+تېما يوللاش
كىيىك يوللانغان ۋاقتى:2019-1-31 18:25 9000 قېتىم كۆرۈلدى 27 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
سالام تورداشلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن، ئىسىڭلاردا بولشى مۇمكىن ئۆتكەن ھەپتە مەن 红米note7 يانفۇن توغرۇلۇق تىما يوللىغان ئىدىم،
بۇرۇنقى مەزمۇننى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ ئادرىسنى چىكىپ كىرىڭ،
https://aliptori.com/forum.php?m ... ge%3D1&mobile=2
مەن بۈگۈن تىلفۇننى قولۇمغا ئالدىم، يانفۇننى ئېلىپ تۇنجى قىلغان ئىشىم پىنينچە خەت نۇسقىسى قاچلاپ بىرەر قۇر تەڭشەش ئېلىپ باردىم،
يانفۇن ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىنپتۇ، ئاپراتى راسلا سۈزۈك ئىكەن، قولۇمدىكىvivo y83 يانفۇننى ئوڭدىلا قويدى، ئاپراتى قاپارتما شەكلدە سىرتقا پولتۇيۇپ چىققان ھالەتتە ئىشلنىپتۇ، كەمچىلىكى ياڭراتقۇ ئاۋاز تۆشكىدىن ئوڭ سول ئىككى تەرەپتە تۆشۈك بار ئىكەن، ئەمما ئوڭ تەرەپتىكىسى ھەقىقىي ياڭراتقۇ سول تەرەپتىكىسى ساختا ئىكەن، بارماق قۇلۇپ ۋە چىراي قۇلپسى بار ئىكەن،بارماق ئىزى قۇلپىسنىڭ ئېچلىشى تىز ئىكەن، چىراي قۇلپىسنى ئىشلىتىپ باقمىدىم، يانفۇننى ئاچسام 78پىرسەنىت توكى بىلەن چىققان ئىدى، توخو ئويۇنىنى چۈشۈرۈپ ئوينىسام 70پىرسەنىت توكى قاپتۇ، بەلكىم توكى لىق تۇشتۇرلمىغان ھالەتتە بولغانلقى ئۈچۈن ياكى ئويۇن يېرم سائەتتىن ئوشۇق ئوينالغانلقى ئۈچۈن شۇنداق بولغان بولشى مۇمكىن، سەپلىمسىمۇ بەك ياخشى ئىكەن ئويۇن ئويناش جەريانىدا قىزىش ياكى قېتۋېلىش ھادىسى كۆرۈلمىدى، قولغا بولغان سىزىممۇ ناھايتى ياخشى ئىكەن، راھەت تۇيغۇ بىردىكەن، سىپتا ھەم كۆركەم چىرايلىق ياسلىپتۇ،
سىستمىسغا ئالدىن miu10نەشرى قاچلنىپتۇ، ئاندىرويىد نەشرى 9 ئىكەن،
تۆۋەندكىسى رەسمنى كۆرۈپ بېقىڭلار ،
Screenshot_2019-01-31-17-55-32-851_com.android.updater.png
Screenshot_2019-01-31-17-55-21-834_com.android.settings.png
تور سۈرئىتى ياخشى چىقتى،vivoy83يانفۇمدا سەل ئاستا ئىدى ماۋۇ تىلفۇندا بېسىپ بولغۇچە تور بەت سالونلار تىزئېچلىۋاتدۇ،
1000يۈەندىن1400يۈەنگىچە بولغان سەپلىمسى ياخشى يانفۇن سېتۋالغۇچلارغا مۇشۇ يانفۇننى تەۋسىيە قىلمەن،
usb-cئېغزى ئورنىتلپتۇ،باشقا يانفۇنلارغا ئوخشاش خالىغان ئاندىرويىديانفۇننىڭ سىمى چۈشمەيدىكەن،
يانفۇن بىلەن بىرگە كەلگەن ماترىياللار،ئارقا قوغداش قېپى،بىر تال سىم،بىرتال زەرەتلەش بېشى قاتارلىقلاربىلەن كەپتۇ،
NFCئىقتىدارى يوق ئىكەن،
ئىشلىتىش جەريانىدا يەنە باشقا ئىقتىدار ۋە ئاجىزلىقلارنى بايقىسام ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويمەن،
تەۋىسيە بۇ تىلفۇننى سېتۋالسىڭىز  ھەقىقەتەن رازى بولۇپ قالسىز

