+تېما يوللاش
كىيىك يوللانغان ۋاقتى:2019-1-11 11:05 9401 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خوڭمىنىڭ مۇستەقىل ماركا سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىدىغان يانفۇنى Redmi note7 تۆنۈگۈن رەسمىي ئېلان قىلىندى .
يانفۇن ھەۋەسكارلىرىنى ھەيران قالدۇرغىنى گاۋتۇڭ 660 تىپلىق بىرتەرەپ قىلغۇچ ۋە 48مىليون پىكسېللىق كامىرا سەپلەنگەن ، سۈپەت كاپالەت ۋاقتى 18 ئايغا ئۇزارتىلغان بۇ يانفۇننىڭ سېتىلىش باھاسى يەنىلا 999 يۈەندىن باشلىنىدۇ .
mmexport1547174696789.jpg
mmexport1547174940068.jpg
mmexport1547174944687.jpg
ئېكرانى 6.3 ديۇملۇق تار گىرۋەكلىك 2340x1080  ئېنىقلىقتىكى FHD ئېكران ئىشلىتىلگەن . ئېكران يىنىدىكى قارا سىزىقنىڭ كەڭلىكى  %8.5 قىسىلغان بولۇپ كەڭلىكى ئاران 1.95mm كىلىدۇ .ئېكراننىڭ قۇياش نۇرى ئاستىدا كۆرۈش ، كىچىدە كۆرۈش ۋە كۆز ئاسراش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى .
mmexport1547175344913.jpg
mmexport1547175396846.jpg
سىرتقى كۆرۈنۈشى ياشلار ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن تەدرىجى رەڭ ئۆزگىرىشچان لايىھە قوللۇنۇپ يانفۇن گەۋدىسىگە قوش يۈزلۈك 2.5D ئەينەك گەۋدە ئىشلەتكەن .سىرتقى كۆرۈنۈشى قىممەت باھالىق بايراقدار يانفۇنلاردەك تۇيغۇ بىرىدۇ . ماركا لوگوسى ئەسلىدىكى MI دىن Redmi غا ئۆزگەرتىلگەن .
mmexport1547175477310.jpg
كامىراسى  ئالدىغا 13 مىليون پېكسىللىق تاق كامىرا ، ئارقىسىغا 48مىليون ۋە بەش مىليون پىكسېللىق قوش كامىرا سەپلەنگەن . 1/2" ئالاھىدە چوڭ يورۇقلۇق سەزگۈچ ، تۆت خىل ئۈنۈم بىرلەشتۈرۈلگەن 1.6μm چوڭ پېكسىللىق يۇقىرى يورۇقلۇق سېزىش ئەندىزىسى ئارقىلىق كېچىدىمۇ ناھايىتى ئېنىق سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ .
mmexport1547175545916.jpg
يۇقارقى رەسىم ئالتە ھەسسە چوڭايتىلغاندىن كېيىنمۇ تامدىكى خەت ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنگەن .
mmexport1547175667657.jpg
mmexport1547175675248.jpg
بىرتەرەپ قىلغۇچ   2.2GHZ يۇقىرى چاستوتىلىق گاۋتۇڭ 660  بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن . بۇ خىل بىرتەرەپ قىلغۇچنى بەزى شىركەتلەر نەچچە مىڭ يۈەنلىك  بايراقدار دەرىجىلىك يانفۇنلىرىغا سەپلەيدۇ . ھەتتا بەزىلىرى ئوخشاش 660 تىپلىق بىرتەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتسىمۇ 1.95GHZ  بولغان تۆۋەن چاستوتىلىقنى سەپلەپ يەنىلا تەننەرخنى تىجەپ قالىدۇ . Redmi note7 گە سەپلەنگەن بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارى  خۇاۋېينىڭ 麒麟710 نى بىسىپ چۈشىدۇ .
