+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2018-5-6 02:01 3152 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-5-6 14:49  

تىشلىقمۇ بۇرادەرلەر،

بىز بۇ قىتىم Linux قا MySql نى بىللە قاچىلايمىز،
مەسىلىلەرنى بىللە ھەل قىلىمىز.

ئالدىنقى قىتىملىق يازمامنى بىر كۆرۈپ ئۆتۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن،
بۇ قىتىم بىز ئورگان تەرەپنىڭ تور بىتىدىن MySql نىڭ تورسىز قاچىلاش بولىقىنى چۈشۈرۋىلىپ تورسىز قاچىلايمىز، (بۇ يازمىدىكىسى debian نى يادرو قىلغان linux نەشىرلىرىگە ماس كىلىدۇ، يەنى deepin, ubuntu قاتارلىقلار.)

ئۇنداقتا ئىزدەش ماتورىدىن MySql دەپ ئىزدەپ ياكى بىۋاستە https://www.mysql.com/ غا چىقىپ Download (چۈشۈرۈش) دىگەن تىزىملىكتىن چۈشۈرۈش بىتىگە ئۆتۈڭ،

DeepinScreenshot_select-area_20180505223220.png

بىزنىڭ قاچىلايدىغىنىمىز MySql Community server، يەنى MySql نىڭ بۇ نۇسقىسى ھەقسىز، ھەم بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن تامامەن چىقىدۇ،

DeepinScreenshot_select-area_20180505224300.png

ئاندىن چۈشۈرۈش بىتىنى ئازراق ئاستىغا سىيرىپ تۆۋەندىكىدەك تاللاپ داۋاملاشتۇرۇڭ
ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز Ubuntu بولسا سىستېما نەشىرى تاللايدىغان يەردىن Ubuntu Linux نى تاللىسڭىز بولىدۇ، deepin بولسا debian نىڭ بىر تارماق نۇسقىسى ھىساپلىنىدۇ، ھەم مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىممۇ شۇ بولغاچ شۇڭا مەن تۆۋەندىكىدەك تاللاپ چۈشۈردۈم،
ئەركەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى چوقۇم چۈشۈرگەندە X86, X64 نەشىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ چۈشۈرۈڭ، مەشغۇلات سىستېمىڭىزغا ماس بولغاننى قاچىلاڭ، (مىنىڭ سىستېمام x64 بولغاچ مەن تۆۋەندىكىدەك تاللىدىم،)
بىزنىڭ چۈشۈرگىنىمىز MySql نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى، يەنى 8.0 نەشىرى، ئەگەر 5.6 دىگەندەك بۇرۇنقى نەشىرلىرىگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز رەسىمدىكى كۆك رەڭدە بوياپ قويغان يەردىن تاللىسڭىزمۇ بولىدۇ،





يۇقارقىدەك قىلغاندىن كىيىن بىر دانە tar.gz ھۆججىتى چۈشۈشكە باشلايدۇ،

چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى پىرىستىن يىشىڭ،

DeepinScreenshot_dde-file-manager_20180505230042.png

ئىچىگە كىرسىڭىز مۇنۇ ھۆججەتلەرنى كۆرىسىز،

DeepinScreenshot_dde-file-manager_20180505230058.png

ئەمدى بىز مۇشۇ ھۆججەتلەرنى قاچىلاپ كەتسەك بولىدۇ،

تېرمىنالدىن مۇشۇ يەردە ئىككىنى قوزغىتىڭ (مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ Open in terminal نى) (ياكى تېرمىنالنىڭ نۆۋەتتىكى فۇكۇس نۇقتىسىنى مۇشۇ مۇندەرىجىگە ئەكىلىڭ)
ئاندىن بىرسىدە ls نى يۈرگۈزۈپ ھۆججەت تىزىملىكلىرىنى چىقىرىپ قويۇڭ،

DeepinScreenshot_select-area_20180505230353.png

ئەمدى sudo dpkg -i xxxx.deb بۇيرۇقى ئارقىلىق deb فورماتىدىكى بوغچىلارنى قاچىلىساق بولىدۇ،
بۇ بوغچىلارنى قاچىلاش تەرتىپى تۆۋەندە بىرىلدى،




  1. sudo dpkg -i mysql-common_xxxx.deb
  2. sudo dpkg -i libmysqlclient_xxxx.deb
  3. sudo dpkg -i libmysqlclient-dev_xxxx.deb
  4. sudo dpkg -i mysql-community-client-core_xxxx.deb
  5. sudo dpkg -i mysql-community-client_xxxx.deb
  6. sudo dpkg -i mysql-community-server-core_xxxx.deb
  7. sudo dpkg -i mysql-community-server_xxxx.deb
  8. sudo dpkg -i mysql-server_xxxx.deb
  9. sudo dpkg -i mysql-client_xxxx.deb
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش




