+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-5-14 16:32 5530 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تور سودىسى تەرەققى قىلغان ھازىرقى دەۋرىدە نۇرغۇن كىشىلەر كومپىيۇتېر دېگەندەك ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى توردىن سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. سودا تور بەتلىرىدە (تاۋباۋ، تىيەنماۋ، جىڭدوڭ...) كومپىيۇتېرنىڭ باھاسى ئەرزان. بەزى تور دۇكانلىرىدىكى كومپىيۇتېرنىڭ باھاسى ئەمىلىي دۇكاندىكىدىن نەچچە مىڭ يۈەن پەرقلىنىدۇ. نېمىشقا شۇنچە ئەرزان؟ توردىن كومپىيۇتېر سېتىۋالسا ئىشەنچىلىكمۇ؟
9885883_093414425000_2.jpg
توردىن كومپىيۇتېر سېتىۋالسا ئىشەنچىلىكمۇ؟
بۇ سۇئال لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ سۇئالنىڭ ئەكسىچە ئەمىلىي دۇكاندىن كومپىيۇتېر سېتىۋالسا ئىشەنچىلىكمۇ دەپ سۇئال پەيدا بولىدۇ. تاۋباۋ، جىڭدوڭ قاتارلىق سودا تورلىرىدا ئادەم ئالدايدىغان ئالدامچىلارمۇ بار، ھەقىقىي ئىشەنچىلىك كومپىيۇتېر ساتىدىغانلارمۇ بار. كومپىيۇتېر بازىرىدىكى ئەمىلىي دۇكانلاردىمۇ شۇنداق. كومپىيۇتېر بازىرىدىمۇ ئىشەنچىلىك سودىگەرلەر بار، ئالدامچىلارمۇ ھەم بار.

توردىكى ماللار دۇكان ئىجارىسى تۆلىمەيدۇ، ئوتتۇردىكى سودىگەرلەر ھالقىسى ئاز، شۇڭا باھاسى ئەمىلىي دۇكاندىن بىر نەچچە يۈز يۈەن ئەرزان بولسا نورمال ئىش. ئەمما بىر ئۈستەل كومپىيۇتېرىدا مىڭ يۈەنلەپ پەرق بولسا ئۇ تۆۋەندىكى سەۋەپلەردىن بولىدۇ.
1. نىمكەش سايمانلارنى يېڭى دەپ ساتىدۇ
كومپىيۇتېرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ i3 i5 i7 دەپ بۈلۈندىغانلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلىمىز، ئەمما شۇ بىر i3 نىڭ يەنە بىرىنجى ئەۋلاد، ئىككىنجى ئەۋلاد، ئۈچۈنجى ئەۋلاد دەپ بۈلۈندىغانلىقىدىن كۆپىنچە كىشىلەر خەۋەرسىز. شۇ ھەر بىر ئەۋلادنىڭ باھاسى خېلىلا پەرقلىنىدۇ.
152543968158305d290c0e9.jpg
يۇقارقى رەسىمدە i5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2G مۇستەقىل سىنكارتىسى بار كومپىيۇتېرنىڭ باھاسى 2000 يۈەنگە بارمايدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇنداق سەپلىمىدىكى كومپىيۇتېرنىڭ ھەقىقىسىنى 3000 يۈەندىن تۆۋەن ئالغىلى بولمايدۇ.
بۇ سەپلىمە جەدىۋىلىدىكى  i5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ راستلا  i5 ، ئەمما ئۇ ئىككىنجى ئەۋلاد، 2500 دېگىنى ئىككىنجى ئەۋلادنى كۆرسىتىدۇ. 2011-يىلى چىققان. ئايرىم ئالسا 300 يۈەنگە ئالغىلى بولىدۇ. سەككىنجى ئەۋلاد  i5 8500 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئۆزىلا 1000 يۈەندىن قىممەت. cpu كونا بولغاندىكىن ئاساسى تاختىمۇ ئەلۋەتتە شۇنىڭغا ماس 2011-يىلنىڭ.
