+تېما يوللاش
يۇمشاق دېتال يوللانغان ۋاقتى:2018-5-5 06:13 3217 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-5-5 06:16  

تىشلىقمۇ ئاغىنىلەر،

Java development kit يەنى Java پروگرامما ئىچىش مۇھىتىنى تۆۋەندە قىسقارتىپ JDK دەپ ئالىمەن.

Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا Android پروگراممىلىرىنى يېزىش، Java, Kotlin دا مۇلازىمىتىردا يۈرگۈزىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى يېزىش قۇلايلىق، بىزدەك كۆنۈپ كەتكەنلەرگە نىسبەتەن Linux نىڭ تېرمىنالى قۇلايلىق، ھەم مۇلازىمىتىرمۇ كۆپۈنچە Linux مەشغۇلات سىستېمىلىق بولغاچقا بۇ تۈردىكى پروگراممىرلارغا نىسبەتەن Linux ئۈستىدە پروگرامما ئىچىش نىسبەتەن ياخشى تاللاش ھىساپلىنىدۇ،

ھەم Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا JVM دا ئىجرا بولىدىغان پروگراممىلار ياخشى ئىجرا بولالايدۇ،
مەسىلەن ئوخشاش بىر سەپلىمىلىك كومپىيۇتېردا Windows ۋە Linux ئۈستىدە ئوخشاش بىر JVM پروگراممىسىنى يۈرگۈزگەندە Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا بىر قەدەر راۋان يۈرگۈزۈلۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ،

ئاددىيلاشتۇرساق Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا Java, Kotlin ۋە باشقا JVM دا ئىجرا بولىدىغان پروگرامما تىللىرىدا يىزىلغان يۇمشاق دېتاللارنى يۈرگۈزگەندە Windows قا قارىغاندا بىر قەدەر مۇقىم ھەم راۋان ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيمىز، (مەسىلەن IntellIJ Idea, PHPStorm, WebStorm, AndroidStudio قاتارلىقلار...)

مەسىلەن Android Studio نى Windows دا يۈرگۈزگەندە build قىلىشقا نۇرغۇن ۋاقىت كىتىدۇ، ھەم Android Studio بىر قەدەر راۋان ئىشلەپ كىتەلمەيدۇ، ئەمما Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا قىتىپ قىلىش، ئىغىرلىشىپ كىتىش دىگەندەك ئەھۋاللار Windows دەك ئۇنچە كۆپ ۋە ئىغىر بولۇپ كەتمەيدۇ، پىقىرمۇ Android نى Linux ئۈستىدە يېزىشقا ئامراق،
ھىساپتا سىز Linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا Android Studio ئىشلەتسىڭىز Mac os دىكى راۋانلىقنى ھىس قىلالايسىز.

ئالدىنقى قىتىملىق يازمىلاردا دوسلار Linux قا JDK قاچىلاش توغۇرلۇق ياردەم سورىدى،

ئارىدىن جاۋاپ بەرگۈدەك ۋاقىت ئاجرىتىپ بولالمىدىم،
بۈگۈن Deepin نى قايتا قاچىلاپ مۇشۇ باھانىدە JDK قاچىلايدىغاندا JDK قاچىلاش جەريانىنى يازما قىلىپ يوللاشنى لايىق كۆردۈم

باشقىلارنىڭ قارىشىچە linux قا يۇمشاق دېتال قاچىلاش مۈشكۈل ئىشلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ، (دىمىسىمۇ windows, mac os x لارغا سىلىشتۇرغاندا ئاۋارچىلىق)، ئەمما تەس ئەمەس،
سىز پەقەت ئەسلى ماھىيىتىنى بىلىۋالسىڭىزلا تەس ئەمەس،

ئۇنداقتا بىر نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى،
Linux قا JDK نى قانداق قاچىلايمىز؟ ماھىيىتى نىمە؟
-- Jdk نىڭ بارلىق ئىجرا ھۆججەتلىرىنى كومپىيۇتېرنىڭ مەلۇم بىر يىرىگە قويۇش، يەنى JDK نى سىستېمىڭىزنىڭ مەلۇم بىر يىرىگە كۆچۈرۈپ قويۇش خالاس، سىز ئەمەلىيەتتە Linux قا JDK قاچىلاشنى ھۆججەت كۆچۈرۈپ قويغاندەك بىر ئىش دەپلا چۈشەنسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.

