+تېما يوللاش
hawaskar27 يوللانغان ۋاقتى:2019-3-17 21:04 6244 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈندىدار ئىشلەتكەندە بەزىدە سالونلاردا كىنو كۆرگىمىز ياكى ياخشى پاكىزە ئەپلەر بولسا چۈشۈرۋالغىمىز كېلىدۇ، ئەمما ھاياجان بىلەن ئاچقىنىمىزدا دائىم كۆرىدىغىنىمىز "بۇ كىنونى كۆرۈش ئۈچۈن ئۈچ توپقا يوللاڭ"، "بۇ ئەپنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن چەمبىرەككە يوللاڭ" بولىدۇ، بەزىدە بوپتۇ دەپ دىگىنىدەك قىلىمىز، ئەمما بەزىدە ئادەمنى بەكلا تەڭقىسلىكتە قويىدۇ. مەسىلەن مىنىڭ ئۈندىدارىمدا پەقەت بىرقانچىلا توپ بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى خىزمەتداشلىرىم، مەن چەمبىرەككە قالايمىقان مەزمۇن چىقارمايمەن، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مىنىڭ بۇ كىنونى بەكلا كۆرگۈم بارتى ۋاي ئىسىت دەپ قالىمىز.
تېخى بەزى سالوندىكى ئۈچ توپقا يوللاڭ دېگەن نەرسىنى 30 توپقا يوللىسىڭىزمۇ ھېچنىمە چىقماي ئادەمنى موتورولا قىلىدۇ.
ئەنسىرىمەڭ ، بۇنىڭ ئامالى بار! مەيلى ئەپلەر بولسۇن مەيلى تور بېكەت بولسۇن ياكى سالون بولسۇن ئۈندىدار توپىغا ياكى چەمبىرەككە مەزمۇن يوللايدىغان ئىختىدارنى ئاچماقچى بولىدىكەن چوقۇم ئالدى بىلەن ئۈندىدار ئىگە تەرەپكە ئەنگە ئالدۇرىشى كېرەك، ئاندىن ئۈندىدار ئىگە تەرەپ بەلگىلىگەن ئۇسۇلدا ھەمبەھىرلەش  ئىقتىدارىنى ياسىسا بولىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتى ئۈندىدار ئىگە تەرەپ  ئەپ ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدا ئېنىق يېزىلغان.
كونا قائىدە بۇيىنچە بولغاندا سىز بىر مەزمۇننى تور بېكەتتىن ياكى سالوندىن كۆرۈپ توپقا ھەمبەھىرلەپ بولغاندىن كېيىن ئۈندىدار شۇ سالونغا سىزنىڭ بۇ مەزمۇننى ھەمبەھىرلىگەن ياكى ھەمبەھىرلىمىگەنلىكىڭىزنى خەۋەر قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن سالونلار سىزنىڭ قانچە قېتىم ھەمبەھىرلىگىنىڭىزنى ھىسابلاپ تۇرالايتتى. لىكىن سالونچىلار ئۈچ توپقا يوللاڭ دەپ ئىشلەتكۈچىلەرنى بەك قاقشىتىۋەتكەنلىكتىن ئۈندىدار بۇ ئىشقا ئاللىبۇرۇن مۇناسىۋەتلىك چارە كۆرگەن.
بۇ رەسىم ئۈندىدارنىڭ 2018-يىلى 8- ئايدا چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىسى:
20180917141840666.png
بۇيېڭى بەلگىلىمىدە بۈگۈندىن باشلاپ ئىشلەتكۈچىلەر ئۈندىداردا مەزمۇننى ھەمبەھىرلىگەنلىك ياكى ھەمبەھىرلىمىگەنلىك ئۇچۇرى ئەمدى سالون، ئەپ ،ئەپچاق سېستىمىلىرىغا خەۋەر قىلىنمايدۇ دىيىلگەن. يەنى سالونچىلار سىزنىڭ زادى راس ھەمبەھىرلىگەن ياكى ھەمبەھىرلەش بېتىنى ئېچىپلا قۇيۇپ ئېتىۋەتكەنلىكىڭىزنى پەرىق ئېتەلمەيدۇ.
ئەمدى بىرەر مەسىلە ئېلىپ كۆرەيلى: (تۆۋەندىكى سالون پەقەت سىناق ئۈچۈنلا ئېلىندى، باشقا مەخسىتىمىز يوق)
1.jpg 2.jpg 3.jpg
رەسىمدىكىدەك بىز ھەمبەھىرلەش بېتىنى ئېچىپلا يېپىۋەتتۇق، لىكىن بۇ سالون بىزنى يەنىلا ھەمبەھىرلىدى دەپ قارىدۇ، مانا بۇ ئۈندىدار ئورگان تەرەپنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغانلىقىنىڭ مەسئۇلى.
توختاڭ سەل توختاڭ!
پىروگراممىرلارنىڭ ئەقئىي ئىقتىدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئارىسىدا يىشو پىروگراممىرلارمۇ ئاز ئەمەس، بەزى سالونلارنى يازغان پىروگراممىرلار " ھەمبەھىرلىگەن ياكى مىنى كولدۇرلاتقاننى سەن دەپ بەرمىسەڭ ئۆزۈم بىلەي" دەپ ۋاقىت ھىسابلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ۋاقىت ھىسابلاش ئۇسۇلى دىگىنىمىز: سىز بىر مەزمۇننى ئۈندىدار سالونىغا ياكى توپقا ھەمبەھىرلەپ بولغىچە ئاز دېگەندە 5 سىكونت كېتىدۇ، ئەمما ھەمبەھىرلەش بېتىنى ئېچىپلا يېپىۋەتسىڭىز بۇنىڭغا ئادەتتە 2 سېكونتلار ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يىشو پىروگراممىرلار ئىشلەتكۈچىنىڭ سەرىپ قىلغان ۋاقتىغا ئاساسەن راس يالغان ھەمبەھىرلەرشنى سېزىدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى سىز شىڭيوۋىمىندەك ھاماقەت بولمىغاندىكىن چوقۇم بىلدىڭىزغۇ دەيمەن؟ يەنى سىز ھەمبەھىرلەش بېتىنى ئېچىپ 5 سېكونت تۇرىۋېتىپ ئاندىن يېپىۋەتسىڭىزلا كۇپايە.
ئاخىردا شۇنى دىمەكچىمىزكى، گەرچە بەزى سالونلار تايىنى يوق مەزمۇنلىرىغا ئادەمنى كولدۇرلىتىپ ھەمبەھىرلىگىلى سالغىنى بىلەن كۆپۈنچە سالونلار ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى يوللايدۇ (ئۈستىدە مىسال ئېلىنغان سالون ئەمەلىيەتتە مۇشنداق ياخشى سالونلارنىڭ بىرى)، شۇڭا بەك تەڭقىسلىقتا قالمىغان ئەھۋالدا سالونچىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلساقمۇ ئېغىر كەتمەيدۇ.
ئاخىردا خوش يېقىپ قالسا سالونىمىزنى قوشىۋېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز، ھەر ھەپتىدە ئەڭ يېڭى نادىر ئەپلەرنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە ۋە ئۈندىداردىكى ئالدامچىلىق ساقتىپەزلىكلەرنى ئېچىپ تاشلايمىز. سالونىمىز نامى Aplar精选
扫码_搜索联合传播样式-标准色版.png

1ئادەم ئىنكاس يازدى

白雪 ۋاقتى: 2019-3-30 14:06:29
ئوبدان گەپ ، بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك !!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部