانلار كۆپ ، بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئەپلەرمۇ ئاز ئەمەس  تېمىدىكى ئەپمۇ بۇ جەھەتتە ياخشى ، ئەمما مەنزىرىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قولدا سىزىش ئارقىلىق رەسىم كىسىشكە توغرا كىلىدۇ . شۇڭا تۆۋەندە يانفۇندا رەسىم لايىھەلەشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۈچۈن رەسىم بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بىر ئەپنى تونۇشتۇرىمەن ، ئەپنىڭ ئالما ۋە ئاندرويد نۇسخىسى بار . ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى AI پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ رەسىمدىكى ئادەم ۋە ئارقا مەنزىرىنى پەرقلەندۈرۈپ ئايرىپ بىرەلەيدۇ، ئاندىن بىر كونۇپكا بىلەنلا ئارقا مەنزىرىنى چىقىرۋىتىپ ئەپتە تەمىنلەنگەن ياكى يانفۇندىكى رەسىمنى ئارقا مەنزىرە رەسىمى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا پەرقلەندۈرۈپ چىقىرۋالغان رەسىمنى خالىغانچە كۆپەيتىپ قوشكېزەك ھالىتىدە رەسىم لايىھەلىگىلىمۇ بولىدۇ . ئەپنىڭ بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارىدىن باشقا رەڭ تەڭشەش ، قولدا سىزىپ ئۆزگىچە ئىمزا قويۇش ، رەسىمدىكى مەلۇم نۇقتىنى چىقىرۋىتىپ ئارقا مەنزىرىگە ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار . رەسىمنى پەرقلەندۈرۈپ ئارقا مەنزىرىسىنى چىقىرۋىتىش ئىقتىدارى خېلىلا مۇكەممەل تۆۋەندىكى ئەپ ئارقىلىق ئارقا مەنزىرىنى ئۆزگەرتكەندىكى ئۈنۈم رەسىم
1.رەسىم ئەسىلدىكى تارتىلغان رەسىم،
IMG_20190406_215504.jpg
2.رەسىم ئارقا مەنزىرسى ئالماشتۇرغاندىكى رەسىم  
0C6C04B7740986E62A6D8C68A54CCC84.png
262300863ED622B708F87BCFB687C1F4.png
53A05B26906229698AC4360ED23D4E46.png
يۇقارقى رەسىمنىڭ ئارقا مەنزىرىسى ناھايىتى مۇكەممەل ئالماشتۇرۇلغان ، رەسىمنىڭ ئارقا مەنزىرىسى بىلەن ئادەم رەڭ جەھەتتە بەك بىرىكىپ كەتمىگەنلا بولسا چانمىغۇدەك ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ،ئەمما بەك بىرىكىپ كەتكەن رەسىم بولسا ئۈنۈمى تازا ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن . ئەگەر شۇنداق بولۇپ ئاپتۇماتىك پەرقلەندۈرۈپ ئايرىۋالغان رەسىمدە مەسىلە بولسا (تاللاشقا تېگىشلىك جاينى جايىدا پەرقلەندۈرەلمىسە)  شۇنى چېكىپ تاللىغاندىن كېيىن 边缘修改ئىقتىدارى ئارقىلىق بويىساق تۈزەتكىلى بولىدۇ،

يۇقارقىدەك ئەگەر  رەسىمدە قانچە ئادەم بولسىمۇ خالىغانلىرىنى چىقىرۋەتكىلى ياكى كۆپەيىتكىلى بولىدۇ ، ياكى باشقا رەسىملەردىكى ئادەملەرنى تاللاپ ئايرىپ چىقىپ بىر رەسىمگە بىرىكتۈرگىلى بولىدۇ . ئەپنىڭ ئىقتىدارى ياخشى تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزلا بولسا ئاجايىپ رەسىملەرنى لايىھەلەپ چىقالايسىز .
ئەپنىڭ ئىقتىدارى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھىس قىلالايسىز . ئەپنىڭ ئىسمى 马卡龙玩图 يانفۇننىڭ ئەپ بازىرىدىن ئىسمى بويىچە ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ
مەنبە:: kapitan saluniئۈندىدار سالونىدىن ئېلندى

10ئادەم ئىنكاس يازدى

nabijan ۋاقتى: 2019-4-8 15:16:40
يانفوندا بار بولغان تەييار رەسىمنى چىقىرىدىغان يەرنى پەقەت تاپالمىدىما ، قەيەردىن تاپقىنى بولىدۇ ؟
كىيىك ۋاقتى: 2019-4-8 20:39:51
nabijan يوللىغان ۋاقتى  2019-4-8 15:16
يانفوندا بار بولغان تەييار رەسىمنى چىقىرىدىغان يەرنى  ...

تاپماق بەك ئوڭاي، دىتالنى قوزغۇتۇپ ئاچسىڭىزبولدۇ،دىتال قوزغالغاندىن كىيىن يشىل رەڭلىك چەمبەرنىڭ ئىچدىكى ئورۇننى باسسىڭىز يانفۇنڭىزدىكى تەييار رەسىملەر  چىقدۇ،
رەسىمگەقاراپ مەشخۇلات قىلىڭ،بەك ئاددىي ھەم قۇلايلىق،تورسىز مۇھىتتا ئارقا مەنزىرە رەسمنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ،  نۇرمال ئشلىتىش ئۈچۈن يانفۇنىڭىزنى تورغا ئۇلاڭ،
IMG_20190408_203455.jpg
Screenshot_2019-04-08-20-33-49-534_com.versa.png
13139744004 ۋاقتى: 2019-4-9 12:54:37
رەھمەت سېزگە تېما ئىگسې مەن ئىزدىگەن دىتال نەق ئۈزى شۇكەن بەك خۇش بولدۇم سېزگە كۆپ رەھمەت
xatmen ۋاقتى: 2019-4-9 14:37:42
بولىدىغان ئەپكەن جۇمۇ بۇ  ، رەھمەت سىزگە
nabijan ۋاقتى: 2019-4-9 17:25:12
رەھمەت سېزگە , تېما ئېگىسى، ھەممە يېرىنى بىلۋالدىم، سېزگە كۆپ رەھمەت، ئۇبدان دىتالكەن
kudrat007 ۋاقتى: 2019-4-10 11:08:50
مەنمۇ مۇشۇ ئەپنى ئىشلەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولدى . ھەر تەرەپتىن ياخشى .
uqkun77 ۋاقتى: 2019-4-23 21:20:54
ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى دىتالنىڭ تامغىسىنى چىقىرىۋەتكىلى بولامدىغاندۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部