+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-11-9 11:22 7573 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈندىدار پارولىنى ئۇنتۇپ قېلىش، بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى، ھېساباتنى توڭلىتىش، سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلىرى كۆپ سورىغان سۇئاللارغا ئىگە تەرەپ تەپسىلى جاۋاب بەردى.

s_b9188b18fd1c4a8aab0f9d042148b584.jpeg

سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىگە قارىتا، سۆزلىشىش خاتىرىسى ئىشلەتكۈچىنىڭ شەخسىيتىگە چېتىلدىغان بولغاچقا، ئۈندىدار ئىگە تەرەپ ئىشلەتكۈچىنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسىنى مۇلازىمىتىردا ساقلىمايدۇ. شۇڭا ئىشلەتكۈچى سۆزلىشىش خاتىرىسنى ئايرىم ساقلىۋالمىغان ياكى زاپاسلىۋالمىغان بولسا، ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە، كەسپى ئورگانلار قاتتىق دېتال دەرىجىلىك مەشغۇلات ئارقىلىق يانفوندىكى ئۆچۈرۈلگەن سۆزلىشىش خاتىرىسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن، بۇنىڭغا مەخسۇس ئۈسكۈنە، مەخسۇس سىستېما كېتىدۇ، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر قىلالمايدۇ، شۇڭا مۇھىم سۆزلىشىش خاتىرىسىنى زاپاسلىۋېلىشىڭلارنى ئەسكەرتىمىز.
تۆۋەندىكىلەر ئىگە تەرەپنىڭ جاۋابى:

1. ئۈندىدار نومۇرىنى، ئۈندىدار پارولىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسام، شۇنداقلا باغلىغان يانفون نومۇرى ئارقىلىقمۇ ئۈندىدارغا كىرەلمىسەم قانداق قىلىمەن؟ ئۈندىدار نومۇرىنى قايتۇرۋېلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ئۈندىدار ھېساباتىنى ۋە پارولنى قايتۇرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ.
ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى: ئۈندىدار تېرمىنالىنى ئېچىپ كىرىش كۆزنكىدىكى 找回密码 نى ئاندىن 申诉找回帐号密码 نى چېكىپ كىرىپ تەلەپ بويچە ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

01.gif

ئىلتىماس قىلغاندا ماتېرىيال يېتەرلىك بولمىسا، ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسىڭىز ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانمايدۇ.
ئىلتىماس قىلغاندا ئامال بار ئىلگىرى دائىم ئۈندىدارنى ئىشلەتكەن يانفوندا ئىلتىماس ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇڭ.
ئىلتىماس نەتىجىسىنى تاپشۇرۋالدىغان يانفون نومۇرىغا ئامال بار ئىلگىرى شۇ ئۈندىدارنى باغلىغان يانفون نومۇرىنى تولدۇرۇڭ.
ئەگەر ئۈندىدارنى بانكا كارتىسىغا باغلىغان بولسىڭىز شۇ بانكا كارتا نومۇرىنى توغرا تولدۇرۇڭ.
ئۈندىدار ھېسابات نومۇرى ياكى پارولنى قايتۇرۋېلىش ئىلتىماسى قىلغاندا ئاز بولغاندا ئىككى نەپەر ئۈندىدار توردىشىڭىزنى سىزنىڭ سالاھىيتىڭىزنى دەلىللەشكە ياردەملەشتۈرىدۇ. شۇڭا ئىلتىماس قىلغاندا يېقىن ئۆتىدىغان ئىككى دوستىڭىزغا ئەھۋالنى دەپ خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇڭ، ئۇلارنىڭ ئۈندىدارغا دەلىللەش ئۇچۇرى بارىدۇ. ئۇلار جەزملەشتۈرۈشى كېرەك.
ئەگەر ئىلتىماس مەغلۇپ بولسا ‏‏83765566‏-‏0755 گە تېلېفون قىلىپ خېرىدار مۇلازىمىتى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ياكى 腾讯客服 ناملىق ئۈندىدار سالونى، ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىغا كىرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ.

