+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-5-4 15:00 4765 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۇچۇر دەۋرىدە سانلىق مەلۇمات ئالتۇندىن قىممەت بايلىق. بۇ بايلىق ياخشى ساقلانمىسا كومپىيۇتېر، يانفون، ئىنتېرنېت تورى... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەتكە ئايلىنىدۇ. مال-مۈلۈك، شەخسىي ماتېرىيال ھەممىسىدىن ئايرىلىسىز. مەسىلەن: بانكا سانلىق مەلۇماتى ساقلانمىسا پۇلىڭىز يوقايدۇ، ئۈندىداردىكى، خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتىڭىز ساقلانمىسا بارلىق ئالاقىڭىز، دوستىلىرىڭىزدىن ئالاقىڭىز ئۈزىلىدۇ... ئەگەر شىركەت، ئىدارە ئورگانلارنىڭ سانلىق مەلۇماتى ساقلانمىسىچۇ؟ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.
دۆلىتىمىزدىكى تېڭشۈن، ئالى بابا، خۇاۋېي، ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش... قاتارلىق چوڭ ئىنتېرنېت كارخانىلىرىدىن تارتىپ، خەلقئارادىكى كۇۋالكوم، ئالما قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ساقلىندىغان بىر كىچىك شەھەر بار. ئۇ بولسىمۇ گۇيجۇ ئۆلكىسىدىكى گۇيياڭ شەھىرى.

微信图片_20180504145833.jpg

گۇيياڭ شەھىرى ئىقتىسادى تەرەققىيات جەھەتتە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، خاڭجۇ... قاتارلىق شەھەرلەردىن ئارقىدا بولسىمۇ، ئەمما يۇقارقىدەك دۆلىتىمىز ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى مۇشۇ شەھەرگە ئورۇنلاشقان. نېمىشقا شۇنچە يىراقتىن بۇ شەھەرگە كېلىپ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرىدۇ؟
微信图片_20180504145815.jpg
1. گۇيياڭنىڭ ھاۋاسى نەم، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن. «جۇڭگونىڭ يازلىق پايتەختى» دەيدىغان چىرايلىق نامى بار.
چوڭ سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتېردا ساقلىنىدۇ. مۇلازىمىتىر تېمپىراتۇرىسى نىسبەتەن مۇقىم مۇھىتقا ئېھتىياجلىق. بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسسىق مۇھىتتا مۇلازىمىتېردىن ئاسان كاشىلا چىقىدۇ. گۇيياڭنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئادەملەرنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىپلا قالماي يەنە مۇلازىمىتېر، قاتتىق دېسكىغىمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
2. گۇيياڭ يەر تەۋرەش بەلبېغىدا ئەمەس.
گۇيياڭنىڭ يەر قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇقىم، يەر تەۋرەش بەلبېغىدا ئەمەس. تارىخىتىن بۇيان خاتىرلىنىشچە گۇيياڭدا 4 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىمىگەن. ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش 20 نەچە يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، گۇيجۇ خۇاشىدا 3.5 بال يەر تەۋرىگەن. بۇ يەر تەۋرەشنى ئادەملەر سىزەلمىگەن.
3. گۇيياڭدا كەلكۈن ئاپىتى ئىنتايىن ئاز يۈز بېرىدۇ.
ھەر يىلى يازدا سىچۈەن، خۇنەن، يۈننەن قاتارلىق يەرلەردە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىدۇ. ئەمما گۇيياڭدا كەلكۈن ئاپىتى ئىنتايىن ئاز يۈز بېرىدۇ. كەلكۈندىن باشقا گۈيياڭدا يەنە قارا قويۇن، مۆلدۈر قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرمۇ ئاساسەن يۈز بەرمەيدۇ. شۇڭا ھەر خىل تەبئىي ئاپەتلەرنىڭ مۇلازىمىتېرنى بۇزىۋېتىشىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.
4. گۇيياڭنىڭ توك باھاسى ئەرزان
مۇلازىمىتېر ھەر كۈنى 24 سائەت توختىماي ئىشلىشى كېرەك. بىر چوڭ ئىنتېرنېت كارخانىسنىڭ 10 نەچچە مىڭ ھەتتا نەچچە يۈزمىڭ مۇلازىمېتىرى بولىدۇ. بۇنىڭغا غايەت زور توك كېتىدۇ. ھەر كىلوۋات توكتىن بىر پۇڭ تىجەلسىمۇ نۇرغۇن پۇل تىجىلىدۇ دېگەن گەپ. گۇيياڭنىڭ توك پۇلى مەملىكەت ئىچىدىكى باشقا چوڭ شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن.
5. گۇيياڭدا نۇرغۇن تەبئىي ئۆڭكۈر بار
يېقىندا تېڭشۈن شىركىتى يادرولۇق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى گۇيياڭدىكى تاغ ئۆڭكۈرىگە قۇرىۋاتىدۇ. بۇلۇت مۇلازىمىتېرىنىڭ كۆپ قىسىم سانلىق مەلۇماتلىرىمۇ مۇشۇ يەردە ساقلىنىدۇ. بۇ تاغ ئۆڭكۈرلىرى ئىنتايىن بىخەتەر. ھاۋا ئۆتۈشى ياخشى بولۇپ، تەبئىي ھاۋا تەڭشىگۈچ. ئايرىم ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىش ھاجەتسىز.
微信图片_20180504145829.jpg

6. تەبئىي شارائىتتىن باشقا چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش يەنە بىر مۇھىم سەۋەب.
گۇيياڭ شەھىرى چوڭ كارخانىلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشىغا ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلەرنى چىقاردى. چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلدى. ئالىي مەكتەپتە چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسىپلىرىنى تەسىس قىلدى.
دۆلىتىمىزنىڭ ئىنتېرنېت پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىدىن باشقا دۇنيادىكى داڭلىق ئۆزەك شىركىتى كۇۋالكوم (高通) شىركىتى گۇيياڭدا ھەمكارلىشىپ گۇيجۇ كۇۋالكوم پەن-تېخنىكا شىركىتىنى قۇردى. ئالما شىركىتىنىڭ Icloud بۇلۇت سانلىق مەلۇماتىمۇ گۇيجۇدىكى گۇي ئەن يېڭى رايونىغا جايلاشقان.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

玉素甫。巴拉提 ۋاقتى: 2018-5-4 15:32:23
ۋەتىنىمىزدە مۇنداقمۇ قالتىس جايلار باكەن ھە
begtash ۋاقتى: 2018-5-5 13:38:00
ئالمىنىڭ جۇڭگودىكى بۇلۇت مۇلازىمىتىرىنى نىمىشقا  گۇاڭجۇ گۇڭدوڭلارغا قۇرماي، گۈيياڭغا قۇرىدىغاندۇ دەپ ئويلىغانتىم، ئەسلى مۇنداقكەندە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部