mmexport1547175763646.jpg
باشقا ئالاھىدىلىكى بۇ يانفۇنغا ئەرزان باھالىق يانفۇنلاردا كەم ئۇچرايدىغان USB Type-C زەرەتلەش ئېغىزى ، 4000 مىللىئامپېرلىق چوڭ سىغىملىق باتارىيە سەپلەنگەن ، توكى كۈتۈش ھالىتىدە 10.5 كۈن ، نورمال ئىشلەتكەندە بىر يېرىم كۈن يېتىدۇ 18W تىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ . 3.5mm تىڭشىغۇچ ئېغىزى ساقلاپ قىلىنغان ، Smart PA ئىقتىدارى ۋە Box 0.64cc چوڭ ئاۋاز بوشلۇقى لايىھەسى ئارقىلىق سىرتقى  ئاۋاز ئۈنۈمى 2.5 ھەسسە ئاشۇرۇلغان . ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تىزگىنەك ئىقتىدارى بار. 14خىل ئۈسكۈنە ،  4000 خىلدىن ئارتۇق ماركىدىكى ئېلىكتر مەھسۇلاتىنىڭ  تىزگىنىكى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
باھاسى : 48 پېكسىللىق كامىرا ، يۇقىرى چاستوتىلىق گاۋتۇڭ 660 بىرتەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولسىمۇ باھا جەھەتتە يەنىلا بۇرۇندىن قوللىنىپ كىلىۋاتقان ئىقتىدارىدىن باھاسى تۆۋەن بولۇش ئەندىزىسىنى قوللانغان شۇنداقلا سۈپەت كاپالىتى ۋاقتى 18ئايغا ئۇزارتىلغان .
mmexport1547175836740.jpg
يۈەن   3G+32G=999
يۈەن   4G+64G=1199
يۈەن  6G+64G=1399
1-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ شىياۋمى دۇكىنى ، تىيەنماۋ ، جىڭدۇڭ ، سۇنىڭ ، گۇمىي قاتارلىق چوڭ تور سودا سۇپىلىرىدا سېتىلىشقا باشلايدۇ .
مەنبە: kapitan saluni

16ئادەم ئىنكاس يازدى

رىيال ۋاقتى: 2019-1-11 11:43:03
يانفون شىركەتلىرى باھا جېڭىنى باشلىدىمۇ قانداق؟ شىياۋمى بۇنداق قىلىسا 乐视دەك ئاقىۋەتكە  قېلىشدىن ئەنسىرىمەمدىغاندۇ ؟
asan ۋاقتى: 2019-1-11 12:22:20
ھەقىقەتەن سىتۋىلىشقا ئەرزىيدۇ.يارايسەن شىياۋمى،
Mr.mi666 ۋاقتى: 2019-1-11 14:27:15
بۇ يانفۇنغا ئىشلىتىلگىنى كۇۋالكومنىڭ سىنەپدارگون 660 يوقىرى چاستوتىلىق AIE نۇسخىسىكەن ، ھەيران قالغىنىم بۇ يانفۇن شىياۋمى 8 ياشلار نۇسخىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قاپتۇ ، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ سەپلىمە بىلەن ئۇ باھادا قانچىلىك پايدا ئالا ، زىيان چىقماي شىركەتنى قامدىيالارمۇ بىلمىدىم
misken ۋاقتى: 2019-1-11 19:11:59
ئېكران ئانچە ياخشى ئەمەسمۇ قانداق
elbilge ۋاقتى: 2019-1-12 02:26:51
بۇ يانفوندا nfc بارمۇ؟يەنە كامېراغا قانداق نۇر سەزگۈچ ئىشلىتىپتۇ، sony mx نەچچىكەن،ما گەپلەر يوققۇ ئېلان قىلغاندا
kokluk010 ۋاقتى: 2019-1-12 12:46:27
بۇ يانفۇنغا ئىشلىتىلگىنى كۇۋالكومنىڭ سىنەپدارگون 660 بىلەن48 پېكسىللىق كامىرابولسىمۇ،زىيان چىقماي شىركەتنى قامدىيالايدۇ.乐视نىڭ شانلىنىشى باھاسىنىڭ تۇۋەن بۇلىشىدىن ئەمەس بەلكى شىركەتنىڭ ئاساسى مەبلىغىنى شىرىكەت باش خوجايىن يوتكەپ يۇتىۋاغانلىقىدىن كىلىپ چىققان.
