+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-5-9 15:19 4548 قېتىم كۆرۈلدى 18 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەندە 2018 گوگۇل I/O يىغىندا Android P (ئاندرويد 9) رەسمىي ئېلان قىلىندى.

2a66c68ee20a584bf1b95b169b2fe37bx503x383x14.jpeg

Android P سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار. بۇ سىستېما ئىشلەتكۈچىنىڭ ئادىتى ۋە ھەرىكىتىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ، ئوخشىمىغان مۇھىت، ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قارىتا ئىشلەتكۈچىگە ئەڭ ياخشى شارائىت تەمىنلەپ بېرىدۇ.
«ماسلىشىشچان باتارىيە» ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇ ئىقتىدار باتارىيەنىڭ توك خوراش ئەھۋالىنى ئەقىلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىپ، ئارقا سۇپىدىكى ئىشلەتمەيدىغان ئەپنى ئاپتوماتىك تاقاش، ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشەش ئارقىلىق CPU نىڭ يۈكىنى %30 ئازايتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا Android P قا يەنە DashBoard ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇ ئىقتىدار ئىشلەتكۈچىنىڭ ئوخشىمىغان ئەپنى ئىشلىتىش ۋاقتىغا ئاساسەن ئىشلەتكۈچىنىڭ ئادىتىنى تەھلىل قىلىدۇ. يەنە Wind Down ئىقتىدارى بار. سىز ئۇخلىغان ۋاقىتتا يانفون ئېكرانىنى ئاپتوماتىك كۈلرەڭگە تەڭشەيدۇ، ئىككىنجى كۈنى ئەتىگەندە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

8cf1d5ea9de15f9210c670c52fbb45a3x680x383x281.gif

Android P تىكى دەخلىسىز ھالەت (勿扰模式) ياخشىلاندى. يانفوننى ئۈستەلگە قويسىلا ئاپتوماتىك ھالدا دەخلىسىز ھالەتكە كىرىدۇ. ئاستىدىكى يىتەكلەش ئىستونىمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئۈستىگە سىيرىپ ۋەزىپە كۆزنكىگە كىرىشكە بولىدۇ، بۇ يېرى iPhone X قا ئوخشايدۇ.

a71af2ef7c9e4162666b3ff1984ccacax680x453x1349.gif

بۇ يىغىندا يەنە Android P نى قوللايدىغان يانفونلارمۇ ئېلان قىلىندى، ئۇلار:  MIX2S شىياۋمى، vivo X21، Nokia 7 Plus、OPPO R15 Pro،  يىجىيا 6، سونىي Xperia XZ2، Essential PH-1 ۋە گوگۇل Pixel تۈرىدىكى يانفونلار.

18ئادەم ئىنكاس يازدى

mingyil2013 ۋاقتى: 2018-5-9 15:38:19
مۇشۇ ئىغىرلىشىۋالدىغان ئەھۋالنى ئوڭشىسا چوقۇم ئاندىروئىد يانفۇن ئىشلىتىپ سىناپ باقىمەن.
1760903980 ۋاقتى: 2018-5-9 15:51:54
huawei nova3  يانفۇنى قۇللامۇ
nabirajim ۋاقتى: 2018-5-9 15:57:49
قاچانلىققا يېڭىلاش ئۇچۇرى كىلىدىغاندۇ
l;kkkkkkkkkk ۋاقتى: 2018-5-9 16:20:35
مانا ، ھازىر ئۇ سىستېمىنى مەن ئىشلىتىۋاتىمەن ، ئىشلەتكەندىكى تەسىراتى ئىنتايىن ياخشى ، سۈرەت تېز توك تېجەشمۇ خېلى ياخشى.
ئۈنۈم رەسىملىرى
Screenshot_20180509-161448.png
Screenshot_20180509-161443.png
abdurusul ۋاقتى: 2018-5-9 16:23:28
شىيامى mix2 يۇقمىدۇ
uyghur ۋاقتى: 2018-5-9 16:24:23
l;kkkkkkkkkk يوللىغان ۋاقتى  2018-5-9 16:20
مانا ، ھازىر ئۇ سىستېمىنى مەن ئىشلىتىۋاتىمەن ، ئىشلەتك ...