ئىچكى ساقلىغۇچمۇ سۈپەتسىز. قىسقا ۋاقىت ئىشلەتكەنگە مەسىلە چىقمايدۇ. ئەمما بىرەر يىلدىن كېيىن ھەر خىل مەسىللەر چىقىشقا باشلايدۇ.
قاتتىق دېسكىغا كەلسەك، يۇقارقى رەسىمدىكى 500G مىخانىك قاتتىق دېسكا ئىكەن. ھازىر 500G لىق مىخانىك قاتتىق دېسكىنىڭ يېڭىسىنى تېپىش بەك تەس. ئەڭ كىچىك 1T دىن باشلىنىدۇ. شۇڭا ئاۋۇ قاتتىق دېسكىمۇ گۇمانلىق.
يۇقارقى رەسىمدىكى سىنكارتا GTX1050 ، بۇ نۆۋەتتىكى يېڭى تىپتىكى سىنكارتا. ئەمما رەسىمدە سىنكارتىنىڭ ماركىسى يوق. بۇ سىنكارتىنىڭ بۇنداق ئەرزان بولىشىدا مۇنداق ئىككى ئېھتىماللىق بار، بىرىنجى، سىنكارتىغا ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىكى زاپچاسلار ئىشلىتىلگەن. ئىككىنجى، تۆۋەن سەپلىمىلىك سىنكارتىغا GTX1050 نىڭ ئۇچۇرىنى يېزىۋەتكەن. (سىنكارتىنىڭ bios نى ئۆزگەرتىپ، تىپىنى خالىغانچە يازغىلى بولىدۇ)
1525439691075fd5d3b8fcb.jpg
2. زاپچاسلىرى قىسقارتىۋېتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىدۇ
مەسىلەن: نورمال بىر ئاساسى تاختىدا 6 دانە mos توپلاشتۇرۇلغان ئۆزەك، 20 دانە كوندىنساتور بولىدۇ، توردىكى ئەرزان باھالىق كومپىيۇتېرلارغا 4 دانە mos توپلاشتۇرۇلغان ئۆزەك، 4 دانە كوندىنساتور ئىشلىتىلىدۇ. بىر زاپاسنى قىسقارتسا مانچە يۈەن تىجەيدۇ. يالغۇز ئاساسى تاختا ئەمەس، يەنە توك مەنبە، سىنكارتا ، ssd لارنىڭمۇ زاپچاسلىرى قىسقارتىۋېتىلگەنلىرى بار. بۇنداق زاپچاسلىرى قىسقارتىۋېتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتسە قىسقا ۋاقىتتا مەسىلە چىقمايدۇ، بىرەر يىلدىن كېيىن ھەر خىل مەسىللەر چىقىشقا باشلايدۇ.
GA990FX_02.jpg
بۇنداق زاپچاسلىرى قىسقارتىۋېتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى «توردا مەخسۇس تەمىنلىنىدۇ» دەپ ساتىدىغان مەخسۇس سودىگەرلەر بار. ئەمىلىي دۇكاندا بايقىلىپ قالىدۇ دەپ مەخسۇس توردا كومپىيۇتېر ساتىدىغانلارغا تەمىنلەپ بېرىدىكەن. 400W لىق توك مەنبەسى ئالماقچى بولسىڭىز، زاپچاسلىرى قىسقارتىۋېتىلگەن توك مەنبەسىنى ئېلىپ قالسىڭىز سىرتىغا 400W دەپ يېزىقلىق، ئەمەلىيەتتە 300W توك چىقىدۇ.
تىيەنماۋ، جىڭدوڭ تورىدا ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ بايراقدار دۇكىنىدا ھەقىقى سايمانلار سەپلەنگەن كومپىيۇتېرلار بار. بۇلارنىڭ باھاسى يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان كومپىيۇتېر بىلەن ئەمىلىي دۇكاندىكى كومپىيۇتېر باھاسىنىڭ ئوتتۇرسىدا. بۇلار نىسبەتەن ئىشەنچىلىك.
