+تېما يوللاش
mingyil2013 يوللانغان ۋاقتى:2018-5-7 11:58 2736 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يىقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدىكى ئالما بايراقدار يانفۇنى X  سىتىلىشىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ قىززىق نوقتىسىغا ئايلانغان ۋاقىتتا شىركەت ئىلان قىلغان مالىيە دوكىلاتى بۇنىڭ پۈتۈنلەي بىر قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. باھاسى بىلەن سىلىشتۇرغاندا ئوخشاش تىپتىكى 999 دوللارلىق يانفۇنلار ئىچىدە ئالما X يەنىلا رىقابەتچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇلارنىڭ 10 ھەسسىگە باراۋەر سىتىلىش بىلەن بىرگە مەشغۇلات راۋانلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن يانفۇن ئوخشاش پايدىسىنىڭ %60 تىنى سۈپۈرۈپ ئىلىپ كەتتى.  
QQ截图20180507115919.jpg
ئەڭ مۇھىمى ئالما شىركىتى 2- پەسىلدە 55 مىليۇن 200 مىڭ دانە يانفۇن سىتىپ چىقارغان بولۇپ، %3 لىك ئىشىنى قولغا كەلتۈرگەندىن سىرىت، پەقەت ئالما يانفۇنىغا تايىنىپلا 380 مىليارد ئامرىكا دوللىرى كىرىمگە ئىگە بولۇپ، %14 لىك ئىشىشنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق تۆھپىكار دەل iPhone X يانفۇنىدۇر. شۇنچە قىممەت تۇرسا يەنە شۇنداق جىق سىتىلامدۇ؟ ئىستىمالچىلار راسلار ئەخمەقمۇ؟
1- مال مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىش.
ئالما iPhone X يانفۇنى ئىلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئەڭ قىممەت يانفۇن بولۇپ باھالىنىپ ئاخپارات ۋاستىلىرىنى ھۇجۇم ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالغان، دەل مۇشۇ ئىش ئۇلار ئۈچۈن تەشۋىقات بولۇپ بەرگەن. ئالما شىركىتى بۇ چوڭ تەشۋىقات پۈرسىتىنى ياخشى تۇتۇپ مال مەنبەسىنى تولۇقلاشقا پۈتۈن كۈچىنى سەرىپ قىلىپ غەيۋەتخورلارغا ماللارنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزگەن. غەيۋەتخورلار باشتا ماڭلىيى بار دەپ ياراتمىغان  iPhone X  يانفۇنىنىڭ بارلىق يانفۇنلارغا ماڭلاي ئاتا قىلىشى ھەمدە شەكىل ئوخشاش، ئەمما سۈرئەت ۋە ياسىلىش سەنئىتى ئوخشاش بولمىغان پەرىقنى شەكىللەندۈرۈپ داۋاملىق سىتىشنى ئالغا سۈرگەن. (باشقا قىلىنلارمۇ دورىۋالدى دىمەكچىدە بۇ يەردە)
QQ截图20180507120717.jpg
2-باھاسى يۇقىرى چوقۇم ساتالماي تۆۋەنلىتىدۇ.
تەھلىلچىلەر باھاسى يۇقىرى بۇ يانفۇنغا بەكلا تۆۋەن باھا بىرىپ تىزلا باھاسنى چۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ ھەۋەسكارلار تەخىر قىلالماي يۇشۇرۇن سىتىۋالغان،  چۈنكى ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى بەكلا قىممەت دەپ ئويلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئەتراپىدا بۇنداق يانفۇنلارنىڭ كۆپىيىپ قىلىشى ئۇلارنىڭ Phone X يانفۇنىنى سىتىۋىلىشىغا تۈرۈتكە بولغان، ئەمەلىيەتتە سىتىلمىغاندا ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى يەنە بىر قىتىم ھەيران قالدۇرغان.
QQ截图20180507121521.jpg
3- باھاسى يۇقىرى: شۇ باھا لايىق
ئەينى يىللىرى مىكروسوفت باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئالما تۇنجى ئەۋلات يانفۇنىنى كۆرۈپ مەنسىتمەسلىك بىلەن كۈلۈپ 1 ئاي ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ دەپ باھا بەرگەن ئەمما ئۆزىنىڭ ۋىندوۋس يانفۇنى 5 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ %3 بازارنىمۇ ئىگەللىيەلمىگەن، مانا بۇنى ئالما شىركىتىنىڭ نىمە ئۈچۈن باھانى يۇقىرى قويالىشىدىكى بىر سەۋەپ دىسەكمۇ بولىدۇ. شۇ باھا، شۇ ئىقتىدارى بىلەن ھەرقانداق يانفۇننى مەغلۇپ قىلالايدىغان بۇنداق سىھىر كۈچ پەقەت iPhone X يانفۇنىدىلا بولىشى مۇنكىن، چۈنكى تىللاپ تۇرۇپ ئىشلىتىدىغان بۇنداق يانفۇندىن يەنە بىرسى چىقماسلىقى مۇنكىن
QQ截图20180507122710.jpg
سۈزۈك كامىرا، بارماق ئىزى قۇلۇپى، قاتارلىق بىر قاتار مۇكەممەل ئىقتىدار ئالما iPhone 5s يانفۇنىدىلا بازارغا سىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدارلار ھازىرمۇ بايراقدار يانفۇنلاردا ئىشلىتىلمەكتە، ئەمما iPhone X يانفۇنىدا بار بولغان، سۈزۈك ئېكران، قوش كامىرا، 3D  چىراي تونۇش تېىنىكىسى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق CPU ۋە GPU قاتارلىق مۇكەممەل تېخنىكا ۋە ئىقتىدارلارنى ھەرقانداق باشقا يانفۇن بىر لا ۋاقىتتا ھازىرلاپ بولالماسلىقى مۇنكىن، ئالما شىركىتى ھەرقانداق نەرسىنى ئەڭ مۇكەممەل ھالەتتە خىرىدارلارغا يەتكۈزگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشمەكتە.
شۇڭا كۆپلىگەن خىرىدارلار ئالما iPhone X يانفۇنىنى ئالما 8 ۋە 8 پلۇس يانفۇنلىرىغا قارىغاندا يەنلا ئاقىلانە تاللاش دەپ قارايدۇ.
(مەلۇم بىر تور سودىسى قىلىدىغان تورداش ئالما ئايپەدنى شىركەتتىن مەجبۇرىي ئىشلىتىشكە بۇيرۇلغاندىن 1 ئايدىن كىيىن ئالما iPhone X يانفۇنىغا ئالماشقان، سەۋەبىنى سورىسام « بۇرۇن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىپتىمەن. تور سودىسى قىلغاچقا ھەرقانچە ياخشى سەپلىمىلىك يانفۇن ستىۋالساممۇ 1 ئايغا بارمايلا يانفۇنۇم بەكلا ئاستىلاپ كىتەتتى، ھەر كۈنى دىگۈدەك ماتىرياللارنى تازلاش بىلەن ئاۋارە بولاتتىم، شۇڭا سەنشىڭ س 8 پىلۇسنى ئالماشتۇرۋەتتىم. ) ماۋۇ ئەمەلىي پاراڭ جۇمۇ مۇبالىغە يوق.
QQ截图20180507123426.jpg
مەن ھىچكىمنى قىممەت باھالىق ئالما iPhone X يانفۇنى ئىلىڭ دىمەكچى ئەمەس كۆنگەن ئەڭ ياخشى، شۇڭا ئارتۇق مۇلاھىزە قىلمىساڭلا، ئەگەر ئالما توغۇرلۇق ھەرقانداق سۇئال بولسا ئۈندىدارىمنى قالدۇرۇپ قوياي،. مەسلىھەت ھەقسىز. QQ图片20180507124428.jpg

