+تېما يوللاش
كىيىك يوللانغان ۋاقتى:2018-4-30 02:49 3287 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
mmexport1525020455726.jpg
22-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك سېفىرلىق جۇڭگو قۇرۇش ئۇچرىشىش يىغىنىدا، سودا-ئۇچۇر مىنىستىرلىكى ئۇچۇر ئالاقە تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ۋېن كۇ 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تۇنجى 5G يانفونىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پىلانغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى چاغاندىن بۇرۇن تۇنجى تۈركۈمدىكى 5G ئۆزىكىنى تورغا ئۇلاش مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، چاغاندىن كېيىن تاماملىنىدىكەن. 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سودىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسىي پونكىت قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلۇپ، كېيىنكى يېرىمىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 5G يانفونى ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، تېلگىراف خەۋەرلىشىشى، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ بېيجىڭ قاتارلىق قىسمەن شەھەرلەردە 5G تورى سىناق نۇقتىسى قۇرۇشنى تەستىقلىغان.
23-ئاپرېل چۇڭچىڭ شەھىرىدە تۇنجى 5G تورى مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلغان. نەق مەيداندا سىناشتىن كۆرسىتىلىشىچە، 5G تورىنىڭ سۈرئىتى 10Gbpsدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، كېچىكىش ۋاقتى نۆلگە يېقىنلاشقان. بىر سېكۇنتتا ئىككى سائەتلىك يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى كىنونى چۈشۈرگىلى بولىدىكەن.
5G ھەققىدە كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى يانفون ياكى SIM كارتىسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ-يوق؟ ئېقىم مىقدار سەرپىياتى تېزلىشىپ كېتەمدۇ؟ دېگەنلەر بولسا كېرەك.
بۇ مەسىلىگە قارىتا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئورگان مىكرو بىلوگىدا چۈشەنچە بەردى. ئالدى بىلەن 5G تورىغا نۆۋەتتە يانفون قوللىمايدىغان يېڭى تېخنىكا ۋە چاستوتا ئىشلىتىلگەنلىكتىن، ئەگەر ئىشلەتكۈچىلەر 5G تورىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرمەكچى بولسا، يانفونىنى 5G يانفونىغا ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئەگەر 5G يانفونىغا يېڭىلىمىسا، 5G تورىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بىراق 4G/2G تورىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، 5G دەۋرىدە ئىشلەتكۈچىلەر 4G SIM كارتىسى ئارقىلىق 5G يانفونىدا 5G تورىنى ئىشلىتەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 5G تورىمۇ يېڭى SIM كارتىسى تەمىنلەيدۇ.
ئىككىنچى مەسىلىگە قارىتا، 5G تورىنىڭ سۈرئىتىنى يۇقىرلىتىش دېگەنلىك، تورغا چىقىش ياكى توردىن چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى يۇقىرلىتىش بولۇپ، ئوخشاش سانلىق مەلۇمات مىقدارىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ساقلايدىغان ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ. مىسال ئالساق، 1GB چوڭلۇقتىكى كىنونى چۈشۈرۈشتە 5G سۈرئەت يۇقىرلىتىش 4G تورىنىڭ 1/10 ئەتراپىدا ۋاقىتنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن ئومومىي ئېقىم مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ.
مەنبە: نۇر تورى؛ تەرجىمىدە: نۇرباغ

7ئادەم ئىنكاس يازدى

oylan111 ۋاقتى: 2018-4-30 16:25:25
لىكىن بىز 4gنى  ئىشلىتىپ  باقمىدۇق ،ھىلىھەم 3G،تىخى  بەزى جايلار  2Gھالەتتە ،لىكىن بىر نۇقتا ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ ،تىلفۇمدىن نەرسىلەرنى كۆپەيتسەكمۇ ھازىرقى  3Gتور سۈر
ىتىدەك كۆپەيتىلىدۇ ،ئۇنداقتا  شۇنچە  تىزلىكتە  ئىشكى  ساقلىغۇچقا ساقلاش زادى  قانداق  تىخنىكا  ،ۋە ياكى مەن  خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ
永远爱情)╲_╲_ ۋاقتى: 2018-4-30 19:01:11
ياق سىز خاتا چۈشىنۋالمىدىڭىز بەلكى ئەمەلىيەتتە تېلفۇننىڭ تىزلىكى ھازىرچە مۇشۇ لىكىن 5جى تورى ئىشلىتىش ئۈچۈن يانفۇن ئالماشتۇرۇش ئىنىق ھەم بۇ يانفۇنلار شۇ تىز كۈچۈرۈش مەشغۇلاتنى نورمال قىلالايدۇ شوڭلاشقا 5جى توردا 1 سىكونىتتا 10جى كىنونى چۈشۈرگىلى بولدۇ
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-4-30 20:51:51
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا   مېنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تور كارتامنىڭ يۇقۇرى چۈشۈرۈش سۈرئىتى سىكۇنتىغا 6.95 مىگابايىتقا يەتتى
weros920 ۋاقتى: 2018-5-1 11:22:56
تۇرپاندا بىرھەپتە ئىلگىرى بىرلەشمە خەۋەرلىشىنىڭ 4G تورىنى سىناق تەرىقىسىدە بەزى بىرقىسىم ئابونىتلارغا ئىچىۋەتكەن . بىرھەپتە تۇشۇپلا ئىتىۋەتتى .
ئەمدىلىكتە 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قايتا ئىچىۋەتتى  . شۇنڭغا قارىغاندا تۇرپاندا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G تورى سىناقتىن ئۈتۈپ رەسمىي ئىچىۋىتىلگەن ئۇخشايدۇ .
-نادىر- ۋاقتى: 2018-5-1 12:00:09
weros920 يوللىغان ۋاقتى  2018-5-1 11:22
تۇرپاندا بىرھەپتە ئىلگىرى بىرلەشمە خەۋەرلىشىنىڭ 4G تور ...

مۇبارەك بولسۇن،ھوزۇرىنى سۈردىغان بوپسىلەن ئەمسە،ئاقسۇدا بىزمۇ تەقەززا بولۇپ ئولتادۇق
14527885517 ۋاقتى: 2018-5-1 20:59:49
قەشقەردىمۇ ئىچلىشنى ئۈمۈت قىلمەن
تالماس ۋاقتى: 2018-5-3 10:27:01
غولجىدىمۇ كۆچمەخەۋەرلىشىش بىر نەچچە ئاي بولدى 4Gئېچىۋەتكىلى، تىلفۇننىڭ چۈشرۈش سۈرئىتى بەزىدە 10m/s ھالەتتە چۈشىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部