Linux قا يۇمشاق دېتال قاچىلاشنىڭ 3 خىل ئۇسۇلى بار، (JDK نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
1. توردىن ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بوغچا باشقۇرغۇچ (Package manager) نىڭ بۇيرۇقى ئارقىلىق قاچىلاش، بۇ خىل ئۇسۇلدا كومپىيۇتېرىڭىزدا تور بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ھەر خىل Linux نۇسقىلىرىدا بۇ بۇيرۇق ھەر خىل بولىشى مۇمكىن، مەسىلەن Debain نى يادرو قىلغان Linux نۇسقىلىرىدا ئاساسەن بىردەك apt-get بۇيرۇقىنى ئىشلىتىمىز،
مەسىلەن ubuntu, deepin قاتارلىق linux نۇسقىلىرىدا sudo apt-get install xxxx بۇيرۇقى ئارقىلىق قاچىلايمىز، red hat, cent os نۇسقىلىرىدا yum install xxxx بۇيرۇقى ئارقىلىق قاچىلايمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مەشغۇلات سىستېمىمىزدا قاچىلىماقچى بولغان يۇمشاق دېتالنىڭ linux يۇمشاق دېتال مەنبەسى(يۇمشاق دېتال مەنبەسىنى ھىساپتا شۇ يۇمشاق دېتالنىڭ تەپسىلاتى، ياسىغۇچى تەرەپ، نەشىر ھوقوقى ئۇچۇرلىرى، چۈشۈرۈش ئادېرسى قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن بىر ئادېرىس دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ، بىز مەنبە نى سىستېمىغا تىزىملىۋەتكەندىن كىيىن سىز تېرمىنال ئارقىلىق مۇشۇ يۇمشاق دېتالنى بىۋاستە بۇيرۇق بىلەنلا قاچىلىيالايسىز، سىزنىڭ تور كۆرگۈچنى ئىچىپ ئورگان تەرەپكە چىقىپ ۋە ياكى ھىچقانداق ھۆججەت چۈشۈپ دىگەندەك ئىشلارنى قىلىشىڭىز ھاجەتسىز، پەقەت بىر قۇر بۇيرۇق بىلەنلا سىز قاچىلىماقچى بولغان يۇمشاق دېتالنى قاچىلىيالايسىز، يەنە بۇ ئۇسۇلدا مۇرەككەپ بولغان تايىنىش مۇناسىۋىتى (Dependency) لارنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئازراق ئۇچرىغىلى بولىدۇ) تىزىملاقلىق بولىشى كىرەك،
ئارتۇقچىلىقى:
ئەگەر سۈكۈتتە سىستېمىڭىزدا بۇ يۇمشاق دېتال مەنبەسى بولۇپ قالسا ھەم كومپىيۇتېرىڭىزدا تور بولسا ھەم قاچىلىماقچى بولغان يۇمشاق دېتال كىچىك سىغىملىق بولۇپ قالسا بۇ خىل ئۇسۇل ئىنتايىن چاققان ۋە قۇلايلىق، بىز كۆپۈنچە ئۇششاق چۈششەك دائىم ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەنلا قاچىلاپ نۇرغۇن ئاۋارچىلىقنى تۈگىتىمىز،
مەسىلەن apt-get install adb, apt-get install virtualbox .... دىگەندەك،
كەمچىللىكى:
ئادەتتە بۇ بىرىنچى خىل ئۇسۇلنى ئىشلەتكەندە كومپىيۇتېرىڭىزدا تور بولىشى كىرەك، ئەگەر يۇمشاق دېتال مەنبەسى تىزىملاقلىق بولمىسا يۇمشاق دېتال مەنبەسىنى سىستېمىڭىزغا قوشۇشىڭىز كىرەك،