تاۋباۋدىكى كۆپ سېتىلغان، سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى ياخشى باھا بەرگەن كومپىيۇتېر ئىشەنچىلىكمۇ؟
مەيلى كومپىيۇتېر، مەيلى يانفون ۋە ياكى باشقا نەرسە بولسۇن تاۋباۋدا بىرەر مەھسۇلاتقا ناچار باھا بەرسىڭىز ساتقۇچى ھەر خىل ئاماللار بىلەن ناچار باھانى ئۆچۈرگۈزۋېتىدىكەن. ھەتتا سىزگە يالۋۇرۇپ، سېتىۋالغان مالنىڭ ھەممە پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە ناچار باھانى ئۆچۈرگۈزىدىكەن. شۇڭا كىشىلەرنىڭ باھاسىغا ئالدىراپ ئىشەنگىلى بولمايدۇ.
بۇ جەھەتتە جىڭ دوڭ خېلى ياخشىكەن. جىڭ دوڭدا ناچار باھالارمۇ خېلى بار. تاۋباۋغا قارىساڭلار ناچار باھا ئاساسەن يوق.

12ئادەم ئىنكاس يازدى

nawayi ۋاقتى: 2018-5-14 17:50:25
رەھمەت سىزگە مەنمۇ توردىن بىر دانە قول كومپيۇتېر سېتىۋالاي دىگەن  قاندىقىنى سېتىۋالسام بۇلار
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-5-14 18:10:17
تېما ئىگىسى دەپ ئۆتكەندەك تاۋباۋدىن مال سېتىۋالساق  بەزى دۇكاندارلار نەچچە يۈز يۈەن بەدىلىگە بىر ياخشى ئىنكاسنى سېتىۋالىدىكەن ،
gaseya ۋاقتى: 2018-5-14 19:57:40
ئەمما  كومپىيۇتىرغا  لىيەنشاڭنى تەۋسىيە قىلىمەن  
1.سىتىۋلغان ۋاقىتتا ھەقىقى نەشىردىكى win10سىستىما قاچىلاقلىق
2.ئەگەر كومپىيۇتىرىڭىز قىتىپ قالغۇدەك بولسا سىستىما قاچىلاش ھاجەتسىز سىستىمىنى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇشقا بولىدۇ
3.دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتلىرى بار (قاتتىق دىتال مەسىللىرىنى ھەقسىز ئوڭشاپ بىرىدۇ)
4.سىتىشىن كىيىنكى مۇلازىمەت ۋاقتى 3يىل بولىدۇ (قاتتىق دىتال مۇلازىمىتى )

ئەمما لىيەنشاڭنى ئازىراق چۈشۈنۈپ تۇرۇپ ئىشلەتمىسە بۇنىمۇ ياخشى كومپىيۇتىر دىمەيمىز
مەسلىەن win10دىن  win7 گە ئالماشتۇرسىڭىز bios تىن تەڭشەيسىز ۋە قاتتىق دىسكا فورماتىنى تەڭشەيدىغان گەپ  نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر مۇشۇ يىرىدىن نارازى (يەنە بەزىلەر xpقاچىلاپ ئىشلىتىمەن دەيدىكەن بۇنىڭغا قاتتىق دىتال يول قويمايدىغان ئوخشايدۇ )
ئەمما مىنىڭ پىكىرىم باشقىلار نىمىشقا win10 نى باشقا سىستىماغا يۆتكەيدۇ دەيمە (ئامىركىنىڭ دىل كومپىيۇتىرنىڭمۇ سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى 2يىلكەن  ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەردە سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى يوق ئاتايىتىن باشقا يەرگە ئەۋەتىدىغان گەپ  )
ئەمما مىنىڭ نەزىرىمدە  ئەڭ ياخشىسى يەنىلا لىيەنشاڭ
music ۋاقتى: 2018-5-14 20:30:01
