+تېما يوللاش
TURGUNBEY يوللانغان ۋاقتى:2018-5-7 01:17 8865 قېتىم كۆرۈلدى 31 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
سوۋگوۋ كىرگۈزگۈچ دۆلىتىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كىرگۈزگۈچ. ئىقتىدارى مۇكەممەل. بۇ كىرگۈزگۈچكە ئۇيغۇرچە قېتىلدى.

ئالدىنقى قېتىم بۇ كىرگۈزگۈچنى  ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا  پەقەت ئىنگلىز تىلى ۋە خەنزۇتىلى ئىككى خىل تىلنى كىرگۈزۈشكە بولاتتى. بۇ قېتىم تىل تاللاش رامكىسىنى ئېچىپ قارىسام ، ئۇيغۇرچە،   زاڭزۇچە ، كورىيانچە قاتارلىق بىر نەچچە تىللار قېتىلىپتۇ. مەن بۇ كىرگۈزگۈچنى ئالدىنقى قېتىم ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا خەنزۇچە كىرگۈزۈش باشقا خەنزۇچە كىرگۈزگۈچلەرگە قارىغاندا ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانتىم. لېكىن ئۇ چاغدا بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە ئىمكانىيەت يوق. بايام قارىسام ئۇيغۇرچە تىل بولىقى كۆرۈندى ، شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم. دەرھال ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىم. كۇنۇپكا تاختىلىرى شۇنداق روشەن ، بىر خىل ئازادە راھەت تۇيغۇ بېرىدىكەن. كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ تېرىسىنى خالىغانچە ئالماشتۇرالايدىكەنمىز. بەيدۇ كىرگۈزگۈچ كە ئوخشاش تېرە ئالماشتۇرساق بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋالمايدىكەن. ئۇيغۇرچە باسقاندا نامزات سۆزلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

157.jpg

خەنزۇچە خەتنى ئاۋازلىق كىرگۈزگىلى بولىدۇ، قوليازما ھالەتتە ئېكرانغا خەتنى يېزىپ كىرگۈزگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇيالمىغان خەنزۇچە خەتنى رەسىمگە تارتىپ كىرگۈزگۈزۈش ئىقتىدارىمۇ بار.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەھرىرلەش ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرىمۇ بار. نۇر بەلگىسىنى يۆتكەش، كۆچۈرۈپ، چاپلاش كۇنۇپكىلىرى بار. بەزى چاغدا بۇ تەھرىرلەش كۇنۇپكىلىرى بەك ئەسقاتىدۇ.


024.jpg


چۈشۈرۈش ئادرېسى: تېلېفونىڭىزنىڭ ھەر قانداق ئەپ بازىرىغاياكى توركۆرگۈچكە搜狗输入法دەپ ئىزدىتىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.


ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن كۆرۈنۈشلەر.
011709hryrbm6m6g5299nz.jpg



011710pf11dnrfopdmznju.jpg
011711apko8kk0d1zqs3ku.jpg

31ئادەم ئىنكاس يازدى

سەركار ۋاقتى: 2018-5-7 10:17:42
بۇنى خىلى بۇرۇن مەنمۇ بايقىغان ، ئىزچىل بىرەر تېما يازاي دەپ پۇرسەت بولمىغان ئىدى. پەرىزىمچە ئالدىنقى قىتىم بەيدۇ كىرگۈزگۈچكە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش يېڭى تىرە قوشۇلغان چاغدا  سوۋگوۋغىىمۇ بىللە قوشۇلغان چىغى، ئىككىسى ئوخشىشىپ كىتىدىكەن، لىكىن نىمىشقىكى كۆنگەن يامانكەن، ئىزچىل قاراخان قېرىندىشىمىز ئىشلىگەن بەيدۇ كىرگۈزگۈچنىڭ تېرىسىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. ئۇزۇنراق مەزمۇنغا نۇر كىرگۈزگۈچ. لىكىن搜狗输入法ئىشلىتىپ كۆنگەنلەرگە ياخشى خەۋەردە بۇ
WANDAY ۋاقتى: 2018-5-7 10:31:35
搜狗输入法小米版دىن تاپالمدىم تىل تاللاش رايۇننى
15162187513 ۋاقتى: 2018-5-7 11:07:17

تاپالمىغانلار رەسىمگە قاراپ قىلىڭلار ،چوڭ شىركەتلەرنىڭ كىرگۈزگۈچلىرىگە ئۇيغۇرچە قوشۇلغىنى ياخشى بوپتۇ ،ئەمما ئۇيغۇرچە يېزىشقا يەنىلا بادام كىرگۈزگۈچ ياخشى دەپ قارايمەن
01.jpg
02.jpg
03.jpg
04.jpg
05.jpg
06.jpg
TURGUNBEY ۋاقتى: 2018-5-7 11:08:49
WANDAY يوللىغان ۋاقتى  2018-5-7 10:31
搜狗输入法小米版دىن تاپالمدىم تىل تاللاش رايۇننى

