+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-5-3 16:24 1778 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ يېڭىلىنىشى ئەسلى ياخشى ئىش. ئەمما ۋىندوۋس سىستېمىسى بولۇپمۇ windows 10 نىڭ ئىگىسىدىن سورىمايلا ئۆزىنى يېڭىلىۋالدىغان ئىشى باركەن. بۇنداق بىزدىن سورىمايلا ئۆزىنى يېڭىلىسا توردىن كۆپ مىقداردا ھۆججەت چۈشۈرۈپ سىستېما بايلىقىنى ئىگىللىۋالىدىكەن، ھەم تېزلىكى ئاستىلاپ كېتىدىكەن.
يەنە بىر جەھەتتىن، مۇتلەق كۆپىنچىمىز ھەقىچان windows 10 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋالمىدۇق. توردىن چۈشۈرۋالغان سىستېمىلار. بۇنداق سىستېما ئاپتوماتىك يېڭىلىنىپ كەتسە بىر كۈنلەردە بۇ سىستېمىنى سېتىۋالماپسەن، شۇڭا تاقالدى... دەپ خەت چىقىپ كومپىيۇتېرىڭىز قەتئى قوزغالماسلىقى مۇمكىن.
تەڭشەكنىڭ ئىچىدىن 更新 دېگەن تەڭشىكىنى تاقىۋەتسەك يېڭىلانمايدۇ دەپ ئويلايمىز. ئەمما windows 10 دا ئۇنداق ئاددىيلا تاقاپ قويساقمۇ يەنە ئۆزلىكىدىن يېڭىلىنىپ كېتىدىكەن. ئەتىگىنى كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ جىددىي ئىشلىمەكچى بولسىڭىز كومپىيۇتېر سەل ساقلا، ئۆزەمنى يېڭىلاۋاتىمەن ... دەپ تۇرۋېلىپ قوزغالمىسا قانداق قىلىسىز؟
تۆۋەندىكى ئامالنى ئىشلەتسىڭىز ۋىندوۋسنىڭ ئاپتوماتىك يېڭىلىنىشى ئۈزۈلكىسىل تاقىلىدۇ. بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يېڭىلانمىسىنى 电脑管家 دېگەندەك بىخەتەرلىك دېتاللىرى ئارقىلىق يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ.
1. كۇنۇپكا تاختىسىدىن Win+R كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرانى ئېچىپ، Services.msc نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلدۇرۇڭ.

微信图片_20180503162012.jpg

تۆۋەندىكىدەك مۇلازىمەت باشقۇرۇش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.

微信图片_20180503162023.jpg

ئۇ يەردىن Windows Update نى تېپىپ قوش چېكىپ ئېچىڭ، ئاندىن 停止 نى بېسىپ توختىتىڭ.

微信图片_20180503162028.jpg

ئۇنىڭدىن كېيىن 启动类型 دېگەن يەردىن 禁用 نى تاللاڭ.

微信图片_20180503162032.jpg

بۇ قەدەم تۈگىگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 恢复 دېگەن يەرنى چېكىپ، 第一次失败,第二次失败,后续失败 دېگەن يەرنىڭ ھەممىسىگە 无操作 نى تاللاپ، جەزملەشتۈرۈڭ.
بۇنداق تەڭشىگەندە بىرىنجى قېتىم يېڭىلاش مەغلۇب بولغاندا، ئىككىنجى قېتىم يېڭىلاش مەغلۇب بولغاندا، داۋاملىق يېڭىلاش مەغلۇب بولغاندا ھېچقانداق مەشغۇلات قىلمايدۇ.

微信图片_20180503162036.jpg

بۇ ئۇسۇل Win7 win8 ۋە win10 ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ.

2. يۇقارقى ئىجرا كۆزنىكىگە gpedit.msc نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلدۇرۇڭ.

ئاندىن تەرتىپ بويچە 计算机配置-->管理模版-->windows组件-->windows更新 نى ئېچىڭ

微信图片_20180503162041.jpg

windows更新 نى قوش چېكىپ ئېچىپ 已禁用 نى تاللاپ جەزملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.

微信图片_20180503162046.jpg

يۇقارقى ئىككى باسقۇچنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.

