+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-4-30 17:11 2358 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بايرام ۋە تەتىل مەزگىلىدىكى يولۇچى توشۇشنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە توردىن پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش تەسكە چۈشىدۇ. ھەر قانچە تېز مەشغۇلات قىلسىڭىزمۇ سىز ئالماقچى بولغان بېلەت تۈگەپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ كارىۋاتلىق ئورۇننىڭ بېلىتىنى ئالماق تەس. تېخى 10 تال تۇخۇمنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ، ئارىسىدىكى پىششىق تۇخۇمنى تېپىڭ دەيدىغان دەلىللەش سۇئاللىرى بار. سىز  12306 تور بېتى ياكى ئەپ دېتالىدا بېلەت تاللاپ ئېلىپ بولغۇچە باشقىلار مەخسۇس بېلەت تالىشىپ سېتىۋېلىش دېتالىدا ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىزگە بېلەت قالمايدۇ. تۆۋەندە شۇنداق ئاپتوماتىك بېلەت تالىشىپ سېتىۋالدىغان بىر قانچە ئەپنى تونۇشتۇردۇق.

智行火车票
بۇ ئەپ 12306 تور بېتى ئاساسىدا ياسالغان بېلەت تالىشىدىغان ئەپ. ئاپتوماتىك بېلەت تالىشىش، زاكاسنى ئاپتوماتىك يوللاش، قالدۇق بېلەتنى نازارەت قىلىش، ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ئىزدەش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار. بۇ ئەپتە يەنە يېقىن ئەتراپتىكى باشقا بېكەتنىڭ قالدۇق بېلىتىنى ئانالىز قىلىش، بېكەت ئاتلاپ بېلەت تالىشىش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ قىلغىلى بولىدۇ.

10603784_161_thumb.jpg
10603784_162_thumb.jpg

高铁管家
بۇ ئەپ مەخسۇس پويىز بېلىتى ئىزدەش ۋە ئاپتوماتىك بېلەت تالىشىپ سېتىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپ. بۇ ئەپتە پويىز بېلىتىنى سۈرۈشتۈرگىلى، سېتىۋالغىلى مېھمانخانا ئىزدەپ، ئالدىن زاكاس قىلغىلى بولىدۇ. بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئاپتوماتىك بېلەت تالىشىپ سېتىۋالغىلى، ئاپتوماتىك تالون چۈشۈرۈپ، ئاپتوماتىك پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ. يەنە تورسىز بېلەت تالىشىش ئىقتىدارىمۇ بار. قالدۇق بېلەتنى 24 سائەت نازارەت قىلىپ، بىر ئادەم بېلەت قايتۇرسىلا شۇ ھامان بېلەت تالىشىپ سېتىۋالالايدۇ. پويىزغا چىقىپ بېلەت تۇلۇقلاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
10603784_163_thumb.jpg
10603784_164_thumb.jpg

去哪儿旅行
بۇ ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالدىغان چۈنار تور بېكىتىنىڭ ئەپ دېتالى. پويىز بېلىتى سېتىۋالغىلىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بېلەت تالىشىپ سېتىلىش ئىقتىدارىمۇ بار. پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن يانفوننىڭ تورىنى ئۇچۇق قويۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. يەنى، پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن سىز توردا بولمىسىڭىزمۇ ئەپ ئاپتۇماتىك ھالدا بېلەت تالىشىپ سېتىۋالىدۇ. تالىشىش سۈرئىتى تېز. بېلەت تالىشىپ سېتىۋېلىش نىسبىتى %60 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

10603784_165_thumb.jpg
10603784_166_thumb.jpg

بۇ ئەپلەرنى ھەر قايسى ئەپ بازىرىدىن ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ.  
بۇنىڭدىن باشقا بېلەت تالىشىپ سېتىۋالدىغان يەنە باشقا ياخشى ئەپلەرنى بىلەسەڭلار ئىنكاس يېزىپ ئورتاقلاشساڭلار بولىدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

يۇمشاق دېتال ۋاقتى: 2018-5-1 06:56:24
ئورگان تەرەپنىڭ ئەپسىگە قاراپ ئولتۇرىدىغان ئىشكەندە بۇلارنى بىلمىسە
سەركار ۋاقتى: 2018-5-1 19:57:47
نەچچە يىلنىڭ ياقى智行火车نى ئىشلىتىۋاتىمەن، ماڭا بەك ياخشى بىلىنىدۇ. ئىقتىدارلىرىمۇ تولۇق، بىلەت تالىشىپ قويساق تور ئېچىش كەتمەيدۇ، بىلەت ئالالىغان بولسا يانفۇنغا ئۇچۇر يوللايدۇ، بىخەۋەر قالمايمىز. بىۋاستە بىلەت بولمىسا پويىز ئالمىشىش لايىھەسى بار، بىكەت، ۋاقىت قاتارلىقلارنى ئۆزى توغرىلاپ چىقىرىپ بىرىدۇ، ئارتۇقچە ئىزدەپ تەكشۈرۈپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيمىز، ئىشقىلىپ بىر ئىغىز گەپ بەك ياخشى، بىزدەك ئوقۇغۇچى باللانىڭ ئاساسەن كۆپ قىسمى مۇشۇنى ئىشلىتىمىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部