كىرگۈزگۈچنى قوزغىتىپ  كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدىكى سىن بەلگىسىنى چەكسىڭىز 更多语言دىگەن رايون بار
،شۇ يەرنى بىسىپ كىرىپلا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرىسىز،ئاندىن چۈشۈرگەننىڭ يىنىغا توغرا بەلگىسى قويۇۋەتسىڭىزلا بولىدۇ،ئەگەر تاللىمىسىڭىز ئۇيغۇرچە كونۇپكا ھالىتى چىقمايدۇ .
مەن بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ شىياۋمى نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقمىغان كۆپ پەرقى يوقتۇر دەپ ئويلىدىم.
110848ia0qg82hzmeeufyy.JPG
110849mp8zo82pre2ywxys.JPG
110849a5j9khbi3o8iz3jk.JPG
r0998 ۋاقتى: 2018-5-7 11:34:39
چۈشۈرۈش ئادىرسنى تاپالمىغان دوسلار بۇ ئادىرستىن چۈشۈرسەڭلا بولىدۇ :qb://market/web?url=https%3A%2F%2Fag%2Eqq%2Ecom%2Fdetail%3FgameId%3Dcom%2Esohu%2Einputmethod%2Esogou%26ch%3D001401%26pkgCh%3D10022313&name=%E6%90%9C%E7%8B%97%E8%BE%93%E5%85%A5%E6%B3%95
سەھرا@ ۋاقتى: 2018-5-7 11:52:18
مەن يەنلا ئۈزمىزنىڭ بادام كىرگۈزگۈچنى تاللدىم بۇنىڭ ئقتدارلرمۇ ئاز ئەمەس  باشقا ئەپ ئشلەتمەي خەنزۇچنى ئۇيغۇرچىغا  ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجمە قلىش ھەرخىل سىن بەلگە ئالاھدە بەلگە بار ئەڭ ياخشى يىرى كۇنۇپكا تىرسنڭ تۈرى جىق يەنە كۇنۇپكا تاختسنىڭ ئارقا كۈرنشگە ئۈزمزنىڭ يانفۇندا بار بولغان رەسملانى كرگۈزۋالساقمۇ بۇلدۇ،
115217iys27d6nq93hll3l.png
115217ba19q12drj74qj44.png
115218bhwy5rmrc7btmbv5.png
abjsoft ۋاقتى: 2018-5-7 11:53:57
TURGUNBEY يوللىغان ۋاقتى  2018-5-7 11:08
كىرگۈزگۈچنى قوزغىتىپ  كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدىكى سىن  ...

شىياۋمى نۇسخىسىدا بۇ تىل قۇشىدىغان يىرى يوقكەنغۇ
520abduxukur ۋاقتى: 2018-5-7 11:54:13
سوگاۋ كىرگۈزگۈچنىڭ شىياۋمىي بەنزىسى ۋە ئوپپو بەنزىسى قاتارلىقلارغا قىتىلماپتىمۇ ............
-نادىر- ۋاقتى: 2018-5-7 11:55:51
بەكمۇ ياخشى بوپتۇ،بەك خوشال بولدۇم،يېزىپ بولغىچە يازماقچى بولغان خەتلەر چىقىپ تۇردىكەن،ئەجرىڭلارغا كۆپ رەھمەت،كۆپ خۇرسەن بولدۇم.

115550p9juju3hcd0ltzd0.png
ئۆزباش ۋاقتى: 2018-5-7 11:58:30
مەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىمەن ئىقدىدارى مۇكەممەل يەنەتېخى رەسىمدىن خەت تونۇپ تەرجىمە قىلش ئىقدىدارى قوشۇلۇپتۇ، يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ياخشى
WANDAY ۋاقتى: 2018-5-7 11:59:03
TURGUNBEY يوللىغان ۋاقتى  2018-5-7 11:08
كىرگۈزگۈچنى قوزغىتىپ  كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدىكى سىن  ...