2. يۇمشاق دېتالنىڭ ئەسلى كودى ئارقىلىق قاچىلاش،
بۇ خىل ئۇسۇلدا يۇمشاق دېتالنى تارقاتقۇچى تەرەپ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەسلى كودىنىلا تەمىنلەيدۇ، بىز شۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەسلى كودىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۆزىمىز تەھرىر-تەرجىمە (Compile) دىن ئۆتكۈزۈپ ئۆزىمىز لازىملىق ئىجرا ھۆججىتىنى ھاسىللايمىز (مەسىلەن redis نىڭ بىۋاستە ئىجرا ھۆججىتىنى تەمىنلىمىگەن، ئەسلى كودى بىلەن قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ)
ئارتۇقچىلىقى:
ئادەتتە بۇ شۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەسلى كودىنى تەتقىق قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان پروگراممىرلارغا ئىنتايىن قۇلايلىق، چۈنكى بىۋاستە ئەسلى كودى تەمىنلەنگەن،
كەمچىللىكى:
ئەگەر سىز بۇ يۇمشاق دېتالنى تەتقىق قىلماقچى بولمىسىڭىز بۇ سىزگە نىسبەتەن ئاۋارچىلىق تۇيۇلىدۇ،
ھەتتا بەزى پروگراممىلارنىڭ ئەسلى كودىنى تەھرىر-تەرجىمە(compile) قىلىش ئۈچۈن سىز نۇرغۇنلىغان قوشۇمچە ئامبار(library)، قوشۇمچە باشقا مۇھىتلار (مەسىلەن python مۇھىتى(ئەمما python مۇھىتى linux دا سۈكۈتتە تەييارلانغان)، gcc, g++, clang, clang++ ۋە باشقا باشقا...) نى قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ، تىخى نۇرغۇن خاتالىقلارغا يولۇقىسىز،
كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمىسى يۇقىرى بولمىسا كىچىككىنە نەچچە 10 مىگابايىتلىق بىر يۇمشاق دېتالنى سائەتلەپ تەھرىر-تەرجىمە(compile) قىلىسىز، (مەسىلەن node.js, php)
ئادەتتە كەسپىي شۇ يۇمشراق دېتالنى تەتقىق قىلمىساق ۋە ئالاھىدە باشقا تاللىشىمىز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بولمىساق بۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتمەيمىز،

3. بىۋاستە ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ئىجرا ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈپلا قاتتىق دىسكىنىڭ مەلۇم بىر مۇندەرىجىسىگە پىرىستىن يىشىپلا ئىجرا قىلىش (ۋە ياكى ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ھەر قايسى linux نەشىرلىرى ئۈچۈن تارقاتقان قاچىلاش بولىقىنى چۈشۈرۈپ شۇ ئارقىلىق قاچىلاش، مەسىلەن ubuntu, deepin لارنىڭ deb فورماتىدىكى بوغچا ھۆججىتى (package) دىن قاچىلاش، ۋە ياكى ئورگان تەرەپ ئۆزى ياسىۋالغان قاچىلاش بولىقى ئارقىلىق قاچىلاش)
يەنى بۇ ئۇسۇلدا ئادەتتە شۇ يۇمشاق دېتالنى ياسىغۇچى تەرەپ ئۆزى ئىجرا ھۆججەتلىرىنى zip, tar.gz فورماتلىرىدا پىرىسلاپ چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيدۇ، بىز چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىپلا ئىشلەتسەك بولىۋىرىدۇ
ياكى شۇ يۇمشاق دېتالنى شۇ linux نەشىرى ئۈچۈن قاچىلاش بوغچىسى قىلىپ تەمىنلەيدۇ، يەنى يۇقارقىدا ئىيتىلغاندەك deb فورماتىدىكى يۇمشاق دېتاللارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
ياكى ئۆزى مەخسۇس تۈزىۋالغان قاچىلاش بوغچىلىرى بىلەن قاچىلاش.
ئارتۇقچىلىقى:
ئىنتايىن چۈشىنىشلىك، تور كەتمەيدۇ، پەقەت توردىن بىر قىتىم چۈشۈرۋىلىپ ساقلىۋالساق كىيىن لازىم بولغاندا تورسىز ھالەتتە قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ،
مەسىلەن JDK, .Net Core SDK, Android Studio, IDEA .......... دىگەندەك ئىنتايىن كۆپ سانلىق يۇمشاق دېتاللار tar.gz فورماتىدا پىرىسلىنىپ چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىدۇ.
مەسىلەن MySql, VirtualBox... دەك كۆپۈنچە يۇمشاق دېتاللارمۇ ماس linux نۇسقىلىرى ئۈچۈن قاچىلاش بوغچىسى تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن debian نى يادرو قىلغان linux نۇسقىلىرىدىكى deb فورماتىدىكى يۇمشاق دېتال بوغچىسى.
مەسىلەن VmWare Workstation, QT لار ئۆزىنىڭ مەخسۇس تۈزىۋالغان قاچىلاش پروگراممىسىنى تەمىنلەيدۇ،



