+تېما يوللاش
nurjan11 يوللانغان ۋاقتى:2018-5-5 15:26 4501 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نۆۋەتتە كۆپ قىسىم يانفون شىركەتلىرىنىڭ مەشخۇلات سىستېمىلىرى ئاندىرويىدنى ئاساس قىلىدۇ، ئەگەر گۇگول ئاندىرويىد سىستېمىسىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى توختاتسا دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يانفونلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولامدۇ؟ ئەلى بابا تەتقىق قىلغان YunOS زادى دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلغان مەشغۇلات سىستېمىسى ھېسابلىنامدۇ؟ ئۇنىڭ ئاندىرويىد، MIUI، Flyme قاتارلىقلار بىلەن نېمە پەرقى بار؟
ئاندىرويىد كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇشلۇق. ئاندىرويىد گۇگول linux ئاساسىدا تەتقىق قىلغان ئېچىۋېتىلگەن سىستېما، ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەنلىكى بولۇپ، كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىككىنچى قېتىم ئۆزگەرتسە ۋە ئۆزلەشتۈرسە بولىدۇ، شۇڭا دۆلىتىمىزدىكى MIUI، Flyme، EMUI قاتارلىق ئاندىرويىد ئاساسىدىكى سىستېمىلار ئەسلى كودنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. شۇڭا دۆلىتىمىزدىكى ئۈچىنچى تەرەپ ROM لىرىنى ئەمەلىيەتتە «چىرايلىق كىيىنگەن» ئاندىرويىد سىستېمىسى دېگەن تۈزۈك.
ئەلى بابانىڭ YunOS سىستېمىسى linux ئاساسىدا تەتقىق قىلىنغان، شۇڭا تۆۋەن قاتلىمى ئاندىرويىد بىلەن ئوخشاش، YunOS سىستېمىسىغا ئەلى بابانىڭ مەۋھۇم ماشىنىسى ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا ئەلى بابا ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلغان رامكا قوللىنىلغان. ئەمەلىيەتتە مەشخۇلات سىستېمىسى تەتقىق قىلىش قىيىن ئەمەس، قىيىن بولغىنى ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلىش، شۇڭا ئەلى بابانىڭ YunOS سىستېمىسىدىكى مەۋھۇم ماشىنا ئاندىرويىدنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى قوللايدۇ.
گەرچە YunOS سىستېمىسى ھەر جەھەتتىن ئاندىرويىدنى ئۆرنەك قىلغان دەپ قارالسىمۇ، لېكىن YunOS بىلەن ئاندىرويىد پۈتۈنلەي تەڭداش مۇناسىۋەتتە. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۇگول دۆلىتىمىز يانفون شىركەتلىرىگە ھوقۇق بېرىشنى توختاتسا، ئىشىنىمىزكى دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلغان YunOS بۇ بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ.
تىڭشۈن تورى خەۋىرى ،
1525505118589.jpg

3ئادەم ئىنكاس يازدى

WANDAY ۋاقتى: 2018-5-5 20:24:50
ھازىرقى ئىشلىتۋاتقان شىياۋمى ۋىۋو دىگەندەك يانفۇنلارغا قاچلىغلى بولامدۇ ياكى يانفۇن ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ
mahmudbahg ۋاقتى: 2018-5-7 00:58:24
WANDAY يوللىغان ۋاقتى  2018-5-5 20:24
ھازىرقى ئىشلىتۋاتقان شىياۋمى ۋىۋو دىگەندەك يانفۇنلار ...

شىياۋلاجىياۋ بىلەن مىيزۇنىڭ سىسىتىمىسى دەل yunos سىستېمىسى شۇ ، بىرلا قارىسىڭىز ئاندىرويىدتىن قىلچە پەرقى يوقلىقىنى ھىس قىلىسىز ئەمما باشقا گەپلەر تىمىدا دىيىلگەندەك
، yun osنى روتلىغىلى بولمايدۇ ، بىخەتەرلىكى خىلى ياخشى
mahmudbahg ۋاقتى: 2018-5-7 00:59:28
WANDAY يوللىغان ۋاقتى  2018-5-5 20:24
ھازىرقى ئىشلىتۋاتقان شىياۋمى ۋىۋو دىگەندەك يانفۇنلار ...

بارلىق ئاندىرويىد ئەپلىرىنى قوللايدۇ ، ھىساپتا ئىككىسىنىڭ يادرولۇق ھۆججەتلىرى ئوخشاپ كىتىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部