+تېما يوللاش
kerindax يوللانغان ۋاقتى:2018-9-10 19:09 3601 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
سالام تور ئەھلى، سالام پىروگراممېرلار:
مەن ئەڭ دەسلەپ پىروگىرامما تىلى ئۆگەنگەندە تۇنجى بولۇپ يولۇققان مەسىلە فونت تونۇتۇش ۋە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى بولغانىدى، ھەر بىر يېڭى پىروگىرامما تىلنى ئۆگەنگىنىمدە يەنە ئوخشاشلا بۇ مەسلىنى قايتىدىن ھەل قىلىشىمغا توغرا كەلدى. بەلكىم بۇ ئىشلار ھەر بىر پىروگراممىرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بولىشى مۇمكىن، شۇڭا نۆۋەتتە ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىلىرىنى يىغىنچاقلاپ بەكرەك قوللىنىشچان ۋە مۇھىم بولغان ئۇيغۇرچە ئاساسىي رايون ۋە كېڭەيتىلگەن رايونلارنى ئوڭ تەتۈر ھالەتتە ئۆزئارا ئالماشتۇرىدىغان فۇنكىسىيەلەرنى قايتىدىن رەتلەپ يىغىنچاق قىلىپ يېزىپ چىقتىم، بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا يېقىن ۋە يىراقتىكى كەسىپداش خىزمەتداشلىرىم كۆپ ياردەملەردە بولدى. موشۇ پۇرسەتتە ھەممىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، رەھمەت سىلەرگە!
مەزكۇر فۇنكىسىيە توپلىمىنى تۈزۈشتە ئىخچام ھەم يوقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئويلىشىپ، فۇنكىسىيە قۇرۇلمىلىرىنى لوگىكىسىنى ھەممە تىلدا ئاساسەن بىردەك بولىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. نۆۋەتتە قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە C#,JAVA,PHP,VB.NET,javascript قاتارلىق بەش خىل پروگىرامما تىلىدا بۇ ئىقتىدارلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ يېزىپ چىقتۇق،  ھەمدە ھەر قايسى ساھەدىكى بۇ ھەقتە قىينىلىۋاتقانلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقچى. بۇ كودلار gitee.com تورىغا ئوچۇق كود ھالەتتە يوللاندى، كودلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن مۇستەسنا، نۆۋەتتە يەنە داۋاملىق ھالدا باشقا پىروگرامما تىللىرىدا تولۇقلاپ يېزىلغاندىن باشقا، مۇھىم قارالغان باشقا يېزىق بىر تەرەپ قىلىدىغان فۇنكىسىيەلەر تولۇقلانماقچى، ھەرقايسىڭلارنىڭ ھەمدەمدە بولىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا شېرىك بولىدىغانلار gitee.com دىن ئەزالىق نامى ئالغاندىن كېيىن بۇ تۈرگە ئىلتىماس يوللىساڭلار بولىدۇ…

تۈر ئادىرىسى: https://gitee.com/kerindax/UyghurCharUtils

تولۇقلىما مەزمۇن (2018-9-12 10:38):
https://gitee.com/kerindax/Uyghu ... bc5727da6d2afcfdf2e
پروگراممېرلار كىرىڭ

3ئادەم ئىنكاس يازدى

uyghurdetal ۋاقتى: 2018-9-10 20:33:37
ساقلىۋالدىم، رەھمەت، بۇرۇن تولا ئىزدەپ كەتكەن.
uqkun77 ۋاقتى: 2018-9-11 14:59:51
رەھمەت، بۇرۇنقى ئاۋارىچىلىق ئىشلار ئازىيىپتۇ.
tapsam.com ۋاقتى: 2018-9-12 11:01:11
مەنچە راسلام ئىخچام، ئۆلچەملىك يېزىلىپتۇ. جاپا چەكتىڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部