بىز JDK قاچىلاشتا بۇ يازمىدا 3. خىل ئۇسۇلنى قوللىنىمىز،
ئەگەر يۇقارقى مۇرەككەپ گەپلەرنى چۈشەنمىسىڭىز ھىچقىسى يوق، مۇشۇ يەردە ئۇنتۇپ كىتىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ،

(ئادەتتە بەزى Linux نۇسقىلىرىدا مەشغۇلات سىستېمىسىدا سۈكۈتتە OpenJDK نى تەمىنلىگەن بولىدۇ، ئەگەر تەمىنلىگەن بولسا سىزنىڭ يەنە ئايرىم قاچىلىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئەگەر سىستېما تەمىنلىگەن OpenJDK نىڭ نەشىرى بىر ئاز تۆۋەن بولۇپ قالسا ياكى ئۆزىڭىز يۇيۋەتمەكچى بولسىڭىز قول سىلىپ بۇيرۇق بىلەن يۇيۋىتىشىڭىز كىرەك، ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز  debian نى يادرو قىلغان apt-get بوغچا باشقۇرغۇچنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز (مەسىلەن ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز deepin, ubuntu لار بولسا) sudo apt-get purge openjdk* بۇيرۇقى ئارقىلىق يۇيۋەتسىڭىز بولىدۇ)

DeepinScreenshot_select-area_20180505025538.png

بىز ئىشلارنى بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن باشلايلى،

1. Jdk نى چۈشۈرۈش

Oracle نىڭ تور بىتى https://www.oracle.com/index.html نى ئىچىپ Menu -> Java -> JavsSE نى چىكىڭ
(تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك) (Java SE نىڭ تولۇق يىزىلىشى "Java Standard Edition" يەنى "Java ئۆلچەملىك نۇسقىسى"، ھەقسىز، ھەم بىزنىڭ ھەر قانداق ھاجىتىمىزدىن تولۇق چىقىدۇ.)

DeepinScreenshot_select-area_20180505025846.png

ئاندىن ئىچىلغان بەتنى ئازراق ئاستىغا سىيرىپ Java Platform Standard Edition نى چىكىڭ (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)

DeepinScreenshot_select-area_20180505030142.png

ئاندىن تۆۋەندىكى بەتتىن Downloads (چۈشۈرۈلمىلەر) نى چىكىپ چۈشۈرۈش بىتىگە ئۆتۈڭ

DeepinScreenshot_select-area_20180505030730.png

بۇ يەردە ئەڭ يېڭى JDK نەشىرلىرى بار، مىنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم Jdk8, ھەم نۇرغۇن java پروگراممىلىرى jdk9, 10, 11 لاردا نۇرمال سىغىشالمىغانلىقى ئۈچۈن مەن jdk8 نى تەۋسىيە قىلدىم،
شۇڭا بەتنى ئاستىغىراق سىيرىپ jdk8 نى تاللاڭ، يەنى تۆەندىكى رەسىمدىكىدەك