تىل تەڭشىكىگە قاراپ بېقىڭە، قايسى تىللار باركەن؟
TURGUNBEY ۋاقتى: 2018-5-9 16:27:34
كاساپەت،يامان نوچى چىقىپتىغۇ بۇ قىتىم.مەن تىخى Android8ئىشلىتىپ باقىغان لىكىن ئىشلىتىۋاتقانلانىڭكىگە قارىسام Android7بىلەن كۆپ پەرقى يوقتەكلا قىلدى.
  ماۋۇ 9سىستىمىسى خىلى يامان ئەمەستەك تۇرىدۇ.
13139744004 ۋاقتى: 2018-5-9 17:00:42
بىزلە تېخى ئاندىرود 7.1.1 تۇرمىز باللا 9 چىقىپتۇ
بۈركۈت11 ۋاقتى: 2018-5-9 18:04:14
مەنمۇ ئەمدى Oreo سىستىمىغا ئۆتكەن ، ماۋۇ 9.0 گە يېڭىلاش ئۈچۈن باشقا يانفۇن سېتۋالغىلى سالىدۇ ھەقىچان پۇلنىڭ يۇقىدا  ھىلىمۇ بىر مۇنچە پۇلغا ئالغان بۇ تىلفۇننى ، S7edge  ئىدى  ،  مۇشۇ تىلفۇنغىمۇ بۇلاپ قالسا چۇ
l;kkkkkkkkkk ۋاقتى: 2018-5-9 18:11:03
uyghur يوللىغان ۋاقتى  2018-5-9 16:24
تىل تەڭشىكىگە قاراپ بېقىڭە، قايسى تىللار باركەن؟

ئۇيغۇرچە تىل بار ئىكەن
◆、◇◆βǎЯ ۋاقتى: 2018-5-9 18:36:39
سىزنىڭ قانداق تىلفۇن ئۇ 9 سىستىمىغا يېڭىلىغان
لەغمەن ۋاقتى: 2018-5-9 18:45:31
دوسلار تەخىر قىلىڭلار ئەمدى ئىلان قىلىنغان بولسا دۆلىتىمىز كارخانلىرى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملاپ بايراقدار يانفۇنلىرنى بىر تۇتاش يېڭىلايدۇ
l;kkkkkkkkkk ۋاقتى: 2018-5-9 20:43:23
◆、◇◆βǎЯ يوللىغان ۋاقتى  2018-5-9 18:36
سىزنىڭ قانداق تىلفۇن ئۇ 9 سىستىمىغا يېڭىلىغان

گوگىل ئۆزى ئىلان قىلغان يانفونى Google Pixel
TURGUNBEY ۋاقتى: 2018-5-9 21:34:58
سوراپ باقسام.ھەرقايسى ئاندىروئىد ماركىدىكى تېلېفونلارغا بىر بىرىنىڭ سىستېمىسى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ.مەسىلەن ، مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقان تېلېفونۇم vivo.  مەن بۇ تېلېفونغا samsung,  xiaomi,  دېگەندەك تېلېفونلارنىڭ سىستېمىسىنى قاچالاپ ئىشلەتسەم تېلېفون قوللامدۇ؟
salam211520 ۋاقتى: 2018-5-9 22:05:32
https://wap.ithome.com/html/359027.htm

دۆلىتىمىز يانفۇنلىرىدىن شىياۋمى ۋىۋو ئوپپو قاتارلىق يانفۇنلارنىڭ بۇ ئاندىروئىد پ سېستىمىسىنى ئېلان قىپتۇ ، قىنى چۈشۈرۈپ سىناپ بىقىڭلار
qaq ۋاقتى: 2018-5-10 10:34:52
TURGUNBEY يوللىغان ۋاقتى  2018-5-9 21:34
سوراپ باقسام.ھەرقايسى ئاندىروئىد ماركىدىكى تېلېفونلا ...

شياۋمى ئورگان تورغا چىقسىڭىز ، يانفونىڭىز نىڭ تىپىغا ماس كېلىدىغان سىستېما بولسا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.ئاشۇ يەردە ھەممە يانفونلارنىڭ شىياۋمى سىستېمىسى بار.
mahmudbahg ۋاقتى: 2018-5-10 14:56:05
l;kkkkkkkkkk يوللىغان ۋاقتى  2018-5-9 18:11
ئۇيغۇرچە تىل بار ئىكەن

بولسا ئاشۇ ئۇيغۇرچە قوشۇلغان يەرلىرىدىن سۈرەتكە تۇتۇپ يوللاپ قويسىڭىز ياكى ئىشلىتىش تەسراتىڭىزنى تىما قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن
HAKAN49520 ۋاقتى: 2018-5-10 21:07:49
TURGUNBEY يوللىغان ۋاقتى  2018-5-9 21:34
سوراپ باقسام.ھەرقايسى ئاندىروئىد ماركىدىكى تېلېفونلا ...

بۇلىدۇ ، توردىن ئۈچىنچى تەرەپ رومى دەپ ئىزدەتسىڭىز چىقىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部