+تېما يوللاش
begtash يوللانغان ۋاقتى:2018-6-23 17:34 5234 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
قارىسام مۇنبەردە 360 N7 تېپلىق يانفۇن توغىرىسىدا ئۇچۇر يوقكەن، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يانفۇن مۇشۇ يانفۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن.
ئىلگىرىمۇ چىكۇ 3 يانفۇنىنى ئىشلىتىپ باققان بولغاچقا، بۇ يانفۇننى يەنىلا ئىشەنىچ بىلەن سېتىۋالدىم، ئاۋال بۇ يانفۇننىڭ تاشقى كۆرنۈشىدىن كىلەيلى.

微信截图_20180623202641.jpg

تاشقى كۆرنىشى جەھەتتە 8.35مېللىمىتىر قىلىنلىقتىكى 5.99 سۇڭلۇق بۇ يانفۇننىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە قىلىنلىقى خوڭمى نوتى 3 بىلەن پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ، تاشقى قىپىغا CNC  مىتال بويۇم  ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قول سىزىمى ياخشى،  IPS FHD+In-cell ئېكران ئىشلىتىلگەن، ماڭا ئىكىرانى شىياۋمىنىڭ ئېكرانىدىن  سۈزۈك كۆرۈندى. ئالدى كامىراسى 8مىگا پىكسىل، كەينى كامىراسى 16مىگاپىكسىل+ 2مىگاپىكسىللىق كامىرا بولۇپ، رەسىمگە تارتىش ئۈنۈمى سۈزۈك دىيىشكە بولىدۇ. شىياۋلوڭ 660 CPU سەپلەنگەن، 5030 ئامپىرلىق باتارىيە، QC3.0 تېز زەرەتلەش تىخنىكىسى قوللىنىلغان. ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ، ناخشا ئاڭلاپ، سىن كۆرۈپ، 部落冲突 ئويناپ، تور ئارلاپ دىگەندەك ئىغىر دەرىجىدە ئىشلىتىپ باتارىيىسى بىر يېرىم كۈن يەتتى. ئەمما 王者荣耀,绝地逃亡غا ئوخشاش چوڭ تېپتىكى ئويۇنلارنى ئويناپ باقمىدىم. Android8.1 ئاساسىدىكى   360OS 3.1 سىستىما ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سىستىمىنىڭ راۋانلىقى، يىنىكلىكىگە قەتئىي گەپ كەتمەيدۇ. مىنىڭ سېتىۋالغىنىم 4+32 ئۆلچىمىدىكى يانفۇن بولۇپ، 1299 يۈەن پۇلىغا قەتئىي رازى بولدۇم. ئەمدى پۇلى ئەرزان، ئىقتىدارى ياخشى يانفۇن ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلارغا يەنە بىر تاللاش كۆپەيدى دىسەكمۇ بولىدۇ، سېتىۋىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلار قەتئىي ئىكىلەنمەي ئېلىۋىرىڭلار.
بۇ يانفۇندىن كەسمە رەسىملەر:


3.jpg 4.png



8.jpg

9.jpg 10.jpg

ئارقا كامىرادا رەسىمگە تارتقاندىكى ئۈنۈمى:

12.jpg 11.jpg

مەزكۇر يانفۇننىڭ ئورگان تورىدىكى ئادىرىسى:
360 N7

يانفۇن توغىرىسىدا باشقا سوئالىڭلار بولسا ئېنكاس قىسمىدا جاۋاپ بىرەي.

11ئادەم ئىنكاس يازدى

xatmen ۋاقتى: 2018-6-24 05:15:48
رۇھ يوللىغان ۋاقتى  2018-6-23 22:47
بۇلقا يانفۇنى ئالما يانفۇننى تارىخقا ئايلاندۇردۇ دەۋا ...