DeepinScreenshot_select-area_20180505031002.png

دىققەت، بۇ يەردە ئاۋال Accept Licence Agreement (ئىجازەتنامە كىلىشىمىگە قوشۇلۇش) نى تاللاپ بەلگە ئۇرىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن كىيىن ئاستىدىكى چۈشۈرۈش نى چىكىڭ،
(بۇ يەردە ھەل خىل مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا تەمىنلەنگەن JDK نەشىرلىرىنى كۆرەلەيمىز، يەنى Windows, Mac os ۋە arm-linux نەشىرلىرىنىمۇ لازىم بولغاندا مۇشۇنداق چۈشۈرسەك بولىدۇ.)
يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
DeepinScreenshot_select-area_20180505031155.png

ئاندىن چۈشۈشكە باشلايدۇ،
نۆۋەتتە مەن مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە JDK8 نى چۈشۈرۈپ بولدۇم.

DeepinScreenshot_select-area_20180505031855.png

ئەمدى JDK نى مۇشۇ يەردە پىرىستىن يىشىڭ،
پىرىستىن يىشىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار،
1. ئادەتتە سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز ئۈستەل يۈزى linux نۇسقىسى بولسا پىرىستىن يىشىش قۇراللىرى بىلەنلا پىرىستىن يەشسىڭىز بولىۋىرىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل ئىنتايىن ئاسان،
2. ئەگەر ئىشلىتىۋاتقان linux نەشىرىدە ئۈستەل يۈزى مۇھىتى بولمىسا بىز تېرمىنالدا پىرىستىن يەشسەك بولىدۇ، يەنى تىرمىنالنى مۇشۇ يەردە ئىچىپ tar -zxvf xxxx.tar.gz بۇيرۇقى ئارقىلىق مۇشۇ مۇندەرىجىگە پىرىستەن يەشسەك بولىدۇ.

يېڭى باشلىغانلارغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن مەن بىرىنچى خىل ئۇسۇلدا پىرىستىن يەشتىم،
پىرىس ھۆججىتى باشقۇرىدىغان قۇرالدا ئاچقاندىن كىيىن ئىچىدىكىسىنى بىۋاستىلا مائۇس بىلەن سۆرەپ تاشلاپ پىرىستىن يەشسىڭىزمۇ بولىدۇ

DeepinScreenshot_select-area_20180505032419.png

پىرىستىن يىشىلدى،

DeepinScreenshot_select-area_20180505032605.png

مەسىلەن بىز ھازىر jdk نىڭ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ bin مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى ئىجرا ھۆججەتلەرنى ئىجرا قىلساق تامامەن بولىدۇ،
مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك bin مۇندەرىجىسى ئىچىدە قۇرۇق بىر يەردە مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ Open in terminal (تېرمىنالدا ئىچىش) نى بىسىپ نۆەتتىكى مۇندەرىجىنى تېرمىنالدا ئاچقاندىن كىيىن

DeepinScreenshot_select-area_20180505032857.png

./java -version بۇيرۇقى ئارقىلىق JDK نىڭ runtime سىنى ئىجرا قىلىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ،
DeepinScreenshot_deepin-terminal_20180505033131.png

ئەمەلىيەتتە بىز ھازىر ئاللىبۇرۇن كومپىيۇتېرىمىزغا JDK نى قاچىلاپ بولدۇق،

ئەمدى بىر مەسىلە بار،
مەسىلەن بىز javac, java دىگەندەك بۇيرۇقلارنى يۈرگۈزمەكچى بولساق بىۋاستە تېرمىنالغا يىزىپلا ئىشلەتكىلى بولسا تىخىمۇ قۇلاي ۋە ئاسان بولىدۇ، ئالايىتەن JDK نىڭ مۇندەرىجىسىنىڭ نامىنى تولۇق ئاتاپ تۇرۇپ ئىشلىتىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق،

مەسىلەن بىز ھازىر باشقا تېرمىنال ئىچىپ java دەپ يازساق بۇ بۇيرۇقنى تاپالمىغانلىقىنى دەيدۇ، (ئادەتتە سىز تېرمىنالغا يازغان ھەر قانداق بۇيرۇقنى linux نىڭ $PATH گە تىزىملانغان ئادېرىسلاردىن ئىزدەيدۇ، PATH بولسا linux دا تېرمىنالدا ئىشلىتىدىغان بۇيرۇقلار قويۇلغان مۇندەرىجىلەرنى تىزىملايدىغان بىر خىل سىستېما ئۆزگەرگۈچى مىقدارى، (Environment variable))