2. باشقا نامەلۇم ئۈسكۈنىدە ئۈندىدارىڭىز تىزىملىتىلدى، دېگەن مەزمۇندا بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشىنى تاپشۇرۋالسام ئۈندىدار نومۇرۇمنىڭ ئوغىرلانغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟
جاۋاب: بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر باشقا تور بېكەت ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزغا كىرىشكە ئۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر ئۈندىدار ئەتىرىتى «微信团队» دىن بۇنداق بىخەتەرلىك ئەسكەرتىمىسىنى تاپشۇرۋالغان بولسىڭىز، ھەمدە ئۇ مەشغۇلاتنى ئۆزىڭىز قىلمىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا بۇ ئۈندىدار پارولىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قارشى تەرەپ ئۈندىدارىڭىزغا كىرىشكە ئۇرۇنغاندا ئۈندىدار بىخەتەرلىك سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇلىدۇ ھەمدە يۇقارقىدەك بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشى ئەۋەتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۈندىدار ھېساباتىڭىز ئىنتايىن يۇقىرى بىخەتەرلىك خەۋىپىگە ئۇچىرىغان بولىدۇ، دەرھال پارولنى ئۆزگەرتىۋېتىڭ.

02.jpg

پارولنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى:
1› 我--设置--帐号与安全--微信密码 گە كىرىپ پارولنى ئۆزگەرتىڭ.
2› ئەگەر كونا پارولنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز قىسقا ئۇچۇر دەلىللەش شەكىلىدە ئۆزگەرتىسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار كىرىش كۆزنىكىدە «通过短信验证码登录» نى چېكىپ، يانفون نومۇرىنى تولدۇرۇپ قىسقا ئۇچۇردا كەلگەن دەلىللەش نومۇرىنى كىرگۈزۈپ كىرىپ ئاندىن پارولنى قايتا بېكىتسىڭىز بولىدۇ.
3› يۇقارقى ئىككى ئۇسۇلنىڭ ھېچقايسسىدا پارولنى ئۆزگەرتەلمسىڭىز پارولنى قايتۇرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىش (申诉找回密码) ئارقىلىق ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.

03.gif

پارول ئۆزگەرتىشتە دىققەت قىلدىغان ئىشلار:
1› پۈتۈنلەي يېڭى يەنى، بۇرۇن باشقا تور بەت ياكى ئەپتە ئىشلىتىپ باقمىغان پارول مۇرەككەپ پارولغا ئۆزگەرتىڭ.
2› ئۈندىدار پارولى، QQ پارولى (ئۈندىدارغا QQ ئارقىلىق كىرگەن بولسىڭىز) نىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىڭ.
3› پارولنى قەرەللىك ئۆزگەرتىپ تۇرۇڭ، يۇقارقىدەك نورمالسىزلىق كۆرۈلگەندە دەرھال ئۆزگەرتىڭ.

ئەگەر ئۈندىدار ھېساباتىڭىز ئوغىرلانسا بىرىنجى بولۇپ قىلدىغان ئىش ئۈندىدارنى دەرھال توڭلىتىڭ. شۇنداقلا ئۈندىداردىكى دوستلىرىڭىزغا ئۈندىدارنىڭ ئوغىرلانغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۈندىداردىكى دوستلىرىڭىزدىن پۇل سوراش دېگەندەك ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

3. ئەگەر يانفون يۈتۈپ كەتسە ئۈندىدار نومۇرىنى ياكى ئۈندىداردىكى پۇلنى قانداق توڭلىتىدۇ؟
جاۋاب: يانفون يۈتۈپ كەتسە ئۈندىداردىكى شەخسىي ئۇچۇر ۋە پۇلىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرسىڭىز بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۈندىدار نومۇرىنى ياكى ئۈندىداردىكى پۇلنى توڭلىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
تۆۋەندىكى تۆت خىل ئۇسۇلدىن بىرسىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
1› باشقا يانفوندا ئۈندىدارغا تىزىملىتىپ كىرىپ، تەرتىپ بويچە 我-设置-帐号与安全-微信安全中心-冻结帐号 نى بېسىپ ئۈندىدار ھېساباتىنى توڭلاتسىڭىز بولىدۇ. تىزىملىتىپ كىرمىگەن ھالەتتىمۇ ئۈندىدار يانفون تېرمىنالىنىڭ كىرىش كۆزنىكىنىڭ ئاستىدىكى 紧急冻结 نى بېسىپ توڭلاتسىمۇ بولىدۇ. مەشغۇلاتى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:

04.gif

2› ئۈندىدار چىقىمدانى خېرىدار مۇلازىمەت نومۇرى 95017 گە تېلېفون قىلىپ 9 نى تاللاپ، ئۈندىدار چىقىمدانىنى جىددىي توڭلىتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، تېلفوندىكى كۆرسەتمە بويچە مۇناسىۋەتلىك ھېسابات ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈپ بېرىسىز.
3› كومپىيۇتېردا weixin110.qq.com ياكى 110.qq.com گە كىرىپ، «冻结帐号» نى تاللاپ، كۆرسەتمە بويچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.

