+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-5-16 19:46 7053 قېتىم كۆرۈلدى 27 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
5-ئاينىڭ 15-كۈنى بولقا پەن-تېخنىكا شىركىتى بېيجىڭ چاڭگىسىمان مەيداندا ھەيۋەتلىك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. تاماشىبىنلار 37 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتتى.
بولقا شىركىتنىڭ قۇرغۇچىسى لو يوڭ خاۋ: بولقا پەن-تېخنىكا شىركىتى قۇرۇلغانلىقىغا 6 يىل بولغان ھازىرقى ۋاقىتتا كېيىنكى 10 يىللىق شەخىسلەر كومپىيۇتېرىغا قايتا ئېنىقلىما بېرىمىز، دېدى. ئۇ ئىلگىرى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېيىن ئالمىنىڭ Mac+iPad+iPhone قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى تارىخقا ئايلىنىدۇ، ئالما بولقا مەھسۇلاتلىرىنى دوراشقا باشلايدۇ، دېگەن.
لو يوڭ خاۋنىڭ قارىشىچە خاتىرە كومپىيۇتېر يەنىلا ئىشخانا ئىشلىرىدىكى مۇھىم قورال ئىكەن. AR/VR 、 AI دېگەنلەرنىڭ ئومۇملىشىشىغا يەنە 10 يىل بار ئىكەن. بولقا پەن-تېخنىكىسى بۇ 10 يىلغا باشلامچىلىق قىلىدىكەن.
ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تارىخقا ئايلاندۇرۋېتىدىغان، شەخىسلەر كومپىيۇتېرىغا قايتا ئېنىقلىما بېرىدىغان، بولقا شىركىتىنى باشلامچىلىق ئورنىغا چىقىرىدىغان بۇ مەھسۇلات زادى نېمە؟
ئۇ جىيەنگو TNT خىزمەت پونكىتى دەپ ئىسىم قويۇلغان تاختا كومپىيۇتېر.
تۆنۈگۈنكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىندا «TNT خىزمەت پونكىتى» تاختا كومپىيۇتېرى ئېلان قىلىندى. مەشغۇلات سىستېمىسى ئاندرويد.
微信图片_20180516194314.jpg
TNT خىزمەت پونكىتىغا مىكروسوفت Surface Studio ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسى ئىشلىتىلگەن. 27 دىيوملۇق 4K ئېكران سەپلەنگەن. 10 بارماقتا چېكىپ كونترول قىلىشنى قوللايدۇ. چىراي تۇنۇپ قۇلۇپ ئېچىلىدۇ. ئوڭ-سول تەرەپتە 10 دانە تېزلەتمە كۇنۇپكىسى بار.  سىستېما كۆرۈنمە يۈزى جەھەتتە Mac نىڭ UI لايىھەسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
بۇ خىزمەت پونكىتى چەكمە كونترول ۋە ئاۋاز كونترولنى بىرلەشتۈرگەن. ئىچكى قىسىمىغا جىيەنگو office يۈرۈشلۈكى قاچىلانغان. ئاۋاز ئارقىلىق بۇيرۇق بېرىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن PPT تا خەت رەڭگى، خەت نۇسخسى قاتارلىقلارنى ئاۋازلىق بۇيرۇق بېرىپ تەڭشگىلى بولىدۇ. Excel دا ئوتتۇرىچە قىممەت، يىغىندا تاپىدىغان ئىشلاردا ئاۋازلىق بۇيرۇق بىرىپلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
باھاسى: ئەرزىننىڭ 9999 يۈەن، تولۇق يۈرۈشلۈكىنىڭ 14999 يۈەن.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىمقى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بولقا پەن-تېخنىكا شىركىتى جىيەنگو R1 يانفوننى ئېلان قىلدى. بۇ يانفونغا دۇنيا بويچە تۇنجى قېتىم 1TB لىق سىغىم سەپلەندى.
