+تېما يوللاش
nur0991 يوللانغان ۋاقتى:2018-5-7 17:33 4447 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
سالام ئالىپ ئەھلى ھەممىڭلاغا سالام سىلەرگە ئازراق مەزمۇن تەييار قىلغان مېغىزنى قۇبۇل قىلىپ شاكلى تاشۋەتسەڭلار.
ئۇندا بولسا ئۆز گېپىمگە كەلسەڭ مەن تېلېفونچىلىق ساھاسىدە يېڭى بولساممۇ  ھازىر بازاردا سېتلۋاتىقان بەزى تېلېفونلار توغرىسدا ئازراق يەنە بىر قېتىم سۆزلىگىم كەپ قالدى تېلېفونچى ئۇستازلارنىڭ زىتىغا تىگىپ قالسام تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن ئۇندا بولسا ئەسلى گەپكە كىلەي .
مۇشۇ يېقىندا بىر قىسىم نۇمۇسسىز تېلېفونچىلار پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ نامىمۇ خېلە بار. ئۇلار نۇمۇس قىلماي ئورگان تەرەپ توختاتقان ، ئامبار قالدۇقى مۈمكىن بولمىغان، قاپ ئالماشتۇرۇپ يېڭى قىلغان بەزى تېلېفونلارنى يېڭى 100%لىك مال دەپ بەرمىگەن قەسمى قالماي، يانفوننى چۈشەنمەيدىغان قىسمەن كىشلەرنىڭ كالىسىنى بۇرمىلاپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. مەنچە بۇ بىزدەك بەزى يانفۇنچىلارغا قىلىنغان ھاقارەت دەپ قارايمەن.
ئۇنداق بولسا مەن ئازراق شىياۋمى ۋە مېيزۇلارنىڭ زاۋۇتتىن ئىشلەتتىن توختاتقان بازاردا يېڭى دەپ سېتىلۋاتقان تېلېفونلارنىڭ ئۇچۇرىنى بەرسەم. كەم قالغان بولسا تولۇقلاپ  قۇيارسىلەر.
1.شىياۋمى تۈرلىرى
ئورگان تەرەپ توختاتقان يېڭى ئەمەس ماللار
شىياۋمى 2s ، شىياۋمى 3 ، شىياۋمى 4 ،شىياۋمى 4c ، شىياۋمى 4s، شىياۋمى 5s ، شىياۋمى 5s شىياۋمى mix ، شىياۋمى max  …
ئورگان تەرەپتە مال بار سېتىلۋاتقان تۈرلەر
شىياۋمى 6 ، شىياۋمى 5x ، شىياۋمى 6x ، شىياۋمى mix2 ، شىياۋمى mix2s ، شىياۋمى max 2 شىياۋمى كىت ئۇيۇن نۇسخۇسى
خوڭمى تۈرلىرى
زاۋۇت تەرەپ توختاتقان يېڭى ئەمەس ماللار
خوڭمى 3 ، خوڭمى 3s ، خوڭمى 3x ، خوڭمى not3، خوڭمى 1 ،خوڭمى 2… قاتارلىقلار ئايرىلىپ قالغان تىپ بولسا تۇلۇقلاپ چۈشەنسەڭلا
ئورگان تەرەپ توختاتىمىغان يېڭى ماللار
خوڭمى نوت 4x ،خوڭمى نوت 5، خوڭمى 5 ، خوڭمى 5 ،خوڭمى 5پىلاس … قاراتلىقلار
مېزۇ تۈرلىرى
مېيزۇ mx 5 ، مېيزۇ mx 4، مېيزۇ mx 3 مېيزۇ mx 6  ، مېزۇ پىرو 6 ،مېيزۇ 6پىلاس …
زاۋۇت تەرەپتە سېتىلۋاتقانلار
مېيزۇ پىرو 7,مېيزۇ پىرو 7پىلاس ،مېيزۇ m15، مېيزۇ 15
مېيلەن تۈرلىرى
زاۋۇت تەرەپ توختاتقان يېڭى ئەمەس ماللار
مېيلەن not2،مېيلەن not3، مېيلەن 3،مېيلەن 3s ، مېيلەن 5 بۇ ئامبار قالدۇقى بۇلىشى مۈمكىن ، مېيلەن u10، مېيلەن u20 بۇ ئورگان تەرەپ توختاتتى ئەمما ئامبار قالدۇقى بار شۇڭا مېيلەن u20نىڭ يېڭىسى بار ،مېيلەن E، مېيلەن E2
زاۋۇت تەرەپتىن ئىشلىۋاتقان يېڭى تىپلا
مېلەن نوت 6، مېيلەن نوت 5 ,مېيلەن E3، مېيلەن 6 ،مېيلەن 5s ،مېيلەن 6s  
قاتارلىقلار بۇنىڭ ئارىسدا مەن ئايرىپ قويغان ياكى خاتا بولغان يەر بولسا تۈزۈتۈپ چۈشەنسەڭلار.