27ئادەم ئىنكاس يازدى

nakix ۋاقتى: 2019-1-31 21:53:04
مىنىڭمۇ بۇ  تىلفۇندىن بىرنى سىتىۋالغۇم بار ئىدى،تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
ovqi5211 ۋاقتى: 2019-1-31 22:58:02
بۇرادەر سول تەرەپتىكىسى ساختا ياڭراتقۇ ئەمەس مىكرافۇن
新一天 ۋاقتى: 2019-1-31 23:09:34
ھازىر NFC ئىقتىدارى بار تېلفۇنلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك.بۇرۇن ئادەتتىكى يانفۇرغىمۇ سەپلەيتى ھازىر بايراقدار دەرىجىسدىكى بەزى يانفۇنلاردىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدىكە بۇ ئىقتىدارنى
كىيىك ۋاقتى: 2019-2-1 10:19:37
يانفۇننىڭ كۆز ئاسراش ئىقتىدارى بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا كارتىسىز تورغا چىققلى بولدىكەن،
1يۈەنگە 800مىگابايىت تور ئېقمى چىقدىكەن،
ئىھتىياجىمزغا ئاساسەن ئېقىم مىقدارىنى سېتۋالساق بولدىكەن،
تۆۋەندىكى رەسم ئېقىم سېتۋېلىش ئۇسۇللىرى،
Screenshot_2019-02-01-10-18-09-300_com.android.settings.png
IMG_20190201_101426.jpg
Screenshot_2019-02-01-10-13-27-990_com.miui.virtualsim.png
Screenshot_2019-02-01-10-16-24-464_com.miui.virtualsim.png
umid12 ۋاقتى: 2019-2-1 16:00:33
بۇ يانفۇننىڭ otg   ئىقتىدارى بامۇ
كىيىك ۋاقتى: 2019-2-1 18:34:50
يەنە تېخى ھاۋارايىدا شەھەر ناھىيدىن باشقا تۇرشلۇق كەنىت يول ئىسمى بىلەن چىقدىكەن،
开采尔520 ۋاقتى: 2019-2-1 19:13:37
مەنمۇ يانفون سېتىۋېلىشتا كۆپ ئىككىلىنىپ . ئاخىرى شياۋمى يانفۇنىسېتىۋالدىم ئىقتىدارى مىنى تۇلۇق رازى قىلدى  
Mr.mi666 ۋاقتى: 2019-2-2 01:38:18
ئوڭ تەرەپتىكىسى ياڭراتقۇ ، سول تەرەپتىكىسى مىكرافون ، سول تەرەپتىكىسى سىز تىلفۇن پاراڭلاشقان ۋە ئۈندىداردا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغاندا ئۈن ئۇچۇرى يوللاشتا ئىشلىتىلىدۇ ، ئاۋاز چىقارمايدۇ ، بەلكى ئاۋاز قۇبۇل قىلىدۇ ، ھىچقانداق ئورۇن بىكاردىن تىشىپ قويۇلغان ئەمەس ، كۆپ قىسىم تىلفۇنلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئوخشاش .
Mr.mi666 ۋاقتى: 2019-2-2 01:42:07
ئۇندىن باشقا شىياۋمى ئورگان شەھەرچىسىدىن شىياۋمى Redmi Note 7 يانفۇنىنى سېتىۋالغاندا 10 يۈەن قوشسىڭىز بىر دانە 29 يۈەن قىممىتىدىكى ئورگان تەرەپ تىز توك قاچىلاش بېشىنى قوشۇپ ئەۋەتىدۇ ، توك قاچىلاش سۈرئىتى ئادەتتىكىدىن 2-3 ھەسسە تېز.
890 ۋاقتى: 2019-2-2 02:32:16
مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم小米8se مەنمۇ ئېھتىياجىم چۈشكەندە 1يۈەنگە 800MBئېچىپ ئىشلىتىۋاتىمەن،بەكلا قولايلىق ئىكەن،
ئۆزباش ۋاقتى: 2019-2-2 14:34:48
شاۋمى قوش كامىراسىنىڭ بىرى ئىشلىمەمدۇ ياكى ئاچىدىغان يىرى بامۇ بىلدىغانلا يول كۆرسەتسەڭلا
Mr.mi666 ۋاقتى: 2019-2-3 02:10:46
ئۆزباش يوللىغان ۋاقتى  2019-2-2 14:34
شاۋمى قوش كامىراسىنىڭ بىرى ئىشلىمەمدۇ ياكى ئاچىدىغان  ...