مانىڭ 3699نى ئالدىم،توك مەنبەگە پۇل قوشۇپ 400wلىك قىلدىم،ئۇستاملار كۆرۈپ بېقىڭلا بۇ راست مۇشۇ سەپلىمىمىدۇ يا،ھازىر يولدا كېلىۋاتىدۇ
203000cmmym1z3u1335njp.png
ehrami ۋاقتى: 2018-5-14 21:41:06
كومپيۇتېر دۇكانلىرىدا ھەقىقەتەن بىر ئاز قىممەت. قىزىلبايراق كومپيۇتېر شەھەرچىسىنى ئالايلى. يەر ئاستىدىن باشلاپ، 1-قەۋەت، 2-قەۋەتتىكى كومپيۇتېر دۇكانلىرىدا باھانى خېلىلا ئۆرە قويۇپ ساتىدۇ. كومپيۇتېر چۈشەنمەيدىغانلار، بولۇپمۇ سىرتتىن كەلگەنلەرنى بەكلا قويىدۇ. 3-قەۋەت 4-قەۋەتلەرگە چىقسىڭىز ئوخشاش تۈردىكى كومپيۇتېر دېتاللىرىغا خېلى ئەرزان باھا قويىدۇ.  5-قەۋىتى بولسا پۈتۈنلەي مال تەمىنلەيدىغان قەۋەت. ئاستىنقى قەۋەتلەردىكى دۇكانلار دەل مۇشۇ 5-قەۋەتتىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ ساتماقچى بولغان دېتاللارنى پەسكە ئەپ چۈشكۈزۈپ، خېرىدارنىڭ ئالدىدا قۇراشتۇرۇپ سېتىپ  بېرىدۇ. 5-قەۋەتتە ئاساسىي تاختا، ساندۇق، قاتتىق دېسكا، سىمسىر تور قوبۇللىغۇچ... دېگەندەك  ئۈسكۈنىلەرنى توپ ئۆتكۈزىدۇ، ياكى قوراشتۇرۇپ تەييار قىلىپ ئۆتكۈزىدۇ.
مەن يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۆزەمگە كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى بولۇپ، قىزىلبايراق كومپيۇتېر شەھەرچىسىنى بىر ئاي كۆزەتتىم. ئۆزۈم ئاخبارات كەسپىدىن بولغاچقا ھەم كومپيۇتېردا بەلگىلىك ئاساسىم بولغاچقا، دۇكاندارلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى ۋە تاكتىكىلىرىنى ئىگەللەپ چىقتىم. بولۇپمۇ ئاساسىي تاختا، توك مەنبەسى، ساندۇق قاتارلىقلارغا خېلىلا كۆپ باھا چاپلاپ ساتىدىغانلىقىنى، كونا زاپچاسنى يېڭىلاپ يېڭى دەپ ساتىدىغانلىقىنى، ساختا بىلەن ياخشى زاپچاسنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، ئالداپ ساتىدىغانلىقىنى بىلدىم. بەزى دۇكاندارلار ئۈستىبېشىمغا قاراپ ئۆزى بىلگەنچە باھا قويۇۋېدى، مەن قەستەن : «مەن يەر ئاستىدىكى پالانى دۇكاننىڭ، ماڭا مۇنداق دېتال لازىم» دەپ، زاپچاسلارنىڭ تارقىتىلىش باھاسىنى، ئەڭ تېز سېتىلىۋاتقان ماركىلارنى بىلىۋالدىم   5-قەۋەتتىكى بىر دۇكاندارغا :«مەن بۇرۇن يەر ئاستىدىكى پالانى دۇكاندا ئىشلىگەن. ھازىر سەن بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆز ئالدىمغا خېرىدار جەلپ قىلايمىكىن دەۋاتىمەن» دەپ ۋاي دەپ قويۇۋېدىم، دۇكاندار قوشۇلدى. ئەمەلىيەتتە ئۆزەمگىلا كومپيۇتېر لازىم ئىدى. دۇكاندار شۇ تاپتا ئۆزى ئالدىراش قۇراشتۇرۇۋاتقان كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنىڭ تىپى ۋە ئۆلچىمىنى خاتاسىز ئېيتقىنىم، ئارقىدىن ئۈستەلدىكى CPU ۋە شامالدۇرغۇچنى