6ئادەم ئىنكاس يازدى

15199755016 ۋاقتى: 2018-5-8 13:31:08
ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك بىرلا ئېغىز گەپ  ھەركىمنىڭ سۆيگىنى ئۆزىگە چىرايلىق
ئەكبەر0997 ۋاقتى: 2018-5-7 13:48:26
راس گەپنى قىلسام مىنىڭمۇ ئالما xنى شۇنداق سېتىۋالغۇم بار ، لىكىن باھاسى ھەقىقەتەن قىممەت شۇڭا قولۇمدىكى شاۋمى 6 مۇ راۋان بولغاندىكىن مۇشۇنى ئىشلىتپ تۇراي باھاسى مۇۋاپىق . (چىراي تۇنىمىسىمۇ) لىكىن ئالما x ھەقىقەتەن ئېسىل مەھسۇلات ھازىرغىچە ئۇ تېلفۇننىڭ ماڭلىيىنى دورىيالىغان بىلەن ئاستى تەرەپنى باشقا تېلفۇنلار دورىيالمىدى.  ھەممىسنىڭ زاڭىقى بار .   
umid7606 ۋاقتى: 2018-5-7 14:49:08
پۇليوق گەپ يوق شۇڭا ھەممىمىزگە قۇلىمىزدىكى ئوبدان بولمىسا قىممىتى ئوبدانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز مەسىلەن ئەرزان يانپۇن نىڭ  1200ئاپىرات بىلەن داڭلىق قىممەت يانپۇننىڭ 1200ئاپىرات تا تارتىلغان سۈرەت  نىڭ پەرقىنى يانپۇن ھەۋەسكارلىرى ھەممىمىز بىلىمىز
mingyil2013 ۋاقتى: 2018-5-7 17:10:21
بۇ يەردە بىرسى پۇل بار يوقنىڭ گىپىنى قىلمىدىغۇ تېخى، پۇل بولمىسا دەيكۈەن قىپ ئالدىغانلارمۇ با غۇ چىداپ
ئالبىنى ۋاقتى: 2018-5-8 01:33:15
ئەكبەر0997 يوللىغان ۋاقتى  2018-5-7 13:48
راس گەپنى قىلسام مىنىڭمۇ ئالما xنى شۇنداق سېتىۋالغۇم ب ...

شىياۋمى ئالتىگە ئېچىۋېتىلگەن نۇسىخدىكى سېستىمىسنى قاچىلسىڭىز چىراي تۇنۇش ئىقتىدارى قۇشۇلدى
-نادىر- ۋاقتى: 2018-5-8 03:48:06
ھەقىقەتەن ئېسىل يانفۇن،مەن بۇ يىلقى يېڭى مەھسۇلاتىنى كۈتۋاتىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部