ئەمەلىيەتتە ئىككىلى كامىرا ئوچۇق بولىدۇ ، پەقەت بىرى مەخسۇس رەسىمگە تارتىدۇ ، يەنە بىرى ئارقا مەنزىرە غۇۋالاشتۇرۇش ۋە مەنزىرە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ . ئىككىلىسى رەسىمگە تارتمايدۇ ، ئىككى كامىرانىڭ ئىقتىدارى ئوخشاش ئەمەس.
akax5375 ۋاقتى: 2019-2-3 16:30:17
مەنمڭ بىرنى سېتۋالغان ئىدىم، بۈگۈن كەچتە كىلدىكەن قۇلۇمغا ئالسام  باشقا تەرەپلىرىنى ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ، قۇياي
新一天 ۋاقتى: 2019-2-3 21:32:56
890 يوللىغان ۋاقتى  2019-2-2 02:32
مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم小米8se مەنمۇ ئېھتىياجىم چۈشكەندە 1 ...

1يۈەنگە 800مىگابايت تورنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى بىركۈن مىكەن ياكى بىرئاي مۇ
890 ۋاقتى: 2019-2-4 07:44:11
新一�? يوللىغان ۋاقتى  2019-2-3 21:32
1يۈەنگە 800مىگابايت تورنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى بىركۈن مىكەن ...

كۈنلۈك ئېقىم مىقدارى ،ئىشلىتىپ بولاممىسىڭىز ئەتىسى نۆلگە ئايلىنىدىكەن
كىيىك ۋاقتى: 2019-2-4 10:11:39
新一天 يوللىغان ۋاقتى  2019-2-3 21:32
1يۈەنگە 800مىگابايت تورنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى بىركۈن مىكەن ...

1يۈەنگە 800مىگابايىت تورنىڭ ئىشلتىلشى بىر كۈنلۈك ئىكەن، 3يۈەنلىك تورنىڭ بىركۈنلىكى چەكسىز ئىكەن، ئىككى خىل نۇسقىدا چىقدىكەن، لىكىن مەن تېخى سىناپ باققۇدەك بولمىدىم
tanha214 ۋاقتى: 2019-2-6 20:10:44
ئالدى ئارقىسىغا ئەينەك ماتىريالى ئىشلىتىلگەن، يان گىرۋىكى سۇلياۋ ماتىريال سەپلەنگەن، تاشقى قاپ سەپلەپ ئىشلەتمىسە يەرگە چۈشسە زەخمىگە ئۇچراياۇ دەپتۇ، راسمىكەن،
xatmen ۋاقتى: 2019-2-7 13:51:52
مەنمۇ بىرنى ئالاي دەپ كىرسەم  12 چىسلا سېتىشنى باشلايدىكەن  ،  بەك ساقلاپ كىتەمدىمەن نىمە  .
ئالدى ئەينىكى راسلا شۇنداق چىداملىقمىدۇ  ،  بىر گۇي تىلفۇننىڭ ئالدى تەرىپىدە تاش ياڭاقنى ئۇرۇپ چېقىپ  ، ئۇشلۇق پىچاق بىلەن ئېكرانغا خېلى كۈچەپ  ئۇرسىمۇ ھېچنىمە بولمىدى  . يەگە ئېتىپ سىناپ باققان بولسا كۆڭۈلدىكىدەك بولاتتى ئەسلى
jasur383 ۋاقتى: 2019-2-9 20:40:50
مەن بىر نى سىتىۋالاي دىگەن ئىشلىتىپ باققانلار،تەسىراتىڭلارنى دىمەمسىلەر، باھايىڭلارغا ئاساسەن سىتىۋالاي دىگەن
husanjan11 ۋاقتى: 2019-2-15 21:22:32
دوسلار بۇ note 7 دىن بىرنى ئورگان تورىدىن  سېتىۋىلىپ ئىشلەتكەن،بەك ناچار چىقتى ،ئاپراتى ياخشىكەن،بەك تولا قېتىۋالىدۇ،سۆرىتى ئاستا
ئالماشتۇرۇشقا بۇلارمۇ دەيمەن،قەتتى رازى بولمىدىم،شىياۋمىدىن نەچچىنى ئىشلەتكەن،ئەڭ ئۈمۈتسىزلەنگىنىم مۇشۇ Redmi  note7 يانفۇنى بولدى
كىيىك ۋاقتى: 2019-2-18 02:19:12
husanjan11 يوللىغان ۋاقتى  2019-2-15 21:22
دوسلار بۇ note 7 دىن بىرنى ئورگان تورىدىن  سېتىۋىلىپ ئىشل ...