ئەپچىللىك بىلەن ئورناتقىنىمنى كۆرۈپ، مېنىڭ بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئىكەنلىكىمگە ئىشەندى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توردىن كۆرۈپ ئۆگىنىۋالغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، تۆۋەنكى قەۋەتتىكى دۇكانلاردا 3000 كويدىن يۇقىرى باھادا ئالىدىغان ياخشى سەپلىمىدىكى زاپچاسلارنى 1750 يۈەنگە دېيىشتىم. بىللە قۇراشتۇرۇش جەريانىدا راست ۋە ساختا ئىچكى ساقلىغۇچ، يېڭى ۋە كونا CPU لارنىڭ باھا پەرقى، ئۇنىڭ تېگىدىكى ئويۇنلارنى ئېيتىپ بەردى. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، بىر نەچچە دوستۇمغىمۇ  ئاشۇ دۇكانداردىن ياخشى سەپلىمىدىكى كومپيۇتېرلارنى ئېلىپ بەردىم. دوستلىرىم بازار باھاسىدىن خېلىلا ئەرزان ئالغانلىقىدىن خۇش بولۇشۇپ، رەھمەت ئېيتىشتى.
بۇنى تورداشلارغا سۆزلەپ بېرىشتىكى سەۋەب، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، جۈملىدىن كومپيۇتېر، يانفون ساھەلىرىدە ئويۇن بەك جىق، ئاچكۆز، پايدا ئېلىشنىلا كۆزلەيدىغان بەزى سودىگەرلەر بەكلا كاللا ئوينىتىدۇ.  ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىلا ئەمەس، ئۈندىداردا ھەرخىل ۋاكالەتچىلىك ناملىرى بىلەن  سودا قىلىۋاتقانلارمۇ 70 مىڭ خىل تاكتىكا بىلەن مال ساتىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە قارشى تەرەپنىڭ پىسخىكىسىدىن  پايدىلىنىپ كېتىدىغان سودا-سېتىقتا راست بىلەن يالغاننى ، جىڭ بىلەن ساختىنى، ياخشى بىلەن ناچارنى ئايرىش ھەقىقەتەن تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىساد، سودىغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرۈپ، تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىلىملەرنى ئىگىلەپ قويسىڭىز، دۇكاندار سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىنى بىلىپ كاللا ئوينىتىپ بولغۇچە، سىز ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى ئىگەللەپ، سودىدا قويۇلۇپ كەتمەيسىز. قىسقىسىى، بىر ھۈنەرنى ئارتۇق ئۆگىنىپ قويسىڭىز ئۆزىڭىزگە پايدا.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
alip + 30 ياخشى ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

ئېزىتقۇ. ۋاقتى: 2018-5-15 10:50:12
تېما  ئېگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ،ماۋۇ cpu  نىڭ ئەۋلاد سانى يۇقىرلىغانسىرى ياخشى بولامدۇ ، مەسىلەن i5  4200 بولسا نورمالمۇ ؟
nubia ۋاقتى: 2018-5-15 13:25:38
music يوللىغان ۋاقتى  2018-5-14 20:30
مانىڭ 3699نى ئالدىم،توك مەنبەگە پۇل قوشۇپ 400wلىك قىلدىم، ...

