+تېما يوللاش
كىيىك يوللانغان ۋاقتى:2018-9-15 12:29 5651 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يان تېلېفون QQ ئەپ دېتالىدا 100 يۈەنلىك چوڭ سوممىلىق پۇلنى سىكاننېرلىغاندا  AR سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگىلى بولىدۇ
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈندىن باشلاپ، كۆپچىلىك يان تېلېفوندا QQ ئېچىپ، 5-يۈرۈش (2015-يىلى تارقىتىلغان) خەلق پۇلىنىڭ 100 يۈەنلىك قەغەز پۇلنى سىكاننېرلىغاندا، ئېكراندا سۇمۇروغ پەرۋاز قىلغان، چاي گۈلى پورەكلەپ ئېچىلغان، 3D نۇسخىدىكى «خەلق» سارىيى قاتارلىقلارنى كۆرەلەيدۇ. بۇ يىل خەلق پۇلى تارقىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ساختا پۇلغا قارشى خىزمەت بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، تېڭشۈن QQ، تېڭشۈن پۇل مۇئامىلە پەن-تېخنىكىسى ۋە جۇڭگو پۇل ياساش باش شىركىتى تۈنۈگۈن QQ-AR «خەلق پۇلىنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش بىلىملىرى» ھەمتۈرتكىلىك سىنىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ يەنە خەلق پۇلى تەشۋىقاتىدا AR تېخنىكىسىنىڭ تۇنجى قېتىم
ئىشلىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

微信图片_20180915151924.jpg
  
مۇخبىر بۇ ئىقتىدارنى سىناپ باققان بولۇپ، يان تېلېفون QQ ئەپ دېتالىنىڭ «سىكاننېرلاش» ئىقتىدارىدا يان تېلېفون كامېراسىنى 100 يۈەنلىك پۇلغا توغرىلىغاندا، بىر سۇمۇروغنىڭ قانات قېقىپ ئاسماندا پەرۋاز قىلغانلىقى، پۇل ئۈستىدە گاھى يېقىنلاپ، گاھى يىراقلاپ ئۇچۇۋاتقانلىقى، ئارقىدىن يەنە كېپىنەكنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر ئارا ئۇچۇۋاتقانلىقى جانلىق نامايان بولدى.

微信图片_20180915151938.jpg

  ئارقىدىن، 100 يۈەنلىك چوڭ سوممىلىق پۇل ئۈستىدىكى «تەشمە نەقىش بىخەتەرلىك سىزىقى رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى»، «ئەمالار يېزىقىدا ئېنىق بولغان ئوي-دۆڭلۈك»، «باش ھەرپ نومۇرى قوش رەڭلىك بېسىلغان، ئالدىنقى ئىككى خانىسى تۇتۇق قىزىل رەڭلىك، كەينىدىكىسى قارا رەڭلىك»، «رېزىنكە باسما، قوش باسما رەسىم»، «نۇردا پارقىرايدىغان، نۇردا ئۆزگىرىدىغان سان» قاتارلىق خەلق پۇلىنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى تەرتىپ بويىچە ئېنىق نامايان بولدى. قەغەز پۇلنىڭ كەينى يۈزىدىكى خەلق سارىيىمۇ 3D ھالەتتە نامايان قىلىنغان بولۇپ، قەغەز پۇل ئۇسلۇبىدىكى خەلق سارىيىنىڭ يانلىرى ۋە يول چىراغلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
  مەنبە: خەلق تورى

3ئادەم ئىنكاس يازدى

qaq ۋاقتى: 2018-9-15 18:18:10
راستكەن مەن سىناپ باقتىم.
aslima998 ۋاقتى: 2018-9-16 12:56:08
本视频不具备鉴伪功能 دەپ تۇرمامدۇ ساختا پۇلنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدىكەن .
Screenshot_20180916_125233.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部