ۋاختىنچە قوشمغان ئوخشايدۇ،更多语言دىگەن تۈر يوققكەن سىز دىگەن يەردە بەلكم كىينچە قوشۇلۇپمۇ قالار،
3131446363 ۋاقتى: 2018-5-7 12:06:27
ئوپپو يانفۇنلىرىغا ئورگان تەرەپتىن قېتىلغان سوگۇ كىرگۈزگۈچىدە ئۇيغۇرچە قوشقىلى بولمايدىكەن.
0524 ۋاقتى: 2018-5-7 12:40:16
مۇشۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ لايىھەلەپ ياسايدىغان دوستلار مۇمكىن بولسا بارلىق كىرگۈزگۈچلەرتىكى ھەرىپ ئورنىنىڭ ئورنىنى ئوخشاش قىلغان بولسا تېخىمۇ قولايلىق بولغان بولاتتى.
10- ۋاقتى: 2018-5-7 13:03:04
نۇر كىرگۇزگۇچنىڭ كونۇپكا ئۇرۇنلاشتۇرشى بۇيىنچە قىلغىنى بولماسمۇ ، بۇنىڭدا سەل كۆنەلمىدىم
HAKAN49520 ۋاقتى: 2018-5-7 13:20:34
سەھرا@ يوللىغان ۋاقتى  2018-5-7 11:52
مەن يەنلا ئۈزمىزنىڭ بادام كىرگۈزگۈچنى تاللدىم بۇنىڭ ئ ...

بۇ كىرگۈزگۈچ نىڭ ئېلانىنى بەك جىق ، ھەم سىغمى چوڭ ،مەن ياقتۇرمىدىم ، نۇر كىرگۈزگۈچ قۇلايلىق پاكىز
anayurt123 ۋاقتى: 2018-5-7 13:25:59
مۇشۇ كىرگۈزگۈچنىڭ شىاۋمى نۇسخىسىىغا قوشۇلغان بوسا ياخشى بولاكەن .ساقلاپ باقايلى قېنى قوشۇلۇپمۇ قالا
oylan2008 ۋاقتى: 2018-5-7 13:38:16
نۇر كىرگۈزگۈچكە 手写ئېقتىدارىنى قۇشۋەتكەن بولسا بۇنىڭ  ئالدىغا ئۆتىدىغان كىرگۈزگۈچ يوقتى ،
بادام كىرگۈزگۈچتىمۇ ھەقىچان يوق ،ئەڭ يامىنى بادام ئەپ بازىرىغا كىرىپلا قويسا ئەپ چۈشۋالدىغان ،ھەقسىز دەپ چۈشۈرگەن ئەپلە ھەقلىق بوپ پۇل تۇتۋالدىغان ئىشى باكە
قېنى سوۋگونىمۇ ئىشلىتىپ باقىلى  بۇمۇ بولمىسا يەنىلا نۇر بىلەن بەيدۇغا كۆچەمىز
رۇھ ۋاقتى: 2018-5-7 13:42:32
بەيدۇغا يەتمەيدىغاندەك ھىس قېلىپ
قالدىم
mahmudbahg ۋاقتى: 2018-5-7 14:24:04
anayurt123 يوللىغان ۋاقتى  2018-5-7 13:25
مۇشۇ كىرگۈزگۈچنىڭ شىاۋمى نۇسخىسىىغا قوشۇلغان بوسا ياخ ...

ئەڭ ئاۋۋال شىياۋمىيغا قوشۇلغان ئۇيغۇرچە تىل تەڭشىكى ، مەن ئۆتكەن يىل ئىشلەتكەندىن باشلاپلا سوگونىڭ شىياۋمىي بەن نۇسقىسىدا بار ئىدى بۇ ئۇيغۇرچە  ئىقتىدارى
KARWA5938 ۋاقتى: 2018-5-7 16:39:32
ياخشىمۇ سىلەر دوسلار يۇقارقى سوگو كىرگۈزگۈچ ،بارلىق يانفۇنغا ماس كىلدىكەن ھىچ قانداق قوللىمايدىغان يىرى يوق، لىكىن ماڭا يارىمىغان يىرى خەت يازغاندا ئىزدەش ئىقتىدارىنىڭ خەتلەرنى ئىزدەپ تېپىشى كۆپ خاتالىق باركەن ،يەنە بىرسى ،مەندەك بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىپ كۈنۈپ قالغان كىشلەرگە نىسبەتەن ۋاقتىنچە بەك قولايسىزلىق ئېلىپ كىلدىكەن ،لىكىن ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى دىيىشكە بولۇدىكەن ،ئۆزىمىز خالىغان چىرايلىق تېرە ھۆججىتىنى تاللاپ تەڭشەپ ئىشلەتسەك بولۇدىكەن ،بەيدۇ كىرگۈزگۈچ بىلەب سوگونىڭ خەت ئورنى ئوخشىمىغاچقا بىر نەچچە كۈن كۆنمەك قىيىندەك تۇردۇ ،مەنمۇ كۆنەلمەي يەنىلا بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتۋاتىمەن ،سوگو كىرگۈزگۈچنىڭ يەنە بىر يىتەرسىزلىكى خەت ئارلىقى تاشلىغاندا چىكىت قۇيلۇپ ماڭىدىكەن ،شۇڭا ئۆزەڭلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋىسيە قىلىمەن ،لىكىن تېما ئىگىسى بىزلەرنى يېڭى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغان قوللىرىڭىز روناق تاپسۇن ،مىنىڭ ئوپپو تىلپۇن ئىدى ،ماس كەلمەيدىغان يەرلىرنى بايقىمىدىم
ahmat861120 ۋاقتى: 2018-5-7 20:23:48
مەن 触宝输入法 نى ئىشلىتىۋاتىمەن ،ئۇ كىرگىزگۈچنىڭمۇ ئىقتىدارى ياخشى ،تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
2501005820 ۋاقتى: 2018-5-8 09:49:02
يەنىلا   بەيدۇ   نىڭ  ياخشىدەك  كۈنگەن  يامان دەپتىكەن
KARWA5938 ۋاقتى: 2018-5-8 12:03:52
يەنىلا بەيدۇ كىرگۈزگۈچ ياخشىكەن شۇ مەنمۇ سوگو كىرگۈزگۈچنى يېرىم كۈن ئىشلىتىپ پەقەت كۆنەلمىدىم ،خەت ئونى بەيدۇنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن ،ئاندىن خەتنى يېزىپ ئارلىق تاشلىغاندا چىكىت قۇيۇلۋالدىكەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە خەت يېزۋاتقاندا تاپىدىغان جۈملە سۆزلىردە خاتالىق كۆپكەن ،بىز ئىھتىياجلىق سۆزلەرنى تاپماي مۇناسىۋەتسىز باشقا جۈمۈللەرنى تاپىدىكەن ،شۇڭا بەيدۇ ئىشلەتكەنلەرنىڭ شۇ كىرگۈزگۈچنى ئۆزگەرىتمەي ئىشلىتىشنى تەۋىسيە قىلىمەن ،
dostla ۋاقتى: 2018-5-8 12:08:43
مەن يەنىلا بەيدۇنى ئىشلەتكەش تۇراي
qaq ۋاقتى: 2018-5-8 12:53:08
mahmudbahg يوللىغان ۋاقتى  2018-5-7 14:24
ئەڭ ئاۋۋال شىياۋمىيغا قوشۇلغان ئۇيغۇرچە تىل تەڭشىكى  ...

