+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2018-5-6 19:56 3643 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تىشلىقمۇ بۇرادەرلەر،
(بۇ يازما Linux مەشغۇلات سىستېمىسىغا Android Studio قاچىلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)


DeepinScreenshot_Desktop_20180506173351.png


JetBrains نىڭ IntellIJ Idea نى يادرو قىلغان نۇرغۇنلىغان توپلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتال يېزىش مۇھىتى (IDE) لارنىڭ قۇلايلىقىدىن پروگراممىر دوسلار ھەممىمىز ياقتۇرۇپ ئىشلىتىمىز،

مەسىلەن كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرىمىزدىن

IntellIJ Idea
Java, Kotlin, Scala, Grovy, html, css, js, ts قاتارلىق كۆپ خىل تىللارنى قوللىغان،
web, android قاتارلىق رامكىلارنى قوللىغان،

CLion
C, C++, Kotlin native قاتارلىق پروگرامما تىللىرىنى قوللىغان،

Rider
C# پروگرامما تىلىنى قوللىغان، قوشۇمچە html, css, js, ts قاتارلىق تىللارنىمۇ قوللايدۇ،
Microsoft .net core, .net, xamarin قاتارلىق سۇپىلارنى قوللايدۇ،

PHPStorm
ئاساسلىقى PHP پروگرامما تىلىنى نىشان قىلغان، ئوخشاشلا html, css, js,ts دىگەندەك تىللارنى قوللايدۇ،
PHP دا تور پروگراممىلىرىنى ئىچىشتىكى ياخشى قۇرال،

WebStorm
ئاساسلىقى مەخسۇس تور بەت ئالدى يۈزى ئۈچۈن چىقىرىلغان،
HTML, Css, Js, Ts, CoffeScript دىگەنلەرگە قوللىشى ياخشى،

RubyMine
مەخسۇس Ruby ئۈچۈن چىقىرىلغان

PyCharm
مەخسۇس Python ئۈچۈن چىقىرىلغان،

GoLand
Go پروگرامما تىلى ئۈچۈن چىقىرىلغان،

DataGrip
مەخسۇس RDBMS ساندان سىستېمىلىرىدا SQL جۈملىسى لايىھەلەش ئۈچۈن چىقىرىلغان،
ھىساپتا ساندان باشقۇرۇش سىستېمىسى دىسەكمۇ بولىدۇ،

Android Studio
بۇنى دىمىسەكمۇ بولار، ھەممىمىز ئىنىق بىلىمىز


قاچىلاشنى باشلاپ كەتتۇق،
Linux دا JetBrains ئائىلىسى يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلاش ئىنتايىن ئاددىي،

1. ئورگان تەرەپتىن ۋە باشقا مەنبەلەردىن intellij Idea ئائىلىسى ئەزالىرىدىن خالىغان بىرىنى چۈشۈرۈپ ئۆزىڭىز خالىغان مۇندەرىجىگە قويۇپ پىرىستىن يىشىۋىلىڭ (/opt مۇندەرىجىسى تەۋسىيە، ئەگەر يېڭى باشلىغۇچى بولسىڭىز ياكى linux بۇيرۇقلىرىغا پىششىق بولمىسىڭىز ئۆزىڭىز ئۆچۈرۈپ سالمايدىغان بىرەر يەرگە يىيىۋالسىڭىز بولىۋىرىدۇ)

DeepinScreenshot_dde-file-manager_20180506173919.png

پىرىستىن يىيىپ بولغاندىن كىيىن bin مۇندەرىجىسىگە كىرىڭ (Idea ئائىلىسى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، bin مۇندەرىجىسى ئىچىدە)
ئاندىن ئىچىدىن ئۆزىڭىز نۆۋەتتە قاچىلاۋاتقان IDE نىڭ ئىسمى بىلەن يىزىلغان sh ھۆججىتىنى تىپىڭ،
مەسىلەن:

IntellIJ Idea -> idea.sh
Rider -> rider.sh
Android Studio -< studio.sh
CLion -< clion.sh
...........



ئاندىن تېرمىنالنى مۇشۇ مۇندەرىجىدە قوزغىتىپ يۇقارقىدىكى sh ھۆججىتىنى قوزغىتىڭ، مەسىلەن clion.sh نى قوزغىتىش ئۈچۈن ./clion.sh نى يۈرگۈزسىڭىز بولىدۇ (android studio ئۈچۈن ./studio.sh)

  1. ./clion.sh

  2. #./studio.sh
  3. #./idea.sh
  4. #./rider.sh
  5. #..............
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


DeepinScreenshot_deepin-terminal_20180506173948.png

ئۆزىمىز ئىشلەتكەن IDE نىڭ قائىدىسى ۋە ئۆزىمىز قاراپ كىيىنكى قەدەم نى چىكىپ داۋاملاشتۇرىمىز،


داۋاملاشتۇرۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئۈستەل يۈزى ۋە Dock panel غا سىنبەلگە قۇرۇش توغۇرلۇق بەتكەن ئۆتىدۇ،
ئاستىدىكى for ass users (بارلىق ئەزالار ئۈچۈن) تۈرىگە بەلگە قويۇپ داۋاملاشتۇرىمىز

DeepinScreenshot_select-area_20180506174112.png

ئاندىن root ھوقوقى سورايدۇ،
پارولىمىزنى كىرگۈزۈپ ھوقوق بىرىمىز،

DeepinScreenshot_select-area_20180506174135.png

ھوقوق بىرىپ بولدۇق،
قوزغالغاندىن كىيىن Configure (سەپلىمە) تىزىملىكىگە قارىساق تۆۋەندىكىدەك تىزىملىكنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز،
بۇ يەردىنمۇ ئوخشاشلا خالىغان ۋاقىتتا سىن بەلگە قۇرۇشقا بولىدۇ،

DeepinScreenshot_select-area_20180506174230.png

Dock panel غا قاراپ باقايلى

DeepinScreenshot_select-area_20180506174257.png


ئەمدى تېرمىنالنى ۋە ماۋۇ IDE نى تاقاپ كىيىنكى قىتىمدىن باشلاپ سىن بەلگە بىلەن قوزغاتسىڭىز بولىدۇ،


Android Studio نى قاچىلاشمۇ بارلىق جەريانلىرى ئوپمۇ-ئوخشاش.

تامام.
غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

1ئادەم ئىنكاس يازدى

1760998027 ۋاقتى: 2018-5-8 08:12:02
JetBrains ئائىلىسىنى مۇشۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ خېلى چۈشنىپ قالدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部