ئامال بار تيەنماۋدىن ئېلىڭ،تاۋباۋدىكى دۇكاندارلارنىڭ ھىلىسى كۆپ،قوراشتۇرما كومپىيوتىرلارنىڭمۇ ماركىسى بار ھازىر،شۇنىڭ ماركىلىقلىرىدىن ئالسىڭىز كىيىنكى مۇلازىتىمۇ ياخشىراق
begtash ۋاقتى: 2018-5-15 16:07:44
مەن 宁美国度ن نىڭ قۇراشتۇرما كومپيۇتېردىن بىرنى ئالغان، ھازىر ئۈچ يىل بولدى، تۆۋەن سەپلىمىدىكى ئىدارىنىڭ كونا كومپيۇتىرىدەك راۋان ئىشلىمەيدۇ، يەنە تىخى دەسلەپ قوزغالغاندا ئىككى مىنۇت ئەتىراپىدا غۇڭشىيدۇ، نەدىن ئاۋاز چىققاننى بىلەلمىدىم، ئۇنىڭدىن باشقا كومپيۇتېر قاتتىقراق سىلكىنسە ئېكران ئۆچۈپ قىلىپ، قايتا قوزغاتمىغۇچە ئوڭشالمايدۇ. شۇڭا كومپىيۇتېر ئالىدىغانلار قاتتىق دىققەت قىلمىسا قويۇلۇپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ. ماۋۇ تېما ئارقىلىق مىنىڭ كومپيۇتېرغا بولغان چۈشەنچەم خىلىلا ئايدىڭلاشتى. تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
nubia ۋاقتى: 2018-5-15 19:22:05
ئېزىتقۇ. يوللىغان ۋاقتى  2018-5-15 10:50
تېما  ئېگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ،ماۋۇ cpu  نىڭ ئەۋلاد سا ...

توغۇرا ،دىگىنىڭىزدەك قانچە يېڭى ئەۋلات بولسا ئىقتىدار جەھەتتىن شۇنچە ياخشى بولىدۇ،مەسىلەن ئىنتىل ئى 5  5400دىگىنى 5 ىنچى ئەۋلات،7600دىگىنى يەتتىنچى،8100دىگىنى سەككىزىنچى ئەۋلات دىگەندەك،ئىنتىل ئى ئۈچمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش،ھەربىر ئەۋلات ھەربىر نۇسخىنىڭ ئىقتىدارى ھەم كۈچىدە پەرىق بولىدۇ،سىزدىگەن 5400بەشىنچى ئەۋلات،ئىقتىدارى ياخشى ،ئەمما ھازىر ئەپ قالسىڭىز يېڭى دەپ ساتقىنى بىلەن يېڭى چىقماسلىقى مۇمكىن،ياخشىسى يېڭى ئەۋلاتنى ئېلىڭ،ھازىر چىقىۋاتقان ئى ئۈچنىڭ سەككىزىنچى ئەۋلاتلىرىنى ئالسىڭىز پۇلى ئەرزان سەككىزيۈز ئەتىراپىدا،ئەمما ئىقتىدارى يەتتىنچى ئەۋلات ئى 5 نىڭ ئىقتىدارىغا تەڭداش كەپ قالىدۇ،بۇرۇن ئى ئۈچ نىڭ ھەممىسى ئىككى يادىرو تۆت يوللۇق چىقاتتى،سەككىزىنچى ئەۋلات تۆت يادىرو تۆت يوللۇق چىقىدۇ،دىمەك باھاسى ئەرزان ئىقتىدارى كۈچلۈك
kaysar1997310 ۋاقتى: 2018-5-16 15:59:46
ehrami يوللىغان ۋاقتى  2018-5-14 21:41
كومپيۇتېر دۇكانلىرىدا ھەقىقەتەن بىر ئاز قىممەت. قىزىل ...

سىزدىن ئازراق ئۇگەن سەم بوغدەك  قالتىسكەسىز  يارايسىز
esel1314 ۋاقتى: 2018-7-26 02:51:03
تىشلىقمۇ ئىغىر كۆمەي مۇشۇ سىز دىگەن mos  ئۆزەك ئاندىن كوندىنساتور دىگەن ئۆزەكلەر توغۇرلۇق چۈشەنچە بەرسىڭىز بۇنى ئاساسى تاختا ئۈستىگە قاراپ
esel1314 ۋاقتى: 2018-7-26 02:52:53
ئاساسى تاختا ئۈستىگە قاراپ بىلەمدۇ ياكى يۇمشاق دىتال ئارقىلىق بىلىمىزمۇ  ھەقلىق بولسىمۇ مەيلىتى  بولسا چ چ ياكى ئۈندىدارىڭىزنى قالدۇرۇغان بو
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部