يۇقارقى ھۆججەتنىڭ ئىسمىدىكى xxxx نىڭ بىلدۈرىدىغىنى شۇ linux نۇسقىسى ۋە قانچە بىتلىق ئىكەنلىكى دىگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ،ئۇنداقتا بىز مۇشۇ تەرتىپ بويىچە قاچىلاشنى باشلايلى،

DeepinScreenshot_Desktop_20180505232502.png

DeepinScreenshot_Desktop_20180505232513.png

ئەگەر mysql-community-server_8.0.11-1debian9_amd64.deb نى قاچىلاش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك خاتالىق چىقىۋىلىپ ئۆتمەي تۇرىۋالسا

DeepinScreenshot_deepin-terminal_20180505232253.png

دىيىلگەندەك sudo apt-get install libmecab2 ئارقىلىق libmecab2 نى قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ، (دىققەت، بۇ يەردە قاچىلاش ئۈچۈن تور بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەمما بۇ كىچىككىنە ئامبارنىڭ چوڭلۇقى 200kb قىمۇ يەتمەيدۇ)

DeepinScreenshot_deepin-terminal_20180505232937.png

يۇقارقىدەك mysql-community-server_8.0.11-1debian9_amd64.deb نى قاچىلىغاندا تۆۋەندىكىدەك root پارولىنى تەڭشىۋىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە پارولنى قانداق پارول بىلەن قوغداش ئۇسۇلى دىگەنلەرنى تەڭشەشنى ئەسكەرتىدۇ، ئۇلارنى سۈكۈتتىكى قىممىتى پىتى تاللاپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىۋىرىدۇ،
دىققەت، بۇ يەردىكى كىرگۈزگەن پارولنى يادىڭىزدا چىڭ تۇتۇڭ، كىيىن مۇشۇ پارول بىلەن ساندانغا ئۇلىنىسىز.
سۈكۈتتە ئەزالىق نامى root بولىدۇ،

DeepinScreenshot_deepin-terminal_20180505232121.png

DeepinScreenshot_deepin-terminal_20180505232146.png

DeepinScreenshot_deepin-terminal_20180505232158.png

داۋاملاشتۇرغاندىن كىيىن تېرمىنال ھالەتكە قايتىپ قاچىلاش تاماملىنىدۇ، بىز داۋاملىق ئاۋۇ قاچىلاش تىزىملىكىدىكى كەينىدىكى بىر نەچچە بوغچىنى داۋاملىق قاچىلىۋىتەيلى،
يەنى
  1. sudo dpkg -i mysql-server_xxxx.deb
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


بىز MySql نى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلىۋالدۇق،
ئەمدى ئۇلىنىپ كۆرۈپ باقايلۇق،

mysql -uroot -p
نى تېرمىنالدا يۈرگۈزۈڭ، ئاندىن پارول تەلەپ قىلىدۇ، بايامقى MySql نى قاچىلىغاندىكى تەڭشىگەن پارول بىلەن كىرىڭ،


DeepinScreenshot_deepin-terminal_20180505233941.png

گۈزەل!
قاچىلاش تامام،

ئەمدى مەن تېمىنىڭ بىشىدا پوچىلام قىلىپ تورسىز قاچىلاش دەپ قويۇپتىكەنمەن...
ئەمما يەنە ماۋۇ سانداننىڭ libmecab2 دىگەن نەرسىگە تايىنىدىغىنى نىم بىلەي...
تەۋسىيەلىك ئۇسۇل پەقەت بولمىسا تېلېفونىڭىزنىڭ تورىنى ھەمبەھىرلەپ تۇرۇپ قاچىلىۋىلىڭ ئاندىن ھەقىقى يازمىنىڭ تېمىسىغا يۈز كىلەلىشىمىز ئۈچۈن libmecab2 نىڭ قاچىلاش بولىقىنى كۆچۈرۈپ ئىلىپ ساقلىۋالايلۇق،
شۇنداق بولغاندا كىيىنكى قىتىم قاچىلىغاندا توردىن قاچىلىمىساقمۇ ھازىر ساقلىۋانغان deb بوغچىسىنى sudo dpkg -i بىلەن قاچىلىۋەتسەك بولىدۇ، يازمىنىڭ تېمىسىغا ھەقىقى يۈز كىلەلەيمىز،