微信图片_20180516193002.jpg
坚果R1 يانفونغا 6.17 دىيۇملۇق پۈتۈن ئېكران سەپلەندى، ئېكران نىسبىتى 18.7:9 ؛ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى كۇۋالكوم 845 ئىككىنجى ئەۋلاد، 8 يادرو. ئىچكى ساقلىغۇچى 8GB ؛ ئەن تۇتۇدا قويۇلغان نومۇر 275866 (ئاندرويد سىستېمىلىق يانفونلار ئىچىدە ئەڭ يوقىرى نومۇر)
微信图片_20180516193014.jpg
微信图片_20180516194249.jpg
كەينىگە 1200W+2000W پىكسىللىق قوش كامېرا، سونىي IMX363 تىپلىق CMOS سەپلەپنگەن. شىياۋمى MIX 2S نىڭ بىلەن ئوخشاش.
باتارىيەسى 3500mAh ؛ 18 ۋات تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، يېرىم سائەتتە %50 توك قاچىلىنىپ بولىدۇ، بىر سائەتتە %90 توك قاچىلىنىپ بولىدۇ. سىمسىز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.
جيەنگو R1 يانفوننىڭ 6GB+64GB سىغىمدىكىسىنىڭ باھاسى 3499 يۈەن، 6GB+128GB سىغىمدىكىسنىڭ باھاسى 3999 يۈەن، 8GB+128GB سىغىمدىكىسنىڭ باھاسى 4499 يۈەن، 8GB+1TB سىغىمدىكىسىنىڭ باھاسى 8848 يۈەن.
微信图片_20180516194306.jpg
微信图片_20180516194310.jpg
يۇقارقى  TNT خىزمەت پونكىتى ۋە جىيەنگو R1 يانفوننى ھازىردىن باشلاپ زاكاس قىلغىلى بولىدىكەن، مالنى ئۈچ ئايدىن كېيىن ئەۋەتىدىكەن.
بولقا پەن-تېخنىكىسى يانفوننىڭ بولقا دېگەن ئىسمىنى (坚果) جىيەنگوغا ئۆزگەرتتى. بۇنىڭدىن كېيىن جىيەنگو يانفونى دەيدىكەنمىز.
يۇقارقى TNT خىزمەت پونكىتى ناملىق تاختا كومپىيۇتېر ۋە جىيەنگو R1 يانفوننى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تارىخقا ئايلاندۇرۋېتەلەمدۇ-ياقمۇ؟ تېخى ئېنىق ئەمەس، قالغىننى ئالدىرماي كۆرىمىز.

27ئادەم ئىنكاس يازدى

abjsoft ۋاقتى: 2018-5-17 00:16:40
راست  چۆجىنى كۈزدە ساناڭ ، لاپنى بەك ئېتىپتۇ ، ئالما ئەزەلدىن يېڭىلىق يارىتىپ كىلىۋاتىدۇ ، سىز ئىشلىتىۋاتقان كومپيوتېرنىڭ ۋىندوۋس سېستىمىسىمۇ ئاندرويد سېستىمىسىمۇ  ئالمىدىكىلەرنى دوراپ تۈزگەن سېستىما ھە، گەرچە ئۆزۈم يېپىق سېستىما بىلەن ئانچە خۇشۇم بولمىغاچقا ئاندرويد يانفۇن ئىشلەتكىنىم بىلەن يەنىلا ئالما شىركىتىگە قول قۇيىمەن تېخنىكا يېڭىلىق جەھەتتە  

باھا سۆز

ئالمىنىڭكىدىن باشقا سىستېمىمۇ تولا ھەم مۇستەقىل، ھاياجان بىلەن كۆپتۈرمەڭ  ۋاقتى: 2018-5-18 13:45
مانى ئاساس بىلەن دەيلى، بولمىسا بىلمىگچىلەر قايمۇقۇپ قامىسۇن  ۋاقتى: 2018-5-18 13:43
چۇمۇلەم ۋاقتى: 2018-5-16 20:18:01
لاپنى بەك چوڭ ئېتىپتۇ .قارماققىلا R1جىيەنگۇ ماڭا ياقمىدى.لىكىن كومپىيوتېر يامان ئەمەستەك .
