+تېما يوللاش
2017 يوللانغان ۋاقتى:2018-5-4 15:40 3341 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بىر پىروگىراما يېزىلىشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك كەسىپنىڭ ئۆزىنى ئۈگۈنىش ،چۇشنىش،خېرىدارنىڭ ئىھتىياجىنى ئويلىشىپ ۋە پىروگىرامما ئۇمۇمىيلىقىنى ئويلىشىپ تۈزىلىدۇ . ئوخشاش بىر كەسىپتە ئوخشاش بولمىغان ئادەملەر ئىشلەيدۇ .ئۇلارنىڭ سىستىمىغا بولغان تەلەپلىرىمۇ ھەرخىل ،بەزىللىرىنى قۇبۇل قىلساق پىروگىراممىغىمۇ باشقىلارغىمۇ ئورتاق بولغان پىكىر تەلەپ بۇلىدۇ .يەنە بەزىلەرنىڭ پىكىر تەكلىپلىرنى ئاڭلىساق پەقەت ئۆزنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپلا ئېيتىلغان ،باشقا ئوخشاش ئۇرۇنلاردا بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىز تەڭ قىسلىقتا قالمىز .پىروگىراممىرلار سىستىما ئۆزگەرتىشكە ئۇنىمايدۇ .خېرىدار ئاكمىز ئۆزگەرتىپ بەر دەيدۇ.قانداق قېلىش كىرەك .بىز ئويلايمىز ئەگەر ھەر بەش مىنۇتتا ،ھەر بىر مىنۇتتا ،ھەر 20 سىكنۇتتا ،ھەر 24 سائەتتە بىر قېتىم پالانى يەرنى بىر يېڭىلىۋەتسە سىستىما ئۆزگەرتىش كەتمەيتى ،خېرىدارمۇ رازى بۇلاتتى دەپ كىتمىز . بۇنىڭ ئامالى بار ،سىزنىڭ ساندان قىسمىڭىز sql  بولسىلا . كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى باشقۇرۇش سىستىمىسى ،ئۇچۇر ساقلاش سىستىمىسىنىڭ ساندانغا sql  نى ئىشلىتىدۇ 。 sql ۋەزىپە ،تاپشۇرۇق قىسمىغان بىز قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ sql جۈملىسىنى يېزىپ تەڭشىسەكلا بولدى.
مەن تۈۋەندە تور ئۈزۈلۈپ كىتىش سەۋەبىدىن سىستىمىدا بۇ ئابونىت تىزىملىتىپ كىرىپ بولغان ،قايتا تىزىملىتىشقا بولمايدۇ دىگەن مەسلىنى ھەل قىلىشنى سۆزلەيمەن .(ھەر بىر باشقۇرۇش سىستىمىسىنىڭ ساندان قۇرۇلمىسى ،تۈزۈش ئىددىيسى ئوخشىمايدۇ،شۇڭا ئىشلەتكەندە ئۆزلەشتۇرۇپ ئىشلىتىشىڭلارنى سۇرايمەن.)

ھەل قىلماقچى بولغان مەسلە :
تور ئۈزۈلۈپ كىتىش ،سىستىما ئىشلىتىۋاتقاندا تور ئۈزۈلۈش ،توك توختاش ،كومپىيوتېرنى مەجبۇرى ئۆچرىۋېتىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن بۇلغان بۇ ئابونىت تىزىملىتىپ كىرىپ بولغان ،قايتا تىزىملىتىشقا بولمايدۇ دىگەن ئەسكەرتىشنىڭ چىقىشى ۋە سىستىمىغا نۇرمال كىرەلمەسلىك .
مەسلە چىقىشنىڭ سەۋەبى:
تور ئۈزۈلۈپ كىتىش ،سىستىما ئىشلىتىۋاتقاندا تور ئۈزۈلۈش ،توك توختاش ،كومپىيوتېرنى مەجبۇرى ئۆچرىۋېتىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن ئابونىتنىڭ سىستىمىغا تىزىملاتقانلىق ئۇچۇرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى:
سانداننى ئېچىپ ئابونىت تىزىملىتىپ كىرگەن ئۇچۇرىنى يۇيۋېتىش.
مەن مىسال ئالغان سىستىمىنىڭ ئابونىت تىزىملىتىپ كىرگەن ئۇچۇرى  登陆信息表   دا ساقلىنىدۇ.بىز شۇنى يۇيۋەتسەكلا بۇلىدۇ .
1.png
لىكىن بۇ ئەھۋال يېرىم كىچىدە بۇلۇپ قالسىچۇ ،كۇندە چىقىۋەرسە زىرىكىمىز.شۇڭا تۈپ يىلتىزدىن ھەل قىلىش كىرەك .شۇنىڭ بىلەن sql  غا تاپشۇرۇق يازمىز.

ئالدى بىلەن SQL Server Management Studio  نى ئاچمىز .
ساندانغا ئۇلىغاندىن كىيىن ئەڭ ئاستىدىكى SQL server 代理  نى  چىكمىز ،تاپشۇرۇقنى تاللاپ مائوسنىڭ ئوڭ تەرپىنى چىكمىز .
2.png
يېڭىدىن تاپشۇرۇق قۇرۇشنى تاللايمىز (新建作业)
3.png
باشقىلارنىڭ بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي يۇيۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن چۇشەندۇرۇش يېزىپ قۇيمىز .
ئىككىنجى قەدەم
4.png
ئۈچىنجى قەدەمدە ئىجرا قىلدىغان SQL جۈملىسىنى يازمىز ،
6.png
رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بۇيىچە يېزىپ بولغاندىن كىيىن قاچان قاندا ۋاقىتتا قانداق شەكىلدە ئىجرا قىلدىغانلىقىنى يازمىز ،مەسلەن ،كۈندە بىر قېتىم سائەت مانچىدە ،ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئىجرا قىلىش ،ھەر مىنۇتتا بىر قېتىم ئىجرا قىلىش ،ھەر 20سىكنۇتتا بىر قېتىم ئىجرا قىلىش دىگەندەك.
7.png
10.png