5ئادەم ئىنكاس يازدى

13070035099 ۋاقتى: 2018-5-4 18:58:22
win10
نى ئىشلەتكۈسى بارلا ، ITHOME.COM دىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلا ، سېستىمىنىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى ، تاۋباۋدىن سېتىۋېلىڭلا ، باھاسى 15 يۈەن ، نەرقى بىرقاچا لەغمەن دىگەن گەپ ، چۈشۈرگەندە چوقۇم 1709 نۇمۇرلۇقتىن بۇرۇنقى نەشىرىنى چۈرۈپ ئىشلىتىڭلا ، چۈنكى 1709 نەشىرى 2017.يىل 9. ئايدىن كىيىن يېڭىلانغان نۇسخىسى بۇلۇپ ، بۇنىڭدا 3.تەرەپ ئەپ ئىجرا بولمايدىكەن ، ۋىندوۋس دېفېندېر بۇ ئەپنى ئىجرا قىلغىلى قويمايۋاتىدۇ دەپ چىقىدىكەن ، ئۇنى بىرتەرەپ قىلپ تۇرسىڭىز ، يەنە باشقا چەكلەش ئەسكەرتمىسى چىقىۋالدىكەن ، بۇنەشىرىدە ئاساسلىقى قۇرۇق ئۈستەل يۈزىگە قاراپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ئامال قىلالمىدىم ، ئىشقىلىپ مىكروسوفت ئۆزىدىىكى قالاق ، قاتمال ئىددىيەنى ئىستىمالچىلارغا تاڭىدۇ ، شۇڭا ۋىندوۋىسنىمۇ مەجبۇرى يېڭىلايدۇ ، ئۇلارنىڭ كۈنىمۇ ئازقالدىمىكىن ، بۇلۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى كۆڭۈلگە ياققۇدەك بىرنىمە ياساپ باقمىدى ، ئالما تاختا بېشىغا چىقىۋالدى ، ئادەتتىكى ئىستىمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا ئامالى يوق ، ئۇنداق بولمىغان بولسا ، مىكروسوفت بۇچاغقىچە مەشخۇلات سېستىما بازىرىدا چىۋىن پالىقى بىلەن چىۋىن سوقۇپ ئولتۇراتتى ،
kilimat ۋاقتى: 2018-5-3 19:00:44
تېمىڭىزغا رەھمەت ۋىن 10دا س دىسكا سىزدىگەندەك تىزلا توشۇپ، كومپىيوتىرنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ئالدىرىغاندا قوزغۇلۇپ بولالماي ئادەمنى تەقەززا
قىلىدىكەن مەنمۇ بۇتېمىنىڭ ياردىمىدە تەڭشىۋالدىم.
ئەمدىكى مەسىلە، مەن كومپىيوتىرىمغا ۋىن10نى ھەقسىز تارقاتقاندا قاچىلاپ ئاكتىپلانغان، شۇندىن بېرى ئىشلىتىۋاتقان، س دىسكىنى تازىلاپ تۇرغان بولساممۇ يەنىلا توشۇپ قالاي دىدى.(1)-  ۋىن 10نى س دىسكىنى پاكىز تازىلاپ قاچىلاش ئۈچۈن قايسى ئۇسۇلدا قاچىلىسام بولۇدۇ؟(2)- س دىسكىنى
تازىلاپ قاچىلىسام سىستىما ئۆزلۈگۈدىن ئاكتىپ لىنامدۇ؟ياكى ئاچقۇچ نومۇرى تەلەپ قىلىپ بىريولىلا زىيان تارتامدىم، ئۇستازلا ئېغىر كۆرمەي بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلا
OK2016000 ۋاقتى: 2018-5-3 21:13:34
مەن بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالسام.
مەسىلەن توردىن ياكى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن بىر كومپىيۇتېر سېتىۋالسام ئادەتتە ھەقىقىي نەشىردىكى سېستىما چىقامدۇ؟ ئەگەر win7نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى قاچىلاپ بەردى دەيلى   كېيىن win7ياكى يېڭىسىنى ئىشلەتكۈم بولسا قانداق قىلىشىم كېرەك؟
2635210282 ۋاقتى: 2018-5-3 22:47:47
ئەگەر سېستىمىنى ئۈزىدىن يېڭلايمەن دىسەك،يېڭلانماي قالسا. يۇقارقى ئۇرۇنلارنىڭ  ھەممىسىنى (قارشى يۈلىنىشتە) يېڭلايدىغانغا توغرۇلاپ قويساق بولغۇدەك ھە
begmurad ۋاقتى: 2018-5-4 10:03:10
تېما ئىگىسى دىگەن ئەھۋال مىنىڭكىدىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى، تازا ئالدىراش بىر مەشغۇلاتنى تاماملاي دىگەندە سۈرئەت شۇنداق ئاستا، ۋوي بۇ سىستېما چاتاق بۇپقالغان يېڭىدىن قاچىلىغىلى ئەمدى بىر ھەپتىلا بۇلغانغۇ دەپ ئىچىمدە مىڭ تىللاپ مىڭ تەستەستە ئىشنى پۈتتۈرۈپ ئىتىپ قايتا قوزغاتسام يېڭىلىنىۋاتىدۇ ، كومپىيوتىرنى ئەتمەڭ، بىردەمدىن كىين شۇنداق ساز بۇپكىتىدۇ ئەمما قىلىدىغان ئىش تۈگىگەن . كۆپ ئۇچرايدىغان ئىشكەن بۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部