bulbulla ۋاقتى: 2019-1-13 11:42:39
ماۋۇ ئىقتىدار ھەم باھا ماڭا بەكلا ياقتى شاۋمى شىركىتىنى قوللاش ئۇچۇن مەن بىرنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
1215 ۋاقتى: 2019-1-13 20:54:52
مانا يانفۇن مانا باھا! شۇڭا دەيمەن شىياۋمىنىڭ ئەزەلدىن قوللىنىپ كەلگىنى سەپلىمىدىن باھاسى تۈۋەن مەن ساقلايمەن
AXIK15739952655 ۋاقتى: 2019-1-13 21:36:06
مۇنۇ تىلپۇننىڭ سۈرەيلتكە تارتىش ئىقتدارى  ماڭا  بەك يارىدى
18609991290 ۋاقتى: 2019-1-14 10:23:12
يارايسەن شاۋمى،ھەقىقى توۋەن باھا يۇقىرى سەپلىمە،شىاۋمىنى قوللاش ئۇچۇن مەنمۇ بىرنى سېتىۋېلىشنى ئويلاشتىم.
aabaab ۋاقتى: 2019-1-16 19:36:29
FHD.
ئېكراننى قانداق ئېكران دەپ چۈشىنىمىز .مەن بىرنى  سېتىۋالاي دىگەن تىيەنماۋ تورىدىن.لېكىن تىخى سېتىش  باشلانماپتۇ ، بىلىدىغانلار مۇشۇ تىلىفۇن توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بەرسەڭلار !!!
كىيىك ۋاقتى: 2019-1-22 15:33:48
بەش ئالتە ئادەم كەينى كەينىدىن سەكرەپ دەسسەپ ئۆتەپ كىتىپ باردۇ، قارغاندا ئېكرانى نوچى ئوخشايدۇ، بۇنىڭ يەنە بىر ئاتلىشى بار ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ پولات پالۋان، مەن بۈگۈن 6+64سىغملىقتىن بىرنى تالشىپ يۈرۈپ ئاران سېتۋالدىم، قالغان ئىقتىدارنى يانفۇن قولۇمغا تەككەندە بىلمەن
bulbulla ۋاقتى: 2019-1-29 11:06:15
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2019-1-22 15:33
بەش ئالتە ئادەم كەينى كەينىدىن سەكرەپ دەسسەپ ئۆتەپ كىت ...

يانفۇن قولىڭىزغا تەككەن بولسا تەسىراتىڭىزنى سۆزلىۋەتمەمەسىز
hopujan ۋاقتى: 2019-1-29 21:39:45
كىيىك بۇرادەر تىلفۇننى قولىڭىزغا ئالغان بولسىڭىز تەسىراتىڭىزنى سۆزلىمەمسىز سىزنىڭ مۇشۇ تىلفۇن توغرىسىدا يازغان ئىنكاسىڭىزنى كۆرۇشكە تەقەززا بولىۋاتقانلا خېلى كۆپقۇ دەيمەن بولىڭە تىزراق!!!
كىيىك ۋاقتى: 2019-1-30 12:38:22
bulbulla يوللىغان ۋاقتى  2019-1-29 11:06
يانفۇن قولىڭىزغا تەككەن بولسا تەسىراتىڭىزنى سۆزلىۋە ...

مېنىڭمۇ تاقىتىم تاق بولدى، تېخى كىلىپ بولالمايۋاتدۇ، بۈگۈن قەشقەرگە مېڭىپتۇ، يەنە بىر ئىككى كۈندىن كىيىن قولۇمغا تىگدىغان ئوخشايدۇ، شۇ چاغدا مۇشۇ يانفۇننى ئىشلىتىپ كۆرگەن تەسىراتىم توغىرسدا تىما يازمەن، ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەنمۇ بەك تەقەززا بوپ كەتتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部