+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-4-28 20:03 5381 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىپايدىكى قالدۇقدان (余额宝) بىر خىل ئاكسىيە مۇلازىمىتى بولۇپ، ئالىپايدىكى پۇلنى 余额宝 غا كىرگۈزۈپ قويسىڭىز ئۆسۈم بېرىدۇ. ئۆسۈم نىسبىتى بانكىغا قويغان ئامانەتنىڭكىدىن يۇقىرى.
th.jpg
شۇڭا قالدۇقداننىڭ ھازىرقى ئابونتى 500 مىليۇندىن ئاشتى، قالدۇقدان جەلپ قىلغان مەبلەغ بىر ترىليون 580 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، سودىگەر چاقىرىش بانكىسىدىكى شەخسلەر ئامانەت قويغان ئومۇمىي سوممىدىن يەنە 180 مىليارد يۈەن ئېشىپ كەتتى. شۇڭا، ئابونتلار مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىكىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، مەركىزىي بانكا بىر تۈرلۈك يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، قالدۇقداننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا چەك قويدى. يېڭى بەلگىلىمە بويچە 30-ئىيۇندىن كېيىن، بانكىلار بىۋاستە ئۇلىنىدىغان 3-تەرەپ كۆچمە ھەق تۆلەش سۇپىسىنى تاقايدىكەن. چىقىمدان بولسا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ 3-تەرەپ كۆچمە ھەق تۆلەش سۇپىسى.
th (1).jpg
  بۇ بەلگىلىمە قالدۇقدانغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مەركىزى بانكىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىى چىقىمداندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، قالدۇقداندا پۇلنى خالىغانچە ساقلىغىلى، ئالغىلى بولمايدىكەن، قالدۇقداننىڭ ئىچىدىكى پۇلنى بىۋاستە ھەق تۆلەشكە ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن، پۇلنى قالدۇققا يۆتكىگەندىن كېيىن ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، شۇنداق بولۇپلا قالماي، 30-ئىيۇندىن كېيىن، چىقىمدان ئىشلەتكەندە پەقەتلا قالدۇق سومما ياكى خۇابېي ئارقىلىقلا چىقىم قىلغىلى بولىدىكەن، بانكىدىن بىۋاستە تۇتۇۋالمايدىكەن.
يەنى بۇرۇنقىدەك قالدۇقداندىكى پۇلنى بىۋاستە خەجلىگىلى بولمايدىكەن، ئاۋۋال قالدۇقداندىن ئالىپايدىكى قالدۇق (余额) قا يۆتكەپ ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. شۇنداقلا 1-ئاپىرىلدىن باشلاپ قالدۇقدانغا پۇل ئەكىرىشكىمۇ چەك قويۇلدى. يەنى ھەر كۈنى سائەت 9 تا پۇل ئەكىرەلەيدىكەنسىز، 9:30 تىن كېيىن پۇل ئەكىرگىلى بولمايدىكەن.

5ئادەم ئىنكاس يازدى

سەھرا@ ۋاقتى: 2018-4-28 20:19:31
ئالپايدكى يۆئباۋ يۆلباۋ دىگەنلەنىڭ بخەتەرلكى قانداقراقتۇ؟
WANDAY ۋاقتى: 2018-4-28 20:35:10
سەھرا@ يوللىغان ۋاقتى  2018-4-28 20:19
ئالپايدكى يۆئباۋ يۆلباۋ دىگەنلەنىڭ بخەتەرلكى قانداقر ...

ئەلۋەتتە بىخەتەر
ablat1340 ۋاقتى: 2018-4-28 22:03:04
مىنىڭ ئاپاي ھىساۋاتىم توڭلىتىلدى قانداق قىلسام خۇۋابېي قەرزىنى تۈلىيەلەيمەن
begtash ۋاقتى: 2018-4-29 10:26:55
مەن قالدۇقدانغا 40مىڭ ئەتىراپىدا پۇل قويغان. ھازىر كۈنلۈك ئۆسۈمى 4 يۈەن ئەتىراپىدا ئىدى، خالىغان ۋاقىتتا پۇل ئىلىپلا ئىشلەتكىلى بولاتتى. ماۋۇ بەلگىلىمە بىزگە خالىغاندا چىقىم قىلغىلى بولمايدىغان قولايسىزلىق ئىلىپ كىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قالدۇقدانغا پۇل قويغاندا سائەت 9دا قويغىلى بولىدىغان قىلىۋەتكى بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى.
迪力 ۋاقتى: 2018-5-3 00:47:07
ablat1340 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-28 22:03
مىنىڭ ئاپاي ھىساۋاتىم توڭلىتىلدى قانداق قىلسام خۇۋابې ...

سىز   توڭلىتىلغان  ئالىپايغا  باغلىغان  بانكا  كارتىسغا  پۇل  سىلىپ  قويسىڭىز  ئۇلار  ئۆزى  تۇتىۋالىدۇ  9 چىسلا   !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部