反对过分的 ۋاقتى: 2018-5-16 20:20:16
شۇنىڭدىن قارىغاندا ئىشەنچى بار مۇنىمە
لىكىن سەپلىمىسى يامان ئەمەسكەن .سىغىمى بەك چوڭكەنمۇ نىمە كىمگە ئۇنداق كۆپ سىغىم لازىمكىن (تىلىفۇندا)
15199755016 ۋاقتى: 2018-5-16 20:37:35
مىنىڭچە سەل يۇقرى باشلامدىن چۈشۈۋاپتۇ ھەم  كومپىيۇتىرنىڭ سىستىمىسى  ئاندىرويىد  ئۆزى تارىخقا  ئايلىنىپ  قالامىكىن   لىكىن  ئاۋۇ  تىلفۇن  سەپلىمىسى  دەھشەت  چىقىپتۇ  بوپمۇ 1تىبايىت ساقلىغۇچى
2635210282 ۋاقتى: 2018-5-16 20:44:46
جۇڭگۇنىڭ  ئالمىسى  بوپ قالامدۇ تېخى بۇ تېلېفون ،
@بەخىت ۋاقتى: 2018-5-16 20:52:50
ئالما شىركىتىنى بىر ئايدا ،ئۈچ ئايدا ،بىر يىلدا ۋەيران بولۇپ يوقىلدۇ دەپ يۈرگەنلەر ھازىر ئۆزلىرى ۋەيران بولدى،ئەمما ئالما بىرەركىمنى ۋەيران قىلۋىتىمىز دەپ باقمىدى بىلشىمچە.
بىلمى تىخنىكىسى بولسا ئۇنداق لاپ ئۇرۇپ يۈرمەي شۇ تىخنىسى بىلەن خەلىق ئىھتىياجلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئالدىن ياسىيالىسا قالغىننى بازار بەلگىلەيدۇ.مىنىڭچە بەزى شىركەتلەرنىڭ تىخنىكىسى يەنە ئون ئون يىلدا ئاندىن ئالمىنىڭ تىخنىكىسىغا يىتشەلەمىكى نىمىلا دىگەن بىلەن ئالما بىلەن سامسۇڭ 90-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە قۇرۇلغان.بۇلارغا قارىغاندا 10~20ئىشتاننى ئاتۇق يىرىتقان يىرى بار ئەمەسمۇ.
ئەنسارىm ۋاقتى: 2018-5-16 20:54:22
1tئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەپ قۇيۇپلا ئالمىنى رىۋايەتكە ئايلاندۇش،بۇ گىپىنىڭ سەل ئېشىپ كەتكىننى ئۆزىمۇ سەزمەي قالغان چېغى با
tanha214 ۋاقتى: 2018-5-16 21:05:03
8848يۈەنلىك باھا بەكلا يۇقىرى بوپ قاپتۇ، باھانى يۇقنرى قۇيىۋالغىننىڭ ئۈزى ئالمىنى دورىغانلىق ئەمەسمۇ، تېخى ئالما ۋەيران بۇلامىش مىش مىش مىش مىش
15199755016 ۋاقتى: 2018-5-16 21:11:13
مىنىڭچە  مايەدە بىر ئىش  با  لويۇڭخاۋ مۇشۇنداق دەپ ئالمىنى  چۈشۈرۈش  ئارقىلىق ھەقسىز  تەشۋىقاتقا  ئىرەشمەكچىمىكىن  دەيمەن  ئاخبارات ۋاستىلىرى  ئارقىلىق  بۇ  خەۋەر  تارقالغاندىن  كىيىن  كىشىلەر ئالمىنى  رىۋايەتكە  ئايلاندۇرغۇدەك  زادى   قانداقراق  كومپىيۇتىر   ھەم  تىلفۇنكىن  دەپ  بۇ  توغرىسىدا  ئىزدىنىپ  بىقىشى  دىققەت  نەزىرىنى  ئاغدۇرشى  تۇرغانلا  گەپ
玉素甫。巴拉提 ۋاقتى: 2018-5-16 21:21:28
جۆجىنى كۆزدە سانايمىز، كىم كىمنى تارىخقا ئايلاندۇرىدۇ
mahmudbahg ۋاقتى: 2018-5-16 21:30:29
ئاۋۇ ئىسمىنىڭ يوغانلىقى تىخى TNT خىزمەت ئەترىتى
魅蓝note3 ۋاقتى: 2018-5-16 21:31:21
زادى جۇمۇ .ئىلان ھەقسىزلا بۇلىدىكەندە
maksima123456 ۋاقتى: 2018-5-16 21:39:03
سەپلىمىسى بوپ قالىدىكەن يەنىلا ئالما ھەۋەسكارلىرى كۆپ دۇنيادا
13139744004 ۋاقتى: 2018-5-16 22:47:32
مىنىڭچە ھازىر بىرنەسە دەپ بوغىلى بولمايدۇ بۇلار تەرەقى قىلىپ ماڭسا ئەجبا ئالما قاراپ تۇرامۇ ئىشقىپ بىرنىمە دىمەك تەس
xereli132 ۋاقتى: 2018-5-16 23:00:49
ئالما  يانفونغا قارىغان چاغدا سەپلىمىسى راستلا يۇقىرى ئىكەن .