04.jpg

4› ئۈندىدار خېرىدار مۇلازىمەت سالونى 腾讯客服 غا 冻结 دەپ كىرگۈزۈپ كۆرسەتمە بويچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئۈندىدار خېرىدار مۇلازىمەت كىچىك پروگراممىسى 腾讯客服 دىن 微信冻结 نى تاللاپ كۆرسەتمە بويچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
微信团队 ئارقىلىق 自助工具-冻结帐号 نى تاللاپ مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
微信安全中心 سالونى ئارقىلىق 我需要-帐号冻结 نى تاللاپ مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
يۇقارقى ئۇسۇللاردا توڭلىتىشنى باشلاش «开始冻结» نى چەككەندىن كېيىن توڭلىتىدىغان ئۈندىدار نومۇرىنى كىرگۈزىشىڭىز كېرەك، ئادەتتىكى ئەھۋالدا يانفون نومۇرىنى كىرگۈزىسىز، ئەگەر يانفون نومۇرىغا باغلىمىغان ياكى يانفون نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ئۈندىدار نومۇرى، QQ ياكى تور خەتنى كىرگۈزۈشنى تاللاپ كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.

4. ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسى ئېھتىياتسىزلىق ئۆچۈرۈلۈپ كەتسە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: سۆزلىشىش خاتىرىسى ئىشلەتكۈچىنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلدىغان بولغاچقا، ئۈندىدار مۇلازىمىتىرىدا ئىشلەتكۈچىنىڭ ھەر قانداق سۆزلىشىش خاتىرىسى ساقلانمايدۇ. ئەگەر سۆزلىشىش خاتىرىسى ئايرىم ساقلانمىغان ياكى زاپاسلانمىغان بولسا، ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ. شۇڭا مۇھىم سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ۋاقتىدا زاپاسلىۋېلىڭ.
زاپاسلاش مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىدەك:

05.gif

5. ئۈندىداردا ئالدامچىلىققا ئۇچىرسا قانداق پاش قىلىپ، زىياننى قايتۇرۋالىدۇ؟
جاۋاب: ئۈندىداردا سودا ئالدامچىلىقىغا ئۇچىرسىڭىز يۇقارقى خېرىدار مۇلازىمەت نومۇرىغا تېلېفون قىلىش ياكى ئۈندىدار كىچىك پروگراممىسى 腾讯110  ياكى 110.qq.com گە كىرىپ ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالدامچىلىققا ئۇچىراپ زىيان تارتسىڭىز دەل ۋاقتىدا ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلىڭ.
1› ئۈندىدار تېرمىنالىنىڭ ئەرز قىلىش كىرىش ئېغىزى: سۆزلىشىش كۆزنىكىنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئۈچ چېكىتنى چېكىپ، ئاستىدىكى 投诉 نى تاللاڭ. ئاندىن ئالدامچلىق تۈرىنى تاللاپ، سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە باشقا ئىسپاتلاردىن رەسىم كېسىپ يوللاڭ.

06.gif

2› ئۈندىدار كىچىك پروگراممىسى 腾讯110 گە كىرىپ 我要举报 نى تاللاپ، مۇناسىۋەتلىك ئەرز قىلىش تۈرىنى تاللاپ، ئىسپات بىلەن تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

كەشكەر ۋاقتى: 2018-11-9 20:17:54
مىنىڭ ئۈندىدارىم قەتئى ئىچىلمىدى
رىيال ۋاقتى: 2018-11-19 09:50:09
كەشكەر يوللىغان ۋاقتى  2018-11-9 20:17
مىنىڭ ئۈندىدارىم قەتئى ئىچىلمىدى

مەن ياردەم قىلاي
QQ/Weixin:1544491453
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部