DeepinScreenshot_select-area_20180505033619.png

ئۇنداقتا بىۋاستە تېرمىنالدىن بۇيرۇق يىزىپلا چاقىرىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان قۇلايلىق ئۇسۇل بارمىدۇ؟
بار، يەنى سىستېمىنىڭ PATH گە تىزىملاش،

ئۇنداقتا بىز سىستېمىنىڭ PATH گە نۆۋەتتىكى jdk نىڭ  مۇندەرىجە ئادېرسىنى تىزىملىۋىتەيلى،
ئاۋال بىز JDK نى ئۈستەل يۈزىدىن (مەن ئۈستەل يۈزىگە يىشىۋاپتىكەنمەن) ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۆچۈرۈپ سالماسلىق ئۈچۈن سەل مۇنتىزىمراق بىر يەرگە يۆتكىۋىتەيلى،
ئادەتتە linux دا ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرىنى /opt مۇندەرىجىسىگە قويۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ،

ئەمما بىز ئىشلارنى مۇرەككەپ ھەم چىگىش قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىمىز بىلىپ ئۆچۈرۈپ سالمايدىغان مەلۇم بىر مۇندەرىجىگە قويۇپ تۇرايلى،
مەسىلەن مەن ئۆزۈمنىڭ باش مۇندەرىجىسىگە قويۇۋالدىم،

DeepinScreenshot_dde-file-manager_20180505034333.png

ئاندىن JDK نىڭ bin مۇندەرىجىسىگە كىرىپ ئادېرىسنى كۆچۈرۋىلىڭ، (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)

DeepinScreenshot_select-area_20180505034404.png

ئەمدى بىز مۇشۇ ئادېرىسنى $PATH گە تىزىملايمىز،

ئەمدى يېڭىدىن بىر تال تېرمىنال ئىچىڭ (مەسىلەن Ctrl + Alt + T نى بىسىش ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە ئاچالايسىز)

ئاندىن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يىزىڭ،

sudo gedit /etc/profile كىرگۈزگەندىن كىيىن پارول سورىسا ئۆزىڭىزنىڭ linux پارولىنى يىزىڭ، (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)

DeepinScreenshot_deepin-terminal_20180505034912.png

ئاندىن تىكىست تەھرىرلىگۈچ ئىچىلىدۇ،
سىز ئۇنىڭ ئىچىدىن export PATH دىگەن بىر قۇر بۇيرۇقنى تىپىڭ،

DeepinScreenshot_gedit_20180505035101.png

ئاندىن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى مۇشۇ قۇرنىڭ ئۈستىگىلا يىزىڭ، (دىققەت ھە، چوقۇم ئۈستىگە يازىسىز، ئەگەر ئۈستىگە يازمايتتىم دىسىڭىز ئەڭ ئەڭ ئاستىغا يىزىپ ئۇنىڭمۇ ئاستىدىكى بىر قۇرغا export PATH نى يىزىپ قويۇشقا توغرا كىلىدۇ، ھازىرچە مىنىڭ دىگىنىمنى قىلىپ تۇرۇڭ)
(دىققەت، قالايمىغان ياكى ئارتۇق ھەرىپ بەلگىلەر يىزىلىپ كەتمىسۇن، بولمىسا سىستېمىڭىزنى بۇزۇپ قويىسىز، كىيىن سىستېمىغا كىرەلمەيدىغان ئىش چىقىدۇ،)

PATH="$PATH:/home/yeganaaa/jdk1.8.0_111/bin"

