+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-5-2 17:18 4399 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
گاۋدى خەرىتىسى (高德地图) ئەڭ ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇردىغان يول باشلاش خەرىتىسى. ماشىنا، يانفونلاردا ئاساسەن مۇشۇ خەرىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئىشلىتىدۇ. مۇشۇ گاۋدى خەرىتىسىدە سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ (دۇكىنىڭىز، رېستۇرانىڭىز، مېھمانخانىڭىز، دۇكىنىڭىزنىڭ) ئىسمى چىقسا، باشقىلار يول باشلاش خەرىتىسىگە پالانى رېستۇران دەپ كىرگۈزسە سىزنىڭ رېستۇرانىڭىز چىقسا، شۇ خەرىتىگە ئەگىشىپ رېستۇرانىڭىزنى تېپىپ كەلسە نېمە دىگەن ياخشى-ھە؟
756d00045be83aec335b.jpg
بولۇپمۇ باشقا يەردىن ساياھەتكەن كەلگەنلەر خەرىتىدىن سىزنىڭ شىركىتىڭىزنى تاپالىسا نەچچە تۈمەنلەپ ئېلان بەرگەندىن بەكرەك ئۈنۈمگە ئىگە. تۆۋەندە گاۋدى خەرىتىسىگە ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قوشۇش ئۇسۇلىنى سۆزلەيمىز.
تور كۆرگۈچكە http://b.amap.com/ ئادېرسنى ئېچىڭ
7bd000034f0f4288fead.jpg
بۇ گاۋدى خەرىتىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورۇنغا ئىزاھات قوشۇش مەخسۇس تور بېتى بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ شىركىتىنى ھەقسىز قوشالايسىز. يۇقارقى تور بەتنى ئاچقاندىن كېيىن 【添加新地点】ۋە 【认领我的地点】دەپ ئىككى كۇنۇپكا بار. خەرىتىدىكى شىركىتىڭىزنىڭ ئورنىدا ھېچقانداق يەر نامى بولمىسا 添加新地点 دېگەننى باسىسىز. شىركىتىڭىزنىڭ ئورنىدا ئىلگىرىكى باشقا شىركەتنىڭ نامى بار بولسا 认领我的地点 نى بېسىپ، يېڭى ئىسىمغا ئۆزگەرتىش باسقۇچىغا كىرسىڭىز بولىدۇ.
ئاۋۋال ئاۋۇ تور بەتنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىدىكى 登陆 نى بېسىپ  كىرىسىز. ھېساباتىڭىز بولمىسا 注册 نى بېسىپ تىزىملىتىسىز.
تىزىملىتىپ كىرىپ بولغاندىن كيېىن 添加新地点 نى بېسىڭ، ئاندىن ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى 免费添加地点 نى بېسىڭ.
7bce00034aab6c2045da.jpg
757200069eadcd8f1037.jpg
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك جەدىۋەل چىقىدۇ، تەپسىلى ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىز. كاتەكچىدىكى ئۆلكە، شەھەر شىركەت (دۇكان) نامى، تەپسىلى ئادېرسى دېگەنلەرنى تىجارەت كىنىشكىسىدىكى بىلەن ئوخشاش تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاستىدىكى 门脸照片  دېگەن يەرگە شىركەتنىڭ ئىشىك ئالدىنى سۈزۈك رەسىمگە تارتىپ يوللايسىز. 资质注册号 دېگەن يەرگە تىجارەت كىنىشكىسىدىكى نومۇرنى يازىسىز. ئۇنىڭ ئاستىدىكى تۈرلەرگە تەلەپ بويچە تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ رەسىمى، كىملىكنى تۇتۇپ تۇرۇپ چۈشكەن سۈرەت... قاتارلىقلارنى يوللايسىز.
7bce00034ade5fe50572.jpg
757200069eccaaeed9c5.jpg
ئاندىن 提交 نى بېسىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.

تىجارەت كىنىشكىسى ۋە كىملىك ئىگىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بولۇشى كېرەك. يەنى شىركەت قانۇنىي ۋەكىلىنىڭكىنى ئىشلىتىڭ. باشقىلارنىڭكىنى يوللىسىڭىز چوقۇم شۇ شىركەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاپ ئىسپات ماتېرىيالىنى يوللايسىز. بولمىسا تەستىقلانمايدۇ.
شىركەت (دۇكان) ئالدىنى رەسىمگە تارتقاندا شىركەت نامى ئوچۇق كۆرۈنىشى كېرەك. تىجارەت كېنىشكىسى، كىملىكنىڭ رەسىمىمۇ ئوچۇق، خەتلىرىنى، تامغىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك.
يۇقارقى تەلەپ بويچە يوللىسىڭىز ئادەتتە ئۈچ خىزمەت كۈنىدە ئىلتىماسىڭىز تەستىقلىنىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部