+تېما يوللاش
كىيىك يوللانغان ۋاقتى:2019-2-26 19:28 3880 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش


يېقىندا ئۈندىدار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىلىردىكى چاكىنا، زەھەرلىك مەزمۇنلار شۇنداقلا ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مۇناسىۋەتلىك 40 مىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنى پىچەتلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



ئۈندىدار ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: سېرىق ۋە چۈشكۈنلەشتۈرۈش تېمىسىدىكى  مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاكىنا ۋە كۆپتۈرۈلگەن مەزمۇنلار ئابونتلارنىڭ ئېستېتىك قارىشى ۋە ئوقۇش تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، سۇپىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئېكولوگىيە ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزدى.



بۇنىڭغا قارىتا، 2019-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئۈندىدار سېرىق ۋە زوراۋان تۈسىنى ئالغان مەزمۇن تارقاتقان نومۇردىن 966نى پېچەتلىدى ھەمدە بىر تەرەپ قىلدى، 2267 پارچە ماقالىنى ئۆچۈردى. پېچەتلەنگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان چاكىنا تۈردىكى مەزمۇنلارنى تارقاتقان نومۇرنىڭ سانى 36 مىڭ 556 غا يەتتى، ئۆچۈرۈلگەن مۇناسىۋەتلىك ماقالىنىڭ سانى 73 مىڭ 318 پارچىغا يەتتى. ئىدىيەنى بۇرمىلايدىغان، تېما بىلەن ئېزىقتۇرىدىغان نومۇرلاردىن 3070 نى پېچەتلىدى ھەم بىر تەرەپ قىلدى، مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن 3447نى ئۆچۈردى.



2019-يىلى چاغان مەزگىلىدە، سۇپا قوش ھەسسىلەپ قىزىل بولاق قايتۇرۇپ پايدا يەتكۈزۈش ئالدامچىلىق قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بانكا سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.



چاغان مەزگىلىدە، قىسمەن ئۈندىدار سۇپىلىرى باھار بايرىمىلىق ئابونتلارغا پايدا يەتكۈزۈش نامىدا، ئابونتلىرىغا ساختا قوش ھەسسىلىك قىزىل بولاق قايتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ئۇلانمىسىنى ئەۋەتكەن. ئۈندىدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇلانمىلار ھەرخىل بايراملارنىڭ نامىدا بولۇپ، پۇل تولۇقلىغاندىن كېيىن قوش ھەسسىلەپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ دىيىلىدىكەن، بۇ سۇپىلار ئاز سوممىلىق قىزىل بولاق ئارقىلىق نەق پۇل قايتۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلغان، ئابونتلار يۇقىرى سوممىدا پۇل تولۇقلىغاندىن كېيىن نەق پۇل قايتمىغان.



بۇ يىل 1-ئايدا ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى يۇقىرىقىدەك قائىدىگە خىلاپ ئۈندىدار سۇپىلىرىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقتى ھەمدە نەچچە ئون ئالدامچىلىق قىلمىشى مەۋجۇت ساختا ئۈندىدار سۇپىلىرىنى پېچەتلەپ، يۈزدىن ئارتۇق ئۈندىدار سۇپىسىدا ئىشلىتىلگەن بانكا بەلگىسى ۋە نامىنى تازىلىدى.



ئەمدى، ئۈندىدار بۇ خىل قائىدىگە خىلاپ نومۇرلارنى شاللاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆپچىلىكنىڭ بۇ خىل ئالدامچىلىقلارغا نىسبەتەن سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشىنى ئەسكەرتىدۇ.



ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى سەۋەبىدىن ھېلىھەم بۇ خىل ناچار مەزمۇنلار تارقىلىۋاتىدۇ. تېمىنى دەبدەبىلىك قويىۋېلىپ، ئېچىپ كۆرسە پۈتۈنلەي تېما بىلەن ماس كەلمەيدىغان، شەھۋانىي تۈس ئالغان، ساختا دورىلارنى تەشۋىق قىلىدىغان مەزمۇنلار بۇنداق سۇپىلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ھالەتنى يوقىتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى پاش قىلىش، پاش قىلغان ئادەم قانچە كۆپ بولسا، بۇ خىل سۇپىلارمۇ شۇنچە بالدۇر پېچەتلىنىدۇ ھەم ئۈندىدار مۇھىتىمۇ شۇنچە تېز پاكىزلىنىدۇ.



شۇڭا ناۋادا چاكىنا، سېرىق ۋە ئالدامچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان ئۈندىدار سۇپىلىرىنى بايقاپ قالسىڭىز چوقۇم شۇ ھامان پاش قىلىڭ! پاش قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق:
mmexport1551180164619.jpg
mmexport1551180171048.jpg
mmexport1551180178289.jpg
ئۆزىڭىز ئۇچرىغان ئەھۋالغا قارىتا يۇقىرىقى تاللاشتىن بىرنى تاللاپ يوللىۋەتسىڭىزلا ئارقا سۇپىدىن مەزكۇر مەزمۇنغا قارىتا پېچەتلەش ياكى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ.



كىچىك، چوڭ ھەممىمىز ئورتاق پايدىلىنىۋاتقان ئۈندىدار مۇھىتىمىزنىڭ ساپلىقى ھەم پاكلىقى ئۈچۈن بۇنداق مەزمۇنلارغا كۆرۈلۈش قېتىم سانى قوشۇپ بەرمەڭ ھەمدە تارقاتماڭ، ئۇچرىغان ھامان پاش قىلىپ ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىڭ!

مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى ئۈندىدار سالوندىن كۆچۈرۈپ ئېلندى中国维吾尔语广播CNR

4ئادەم ئىنكاس يازدى

3131446363 ۋاقتى: 2019-2-26 20:25:09
ئۇنداق بولغاندا سىرىق مەزمۇندىكى ھىكايىلەرنى يوللايدىغان سالۇنلارنىمۇ پاش قىلساق بولىدىكەندە.
manguluk ۋاقتى: 2019-2-27 11:53:03
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ نەگىلا قارسا ئادەمنى بىزارقىپ ساختا دورىلا ۋە جىنسى دورىلارنىڭلا ئىلانى راسا پاش قىممىسام
uqkun77 ۋاقتى: 2019-3-1 13:01:49
3131446363 يوللىغان ۋاقتى  2019-2-26 18:25
ئۇنداق بولغاندا سىرىق مەزمۇندىكى ھىكايىلەرنى يوللايد ...

مەنمۇ شۇنداق سالۇندىن بىرقانچىنى پاش قىلغان، يەنىلا داۋاملىق يوللاۋاتىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部