كىيىنچە  بولقا  ،    بولقا  سېپىنىڭ ئالمىنىڭ ياغىچىدىن ياسالغانلىقىنى ئويلاپ جىمىپ قاپتۇ  .
iskender933 ۋاقتى: 2018-6-23 20:37:23
ئىسىل يانفۇنكەن ،قارىغاندا ئىچكىرىگە ماڭغاندا مۇشۇ يانفۇندىن بىرنى سېتىۋالسام بولغۇدەك
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-6-23 22:07:40
مەن تۈنۈگۈن جىڭدوڭدىن  بولقا شىركىتىنىڭ 坚果3 يانفۇنىنىڭ ئاق رەڭلىك 4G - 64G نۇسخىسىدىن بىرنى سىتىۋالدىم،  مالنى ئۈرۈمچىدىن يولغا ساپتۇ ، قولۇمغا ئالغاندا بىرە قۇر تەسراتىمنى سۆزلەپ تېما يېزىشنى ئويلىشىۋاتىمەن،  رەسىمدىكى يانفۇن  شۇ يانفون شۇ
IMG_20180623_215824.jpg
رۇھ ۋاقتى: 2018-6-23 22:47:58
بۇلقا يانفۇنى ئالما يانفۇننى تارىخقا ئايلاندۇردۇ دەۋاتقان ھىچ بىر خەۋىرى يۇققۇ?
begtash ۋاقتى: 2018-6-24 22:15:35
yurtum8 يوللىغان ۋاقتى  2018-6-24 12:50
مەن مۇ 360 n7 تىلفۇننى ئويلاشقان چوڭ تىپتىكى ئۇيۇنلارنى ئ ...

ئاساسلىقى باھاسىنى ئويلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن ماۋۇ يانفۇنمۇ بەك ياخشى چىقتى. مىنىڭ ھاجىتىمدىن تولۇق چىقىدۇ.
Mr.mi666 ۋاقتى: 2018-6-25 02:21:15
yurtum8 يوللىغان ۋاقتى  2018-6-24 12:50
مەن مۇ 360 n7 تىلفۇننى ئويلاشقان چوڭ تىپتىكى ئۇيۇنلارنى ئ ...

مەنچە شىياۋمى 8SE ئېلىڭ, ئەڭ يېڭى 710 بىر تەرەپ قىلغۇچ بار, ھېلقى ۋىۋو NEX نىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىغا سەپلەنگەن بىر تەرەپ قىلغۇچ شۇ, ئۇندىن باشقا پات ئارىدا ئەۋەتىلىدىغان MIUI 10 بار, باھاسىغا نىسپەتەن بەك ئەرزان, مەن شۇنى تەۋسىيە قىلاي, قالغىنىنى ئىشلىتىپ باققاندىن كىيىن ھېس قىلىسىز, مەنچە رازى بولىسىز .
begmurad ۋاقتى: 2018-6-25 09:10:42
سىستېما بەك يېڭىكەن .
oguzhan ۋاقتى: 2018-6-25 13:38:00
مەنمۇ ھازىر مۇشۇ يانفۇننى ئىشلىتىۋاتىمەن، توكنىڭ يېتىشى ياخشىكەن، ئاندىروئىد سېستىمىدىكى ئارىلاپ قېتىش ئەھۋالى نورمال كىسەلمىكى دەيمەن، تۇرۇپ تۇرۇپ قېتىۋېلىپ ئوڭشىلىدۇ، يەنە ئىقتىدار جەھەتتە  داۋاملىق ئىشلەتمەيدىغان ئەپ لەرنى توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا قويۇپ قويساق توك خوراتمايدىكەن، ئىشلىتىدىغاندا چىقىرۋېلىپلا ئىشلەتسەك بولدىكەن، يەنە بىرسى بىز مەخپى ساقلىماقچى بولغان ئەپ، رەسىم ياكى باشقا نەرسىلەرنى يوشۇرۇپ قويساق ھېچكىم تاپالمايدىكەن، لىكىن بىر يېرى كۆزنەكتىن كىنو كۆرسەم ئاستا قويغاندەك چىقىۋېلىپ كىنو كۆرۈشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمىدىم،ھەم كىنو كۆرۋېتىپ ئۈندىداردا خەت كەلسە كۆرۈپ ئاندىن كۆزنەك كىرسەم قالايمىقانلىشۋېلىپ ئىچىمنى سىقىۋەتتى، باشقا جەھەتتىن ئېيتقاندا پۇلىغا قارىغاندا باھاسى مۇۋاپىق يارىدى!.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部