ئوخشاش ھىس تۇيغۇدا بولۇپتۇق، مەن توخۇ يىيىش ئوينىدىن ئىككنى چۈشۈرۋالغان ئۇننڭدىن سىرىت باشقا ئەپلەرنىمۇ قاچلىغان ئىدىم، ئويۇنلارنى سۆرەشتە مەسلە قېتۋالماي بەلەن سۆرگەن، تىلفۇن قىلسام ئۆچۈپ قېلىپ قارشى تەرەپ ئۆزى قويۋەتمىگۈچە ئېكران يورىماي تۇرۋېلىپ توخۇ يىيىش ئويۇندىن بىرنى يۇيۋىتىپ ئىشلەتمەيدىغان ئەخلەت ئەپلەرنى تازلىغاننىڭ ياقى قۇلاققا يېقىن ئەكەلسەم ئۆچدىغان يىراق تۇتسام يورۇيدىغان نۇرمال ھالەتكە يەتتى، سەپلىمسى660دىگەن يالغانمىدۇ دىسەم ئويۇنلارنى ياخشى سۆرەۋاتدۇ، شۇ ئېكران ئۆچۋېلىش مەسلىسى كۆرۈلدى، ئۇمۇ ئويۇندىن بىرنى يۇيغاننىڭ ياقى ساقايدى، بۇ يانفۇننىڭ سىستىما نەشىرى مۇقىم نۇسقىسى ئىكەن، ئېچۋىتلگەن نۇسقىسى بارمىدۇ دەپ قارسام يوق ئىكەن سىستىما يېڭلاش ئۇقتۇرشى كەلگەندە ئاتتەك شاش بولۇپ كىتشى مۇمكىن، سەزگۈم شۇنداقراق سىزۋاتدۇ، شاۋمىي ئورگان تورنىڭ ئىنكاس مەسلە قىلىش رايۇنغا سىستىمدا قېتۋېلىش مەسلىسى ئېغىر دەپ بىر قەدەر ئۇچۇرغان مەسللەرنى ئىنكاس قىلىپ يوللاپ قويدۇم، ئەمدى ماڭا ئوخشاش ئىنكاسچىلار كۆپەيسە شاۋمىي شىركىتمۇ قاراپ تۇرماس مېنىڭچە
0903aa ۋاقتى: 2019-2-18 18:20:12
رەھمەت سىزگە كىيىك دىگەن دوستۇم، تېخى مەن ھەم يېنىمدىكى ئىككى دوستۇم ئۈچەيلەن زاكاس قىلايلى دەپ دەپ تۇرغان ھازىر سەل ئۈمىسىزلىنىپ قالدۇق
كىيىك ۋاقتى: 2019-2-19 13:13:25
0903aa يوللىغان ۋاقتى  2019-2-18 18:20
رەھمەت سىزگە كىيىك دىگەن دوستۇم، تېخى مەن ھەم يېنىمدىك ...

ئەرزىمەيدۇ، ھازىرچە نۇرمال ئىشلەۋاتدۇ، توخۇ ئويۇندىن بىرنى يۇيۋىتىپ بىرنى ئەپ قالغاننىڭ ياقى
adiljan0413 ۋاقتى: 2019-2-22 21:40:22
مەنمۇ ئالغان بۇ تىلفۇننى، ئىشلەتكىلى ھەپتە بولدى، راستلا قولغا بولغان سىزىمى ياخشىكەن، ھازىرغىچە قېتىپ باقمىدى، بەلكىم ئىشلىتىش جەھەتتىكى پەرق بولۇش مۈمكىن، مەن رازى بولدۇم، سۈرئىتى تىز، توكنىمۇ تىز قاچىلاۋاتىدۇ، ئاپپراتى بەك ۋاھ دىگۈدەك ئەمەس، نورمال، ماڭا شۇنداق بىلىندى، ئومومى جەھەتتىن بولىدىكەن، خەشلىگەن پۇلغا لايىقكەن.
TUYGUA ۋاقتى: 2019-4-30 20:43:49
ئېكرانىغا چاك كەتسە ئېكران ئىشلەمدىغاندۇ يا بۇ خۇڭمى نۇتى 7 نىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部