تاپشۇرۇق قۇرۇپ بولدۇق ،ئەمدى كۈرۈپ باقايلى .
11.png
ئەمدى بەش مىنۇتتىن كىيىن  خاسلىق ئۇچۇرىدىن ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۈرۈپ باقايلى .
20.png
ئىجرا بولغان ۋاقتىمۇ چىقتى ،مۇۋاپىقيەتلىك بۇلۇپتۇ ،ئەمدى ساندانغا قاراپ باقايلى
21.png
مانا  ھالىتى null  قىممەتتىكى ھېچقانداق ئۇچۇر يوق .
ئەگەر ھەل قىلىش چارىمىز ،تەپەككۇرىمىز توغرا بولدا ساندان تاپشۇرۇقى ئارقىلىق نۇرغۇن كىچىك مەسىللەرنى ،بەزى چوڭ مەسىللەرنىمۇ ھەل قىلغىنى بۇلىدۇ ،بۇنىڭ ئۈچۈن سستىمىنىڭ ساندان ،تۈزۈلۈش قىسىمىغا ،ھەل قىلىش چارىسىغا پىششىق بۇلىشىڭىز كىرەك.
تاپشۇرۇققا  select جۈملىسى يېزىشقا بولمايدۇ ،كۆرسىتىدىغان يەر يوق .لىكىن باشقا  3 SQL  جۈملىسىنى يېزىشقا بۇلىدۇ.

تىرشىڭ ،ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بوپ قالمىسۇن

3ئادەم ئىنكاس يازدى

يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-5-5 00:34:36
ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ھەم داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرۇش، يىڭىلىنىپ تۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىش مۇمكىنچىلىكى بولسا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كەسپىي لوگىكىنى Stored procedure, Trigger لارغىچە، سانداننىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە سىڭدۈرۋەتمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن،

ئەگەر يۇقىرى تىزلىك، ئالاھىدە ئۈنۈم تەلەپ قىلىش، كەسپىي لوگىكا بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى يىزىشقا توغرا كەلسە پايدىلانساق بولىدۇ،

يازما ئىگىسىنىڭ بۇ يازمىسى بىلەن مەن Sql server دا مۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلىۋالدىم،
ئىلگىرى Stored procedure, Trigger لارنى يىزىپ باققان، ماۋۇنى قىلىپ باقماپتىكەنمەن،

ئاندىن يازما ئىگىسىدىن سوراپ باقسام، نىمىشقا بىز كىرىش ئۇچۇرىنى سانداندا ساقلىۋالىمىز؟
باشقا بىر يەردە شۇ كىشىنىڭ ھىساباتىنىڭ يەتە تەكرار ئىچىلىپ كەتمەسلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈنمۇ؟
2017 ۋاقتى: 2018-5-5 14:27:44
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2018-5-5 00:34
ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ھەم داۋاملىق ئۆزگىرىپ ت ...

مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق ئويلىغان ،تىزىملاتقان ئۇچۇرنى ساقلىمىسا بولمامدۇ دەپ ،لىكىن بەزى مۇھىم ئۇرۇنلارنىڭ نۇمۇرى قاتتىق ساقلىنىدۇ ،بىر قانچە يەردە تەڭ ئېچىشقا يول قۇيۇلمايدىكەن ،يەنە بەزى يەردە كومپىيوتېر سەپلىمىسى بەكلا  تۈۋەن تۈنۈگۈن تېخى 512 مىگابايىتلىق ئىچكى ساقلىغۇچلۇق كومپىيوتېرنى كۇرۇپتىمەن ،س شارىپتا يازغان سىستىما سانلىق مەلۇماتئۇقۇش ،قوزغۇلۇش جەھەتتە دېلفىدا يازغانغا قارغاندا  خېلىلا ئاستا ،خېرىدارلار ئاستىراق ئېچىلىپ قالسا توختىماي چىكىپ ئاستا كومپىيوتېرنى تېخىمۇ ئاستا قىلۋېتىدۇ .يەنە نۇرغۇن ئاڭلاپ باقمىغان تەلەپلەر بار شۇڭا ،كىرگەنلىك ئۇچۇرىنى ساقلايدۇ .
sql  نىڭ  بۇ ئىقدىدارىنى يەنە نۇرغۇن يەرگە ئىشلەتكىنى بۇلىدۇ .مەن پەقەت مۇشۇنىلا مىسالغا ئالدىم .
ساندان قۇرۇلمىسى ئۆزگەرگەندە بەلكىم بۇنداق مەسىللەر ھەل بولغان بۇلىشى مۇمكىن ،ھەم ھەر بىر خېرىدارنىڭ ھەممە ئۇچۇرى ساقلىنىپ ماڭدۇ ،سىستىما يېڭىلاشتىن بۇرۇن  ھەممىنى كۇرۇپ لاھيە تۇزۇپ بۇلۇپ ئاندىن ئىش باشلايمىز ()
يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-5-5 19:32:08
ۋوي،
مۇنداق كومپىيۇتېرلارمۇ بار دەڭ تىخە،
قارىغاندا مەن تۈگەپتىمەن...
java دا يازغان پروگراممىلار قانداقراق ئىجرا بولار كومپىيۇتېردا...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部