ئەسكەرتىش، بۇ يەردىكى مەن كۆك رەڭدە بوياپ قويغان ئادېرىس بايامقى سىز كۆچۈرۈپ ئىلىۋالغان ئادېرىس بولىدۇ، مىنىڭكىدىكى ئادېرىسقا ئوخشىمىسا مەيلى، ئەمما سىز كۆچۈرۈپ ئىلىۋالغان ئادېرىسنى يىزىڭ، يەنى /home/yeganaaa/jdk1.8.0_111/bin نىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىز بايام كۆچۈرۈپ ئىلىۋالغان ئادېرىس يىزىلىدۇ، دىققەت، باش ئاخىرىدىكى قوش پەش كە دىققەت قىلىڭ، بوشلۇق قىلىپ قالسا بولمايدۇ،

DeepinScreenshot_gedit_20180505035824.png

تولۇق يىزىلغاندىكى ھالىتى:

DeepinScreenshot_gedit_20180505040020.png

ئەمدى CTRL + S نى بىسىپ ساقلاپ تىكىست تەھرىرلىگۈچتىن چىكىنسىڭىز بولىدۇ،

ئەمدى يېڭىدىن تېرمىنال ئىچىڭ (بۇ مۇھىم باسقۇچ، ھەم ئەگەر سىستېمىڭىز بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسا ئوڭشىۋالىدىغان ياخشى پۇرسىتىڭىز، پۇشايماننىڭ دورىسى دەپ بىلىڭ )
ئاندىن source /etc/profile نى يىزىڭ، ئەگەر بۇ بۇيرۇقنى يىزىپ ئىجرا قىلسىڭىز ھىچ ئىش بولمىغاندەك بولسا (خاتالىقلار چىقمىسا) ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغىنىنى بىلدۈرىدۇ،

DeepinScreenshot_deepin-terminal_20180505040442.png

ئەگەر يۇقارقى رەسىمدىكىدەك بولغان بولسا مۇبارەك بولسۇن،
سىز مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا Linux قا Java JDK قاچىلاپ تەڭشەپ بولدىڭىز،

ئەمدى مۇشۇ تېرمىنالنى ئۆچۈرۋەتمەي تۇرۇپ java  دەپ يىزىپ باقايلى،

DeepinScreenshot_deepin-terminal_20180505040727.png

تامام،

ئەمدى باشقا تېرمىنال ئىچىپ java دەپ كىرگۈزسىڭىز يەنىلا command not found(بۇيرۇقنى تاپالمىدى) نى كۆرىسىز، ھىچقىسى يوق، كومپىيۇتېردىن ھىساباتىڭىزدىن بىر چىكىنىپ كىرىڭ ياكى كومپىيۇتېرىڭىزنى بىر قىتىم قايتا قوزغىتىۋەتكەندىن كىيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ،

مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا JavaFX دا يىزىلغان بىر پروگراممامنى يۈرگۈزدۈم،

DeepinScreenshot_select-area_20180505041128.png

مۇرەككەپ ئويلىۋالماڭ،
ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاددىي،
ھازىرچە چۈشەنمىگەن بولسىڭىزمۇ ھىچقىسى يوق، ئالدىرماي ئۈگىنىۋالىمىز.

بىرەر مەسىلە بولسا ئىنكاس رايۇنىدا ھەل قىلايلى.
غەلبە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!

2ئادەم ئىنكاس يازدى

qaq ۋاقتى: 2018-5-5 11:10:39
بۇ خىل سېستىما بىز گە ئوخشاش ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كەلمەمدۇ قانداق؟پەقەتلا كۆنەلمىدىم ، Windows سىستېمىسىدەك قولايلىق ئەمەس ئىكەن.ئەگەر تېز چۈشىنەلمىگەن ياخشى تەرەپلىرى بولسا ، ئادەتتىكىدەك قۇلايلىق تەرەپلىرى بولسا چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز.
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-5-6 00:13:15
qaq يوللىغان ۋاقتى  2018-5-5 11:10
بۇ خىل سېستىما بىز گە ئوخشاش ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگ ...

ئالدىنقى قىتىملىق deepin نى تونۇشتۇرغان يازمامنى ئوقۇڭ،
ئادەتتە linux نى پروگراممىرلار كۆپرەك ئىشلىتىدۇ،
بۇ ئادەتتىكى كۆڭۈل ئىچىش تىپىدىكى سىستېما ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部