ئۇنداقتا libmecab2 نىڭ قاچىلاش بولىقىنى قانداق ساقلىۋالىمىز؟
ئادەتتە بىز apt-get بىلەن قاچىلىغان يۇمشاق دېتاللار توردىن كومپىيۇتېرغا چۈشكەندىن كىيىن قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىنمۇ كومپىيۇتېردا cache ھۆججەت بولۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ، بىز پەقەت ساقلىنىپ قالغان مۇندەرىجىسىنى ئىچىپ شۇ يەردىن كۆچۈرۈپ ئىلىۋالساقلام كۇپايە،


ئۇنداقتا apt-get نىڭ cache مۇندەرىجىسى نەدە؟
جاۋاپ /var/cache/apt/archives


ئۇنداقتا بىز مۇشۇ مۇندەرىجىنى ئىچىپ كۆرۈپ باقايلى ۋە مۇشۇ ھۆججەتلەر ئارىسىدىن ئۆزىمىزگە لازىملىقىنى كۆچۈرۈپ چىقىۋالايلى


DeepinScreenshot_dde-file-manager_20180505234802.png

سىزگە دىسەم deepin نىڭ ئەپ دۇكىنى (ئىچكى قىسىمدا apt-get نى يۆتكەپ ئىشلىتىدۇ)، apt-get ئارقىلىق قاچىلىغان يۇمشاق دېتاللار ھەممىسى مۇشۇ يەرگە چۈشۈرىلىدۇ، بىز بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قاچىلىغان ھەر قانداق بىر يۇمشاق دېتالنىڭ قاچىلاش بولىقىنى ئىلىۋالالايمىز.
مەن تۆۋەندە كۆچۈرۈپ ئىلىپ Mysql نىڭ ھۆججەتلىرى ئىچىگە قويۇپ قويدۇم،
ئەمدى كىيىنكى قىتىم بۇنى قاچىلاشنى تەلەپ قىلغاندا مەن sudo dpkg -i libmecab2_0.996-3.1_amd64.deb نى يۈرگۈزۈش ئارقىلىقلا قاچىلىۋالسام بولىدۇ، تورمۇ كەتمەيدۇ،

DeepinScreenshot_dde-file-manager_20180505234831.png

ئۇنداقتا قاچىلاش مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى،
Linux ۋە ساندانغا ئالاقىدار باشقا يازمىلىرىمنى قالدۇرۇپ قوياي:
MySql دا كودلاش شەكلىنى UTF8 گە ئۆزگەرتىش
ئۇيغۇرچە ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى Linux deepin
linux مەشغۇلات سىستېمىسىغا java jdk قاچىلاش
ساندان توغۇرلۇق بىلجىرلاپ باقامدۇق؟
ئىستىراتىگىيە پروگرامما يېزىشتىن مۇھىم
قايسى پروگرامما تىلىنى ئۈگىنىش كىرەك؟ قانداق ئۈگىنىش كىرەك؟
Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا كونۇپكا تاختىسىنىڭ چىرىقىنى يورۇتۇش

غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

3ئادەم ئىنكاس يازدى

Machine_Cat ۋاقتى: 2018-5-6 18:58:02
接着写一个脚本存好,应该更好用了
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-5-6 19:21:45
Machine_Cat يوللىغان ۋاقتى  2018-5-6 18:58
接着写一个脚本存好,应该更好用了

MySql نىڭ ھەر خىل نەشىرلىرىدە deb بوغچىلارنىڭ ئىسمى ئوخشىمايدۇ ھەم تەمىنلىگەن ھۆججەتلەرنىڭ سانىمۇ ئوخشىمايدۇ،
ئەمما سىز دىگەندەك قىلىۋالسىمۇ قۇلاي،

ئەمما يەنە ئەمما سىز چوقۇم بىرلا سىكرىپىت بىلەن ھەممىسى چوقۇم بولىدۇ دەپ كاپالەتلىك قىلالمايسىز،
يازمىدا دىيىلگەندەك بۇ بوغچىلار تايىنىدىغان باشقا بوغچىلار بولىشى مۇمكىن، ئۇلارنى ئۆزىمىز قولىمىز بىلەن قاچىلىشىمىز كىرەك،

بۇ بوغچىلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان تايىنىشچانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ بولغىلىمۇ بولمايدىغان بىر مۈشكۈل مەسىلە،

بىز ھازىر deepin دا بۇنى بۇنداق قاچىلىغان بولساق ubuntu دا يېڭىدىن باشقا تايىنىدىغان، توقۇنىشىدىغان بوغچىلار چىقىشى مۇمكىن

ئەمما Linux بۇيرۇقلىرىغا پىششىق بولۇپ كەتكەندىن كىيىن سىز دىگەندەك قىلىۋىلىشمۇ ياخشى ئامال.
1760998027 ۋاقتى: 2018-5-8 08:09:51
windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا MySql نى تورسىز قاچىلىغىلى بۇلامدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部