12ئادەم ئىنكاس يازدى

ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-5-7 18:49:28
جايىدا يىزىلغان تېما ، ھەر قىتىم بازارغا كىرسەم تىلىفون بازىرىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىقىمەن ، بىر قىتىم شىياۋمى
2s تىن بىرنى نەچچە پۇل دىسەم 750 كوي دەيدۇ ، تۇرۇپلا
قاپتىمەن ئىغىزىغا قاراپ ، شۇنىڭ بىلەن نىمانچە قىممەت بۇ
دىسەم ساتقۇچى : ئۇكام بۇ يېڭى مال ، چۈەنۋاڭتوڭ 16g مىڭىسى بار دەيدۇ ، ئىغىزىمغا بىر گەپ كەپتى ئۆزەمنى تەستە
تۇتىۋىلىپ يىنىپ چىقتىم ، مۇنداق كۆزىتىپ باقسام ئارىمىزدا ئېكرانلىق تېلېفون دېسە ئىقتىدارى ۋە كونا يېڭىلىقىغا قارىماي  نەچچە پۇل دېسە ئېلىۋېرىدىغانلار خېلى كۆپكەن ، بەزى تېلېفونچىلار مۇشۇلارنى تۇتقا قىلىپ خېلى بىر مەزگىلگىچە پايدا ئېلىۋالىدىغاندەك قىلىدۇ.
momo ۋاقتى: 2018-5-7 20:23:33
مىنىڭ دوسلۇرۇمما ساختا شاۋمىغا ئۇچۇراپ ھازىر قۇلۇمدىكى شاۋمى 6تىنى ئوپپو تېلېفونلىرچىلىك كۆمەيدۇ ناچار دەپ ئويلايدىكەن
sadda(boy)006 ۋاقتى: 2018-5-7 22:32:59
  يانفۇن بازىرىغا كىرسەملا بىرقىسما بوپ قالىمەن،  ھەرقانچە قىممەت بولسىمۇ ئورگان تۇرىدىن ئالغانغا يەتمەيدۇ،(ئەمەلىيەتتىغۇ بازاردىكى باھاسى ئورگاننىڭكىدىن خىلى قىممەت) بىر دوستۇممۇ بىر مېيزۇ تىلفۇننى كۈرۈپتىكەن،  سەن تىلفۇننىڭ ئەھلى بولغاندىكىن ماڭا كۈرۈشۈپ بەر دەپ باشلاپ باردى،  قۇلۇمغا ئېلىپلا جۇبەننىڭ ئالماشتۇرۇلغان چۇۋۇلغان تىلفۇنلىقىنى بايقاپ قالدىم،  باھاسىمۇ خىلى قىممەت ئىكەن، يانفۇن قېپىمۇ ساختا دەڭلا تېخى
delyar ۋاقتى: 2018-5-7 22:52:52
مەن بىرسى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن ، ئالما ئالتىنى (قاپ ئالماشقان %70 يېڭىلىقتا 16گ ) 2700 كوي دىمەسما    ، دىمىسىمۇ شۇ ، تاغدىن چۈشكەن كۆرۈپ قالامدۇ ئادەمنى ، بولۇپمۇ بىزنىڭ غۇلجىدا بۇنداق .ئىشلا بەكلا كۆپ ، قويىمەنلا دەپ تۇردۇ...