uyghur26 ۋاقتى: 2018-5-16 23:17:12
كۇنىلاردا بىر ئىشتاننى يىرتقان ئادەمنىڭ ئالدىدا پو ئاتماڭ دەيدىغان گەپ بار، ئالمىنىڭ تەرەقىياتى نەگە بېرىپ بولدى ھازېر، بۇ گەپ بەك ئېغىر پو گەپ بۇلۇپ قاپتۇ …
elbilge ۋاقتى: 2018-5-16 23:56:18
TNTخىزمەت پونكىتى نىڭ راۋۇرۇس يېرىدىن بىرنى كۆرمىدىمغۇ
akbulut ۋاقتى: 2018-5-17 00:38:44
ئالمىنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسى چەكمە كۇنتۇل ئېكرانلىق كۆچمە ئۈسكۈنە ياساش ئىدىيىسى. بۇ ئىدىينىڭ ئۆزى تارىخى چوڭ ئۆزگىرىش ياسىغان. بۇ ئىدىيە ئارقىلىق كۆچمە ئۈسكىنىلەرنىڭ يېڭى دەۋرى ئېچىلغان. شۇنداقكەن ئۇنى تارىختىكى ئەسلىمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئىدىيە، يېڭىچە كۆچمە ئۈسكىنە ئەندىزىسى بولىشى كېرەك. ھازىرقىدەك تەرەققىيات سۈرئىتى بۇيىچە ماۋۇ قىلىن پوستلۇق مېۋە مەھسۇلاتىنىڭ ئۆزى 6 ئايدىن كىيىن تارىخقا ئايلىنىشى تۇرغانلا گەپ. قىزىقچى ئۇخشايدۇ بۇ لى ئەپەندى
nubia ۋاقتى: 2018-5-17 10:16:12
بولقىجاننىڭ تېلفۇنلىرى قارىماققا خېلى لاتاپەتلىك كۈرۈنىدۇ بولمىسا،ئەمما ئاۋۇ كومپىيوتىرغا ئەنجۈرنى قاچىلاپ قويۇپ ئەڭ ئىسىل دىسە سەل مەنتىقىغا ئۇيغۇن كەممەي قالغۇدەك،بەلكى مەقسەت باشقا بولۇشى مۇمكىن ،ئالمىنىڭ ئىسمىنى قېتىپ باشقا مەقسەتكە يەتمەكچىدۇ
-نادىر- ۋاقتى: 2018-5-17 11:13:15
گەپنى بۇنداق چوڭ قىلغۇچە توختاۋسىز تىرىشىپ ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق يەڭسە بولمامدىغاندۇ ،چىدىماسلىق قىلىش ئارقىلىق ھېچ ئىش ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ ،ئالمىنى دورىغانلار دوراپ بولالمىغان ئارقىدا قېلۋاتىدۇ ،ئىشقىلىپ نەچچە يانفون ئالماشتۇرغان بولساممۇ ئالمىنى ئۇنۇتالمىدىم،بۇ يىل ئېلان قىلىندىغان مەھسۇلاتىغا ئىشتىھا ساقلاۋاتىمەن .
kulgina ۋاقتى: 2018-5-18 12:28:51
تىلفۇنى بولدىكەن لىكىن سەل ئادەمنىڭ ئىشلىتىش شەكلىگە ماسلاشتۇرسىلا  لىكىن ئاۋۇ 1tسىغىمى ئادەمنى سەل ھەيران قالدۇردى
begtash ۋاقتى: 2018-5-19 16:40:45
خەۋەرلەردە  جىيەنگونىڭ سىستىمىسى ئالما سىستىمىسىدىن 20% تېز دەۋاتقان، ئاخىرى ئىلان قىلىنىپتۇ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ باقايلى قىنى. ھەر قانچە بولسىمۇ لاپنى لويوڭخاۋ ئاتمىغان بولسا ياخشى بولاتتى ئەسلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部