نەدىمۇ شاۋمى سىستېما كىرگۈزگۈچكە ئۇيغۇرچە قېتىلغان بولسۇن؟
خاتا كۆرۈپ قاپسىز.
uYuX ۋاقتى: 2018-5-8 16:40:29
بادام كىرگۈزگۈچ دىگىنى  بىر ئىلان تاختىيى ئىكەنغۇ،  kstv   نىڭ  ئۈزى،  نىمانچە كۆپ ئىلان ئۇ   بىر چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قالغىنىمنى بىلىمە، ئىلاندىن قۇتۇلامماي  ئاران ئۈچەگەن شۇندىن بىرى  قاراپمۇ  باقمىدىم  ،  ھازىر قانداقكى  تاڭ
مەن ئاندىروئىد بىلەن تۇنۇشقان چاغدا  
multiling  
مۇ  شۇنداراق بىر كىرگۈزگۈچ باتى  شۇنى ئىشلىتەتتتىم، قاراخان  بەيدۇ غا ئۇيغۇرچە تىرە قوشقۇزغان كۈندىن باشلاپ  شۇنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن،  
uYuX ۋاقتى: 2018-5-8 16:44:28
بەيدۇدا خەنزۇچە خەت يازساق  باشتىكى بىر خېتىنى يازساق كەينىگە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك  دائىم ئىشلىتىدىغان سۆزلەر چىقىپ تۇردۇ  ، باشقا كىرگۈزگۈچلەرمۇ چىقىدۇ  لىكىن  بەيدۇدەك  ياخشى ئەمەسكەن،
bulbulla ۋاقتى: 2018-5-8 20:10:57
بەيدۇ كىرگۈزگۈچ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى يېزىپ بولۇپ بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى باسسا باشقا خەتنى چىقىرىپ قۇياتتى ماۋۇ ئۇنداق قىلمايدىكەن، بۇنىڭغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قوشۇلغان بولسا ياخشى بولغۇدەككەن كونۇپكىلىرىدىكى ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر سىلىق ئەمەسكەن.
alim0997 ۋاقتى: 2018-5-10 07:59:34
搜狗输入法vivo版دىمۇ بار ئىكەن ،بۇ  ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى
xiabaza ۋاقتى: 2018-5-13 16:39:03
مەن سوگو كىرگۈزگۈچىنى ئىشىلىتىپ باقىتىم لىكىن بەزى سۆزلەردە ئۇلانمايىدغان مەسىللەر ساقىلىنىپتۇ،باشقا يەلىرى قۇلايىلىقكەن بوممىسا
getlir124 ۋاقتى: 2018-5-13 20:40:06
كەمچللىك كۆپ ئىكەن يەنىلا نۇر كىرگۈزگۈچكە يەتمەيدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部