كىيىك ۋاقتى: 2018-5-8 01:43:01
مەنمۇ مىيزۇ u20يانفۇننى ئىشلىتۋاتمەن، قارارەڭلىكىنى،بىريىل بولدى،ياخشى چقىپ قالدى،flyme 7گە يېڭلاش ئۇچۇرى كەلمىدى دىسە  ئەمما بۇ يانفۇننىڭ بىر كىشلىك لايھەلەپ قويۇپتىكەن، چىرايلىق
Miradiljan ۋاقتى: 2018-5-8 15:41:43
تېلفۇن باھاسىنى بىلىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلىدىن بىرنى دەي ، ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى ھە ، مۇتلەق توغرا دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ھەر ھالدا توغرا چىقىدۇ ، سىز ئالماقچى بولغان تېلفۇننى تاۋ باۋ تورىدىن ئىزدەيسىز ، مەيلى سىز توردىن مال ئېلىشنى بىلىڭ ياكى بىلمەڭ تاۋباۋدىن ئىزدىگىلى بولىدۇ ، ئىزدىگەندە سېتىلىشى ئەڭ ياخشى بولغان ئۈچ خىل باھانى ئۆلچەم قىلسىڭىز بولىدۇ . ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا 100يۈەندىن 200يۈەنگىچە ، بەكلا ياخشى تېلفۇن بولسا ، بازاردا مال قىس بولسا 300 يۈەنگىچە قىممەت ئالسىڭىز بۇ نورمال ئەھۋال ، ھەددىدىن زىيادە قىممەت ياكى بەكلا ئەرزان بولسا قويۇلۇپ كېتىسىز دىگەن گەپ !
يۇقارقىسى شەخسىي تەجىربە خالاس ، پايدىلانسىڭىزلا بولىدۇ .
kaisar809 ۋاقتى: 2018-5-8 16:41:38
oguzhan يوللىغان ۋاقتى  2018-5-8 00:13
مۇشۇنداق تېلىفچن توغرىسىدا تېمىلار ئۈزۈلمىسىكەن دەيم ...

بۈگۈن 360 N7 ئېلان قىلىندى، باھاسى 1699دىن باشلىنىدىكەن ، شۇنىلا ئېلىڭ
nubia ۋاقتى: 2018-5-8 20:20:11
جىڭدۇڭنى بىلگەندىن بۇيان يەرلىكتىكى تېلفۇن بازارلـىرىغا بېرىپ باقماپتىمەن،ئىككىنچى قول تېلفۇن بازىرىدىن ھەرگىزمۇ تېلفۇن ئالماسلىق كېرەك،بولۇپمۇ ئالما تېلفۇنىنى،ئۇرۇق تۇققان تۇنۇشلىرىڭىزدىن ئالسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا،
nabijan ۋاقتى: 2018-5-9 12:18:13
ئالىپ ئەھلى ياخشىمۇسىزلەر ، مۇشۇ يېڭى چىققان شياۋمى 6 تە 6.64 جىكەن، خۇاۋېي 8 پىلوس 4.64 كەن. ئىككىسىنىڭ پۇلى ئوخشاش 1700 كوي ئەتراپىدا. قايسى يانفون ياخشىراقتۇ ؟ بىر مەسلىھەت  بەرسەڭلار. ئالاي دېگەنتىم
MASSI ۋاقتى: 2018-5-9 13:41:33
nabijan يوللىغان ۋاقتى  2018-5-9 12:18
ئالىپ ئەھلى ياخشىمۇسىزلەر ، مۇشۇ يېڭى چىققان شياۋمى 6 ت ...

小米6تىنى   ئېلىڭ     ياخشى چىقىدۇ     
گۈللە ۋاقتى: 2018-5-9 20:21:17
360 n6pro دىگەن  تىلفۇننى بېر تۇنۇشۇپ ئەپ  ھازىر ئىشلىتۋاتىدۇ  تۇنۇشۇمنىڭ دەپ بېرىشى بۇيىچە  بۇ تىلفۇن خېلى  بوپ قالدىكەن  توكىمۇ ئۇزۇن يىتىدىكەن .  بۇنى ئاڭلاپ  بېر ئاغىينەم گە جىڭدۇڭ تورىدىن  بېرنى زاكاس قىلىپ قويدۇم ھازىر  يولدا   مەنچە يېڭى چىققان n7 تېخىمۇ ياخشىدەك قىلدۇ  باتارىيەسىنىڭ سىغىمىمۇ 5000  كەن  n6 pro دىن  چوڭ كەن  ن
◆、◇◆βǎЯ ۋاقتى: 2018-5-9 20:36:25
ئەڭ ياخشىسى تىلفۇننى كۆرەپ سىناپ تۇتۇپ سىلاپ دىگەندەك ئالغان ياخشى  توردىن ئالسىمۇ ئىشەنچىسىز  كۆرەپ يېڭىنى ئاغان ياخشى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部