+تېما يوللاش
alip_eza يوللانغان ۋاقتى:2018-4-28 15:11 2965 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alip_eza تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-4-28 15:27  

تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر، بۇرۇنقى تېما «office ياردەمچىسى( ئىسىم تەرجىمە+ ئىملا) ھەقىقىي نەشىرى» دا بۇ قورالنى يوللىغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياختۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
دېتالنىڭ چۈشەندۈرلىشى:
ئېكسېل ياردەمچىسى

كۆرۈنمە رەسىمى:

ئېكسېلغا قىستۇرما بولۇپ قاچىلىنىدۇ، ئىقتىدارى تۆۋەندىكىچە:
1.        تەرجىمە قىلىش (Ctrl+Q)
ئىسىم بار سىتون(رەت) دىن  تاللىغان دائىرىدىكى ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە كىشى ئىسىملىرىنىڭ(ئۇيغۇرچە بولسا خەنزۇچىگە، خەنزۇچە بولسا ئۇيغۇرچىگە) تەرجىمىسىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
2.        ئىشلەتكۈچى ئامبىرى
سىستېما خاتا تەرجىمە قىلىپ قويغان ئىسىملارنى بۇ يەردىن ئامبارغا قوشۇپ قويسىڭىز، كېيىن سىز كىرگۈزگەن بويىچە تەرجىمە قىلىدۇ.
3.        كىملىك
1)        تەكشۈرۈش: كىملىك نومۇرىنىڭ توغرا خاتالىقىنى تەكشۈرىدۇ، خاتا بولسا قىزىل بويايدۇ.
2)        تۇغۇلغان كۈن: كىملىك نومۇرى بار سىتون(رەت) تىن تاللىغان دائىرىدىكى كىملىك نومۇرىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
3)        يېشى: كىملىك نومۇرى بار سىتون(رەت) تىن تاللىغان دائىرىدىكى كىملىك نومۇرىدىن ياش سانىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
4)        جىنسى: كىملىك نومۇرى بار سىتون(رەت) تىن تاللىغان دائىرىدىكى كىملىك نومۇرىدىن جىنس ئايرىمىسىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
4.        سان
1)        يىغىندا: تاللىغان دائىرىدىكى سانلارنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2)        ئوتتۇرچە قىممەت: تاللىغان دائىرىدىكى سانلارنىڭ ئوتتۇرچە قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
5.        تەكرارلىق
1)        تەكشۈرۈش: تاللىغان دائىرىدىكى تەكرار قىممەت بولسا قىزىلغا بوياپ قويىدۇ.
2)        تەكرار ئەمەسنى كۆرسىتىش: تاللىغان دائىرىدىكى تەكرارلانمىغان قىممەتنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
6.        تەھرىرلەش
1)        تەڭشەش
خەت نۇسخىسىنى توغرىلاش: سىستېمىنىڭ تەڭشەك قىسىمىدىن تاللىغان كۆڭۈلدىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بويىچە نۆۋەتتىكى جەدۋەلدىكى تاللىغان دائىرىنىڭ خەت نۇسخىسىنى تەڭشەيدۇ.
قۇر ئېگىزلىكى: تاللىغان دائىرە قۇر ئېگىزلىكىنى تەڭشەيدۇ.
رامكىغا ئېلىش: تاللانغان دائىرىنى رامكىغا ئالىدۇ ۋە ياكى رامكىنى يوقىتىدۇ.
ئوتتۇرىغا توغرىلاش: تاللانغان دائىرىدىكى يېزىقنى ئوڭ-سول ۋە ئاستى-ئۈستىدىن ئوتتۇرىغا توغرىلايدۇ.
2)        رەت نومۇرى سېلىش: تاللىغان دائىرىگە سىز كىرگۈزگەن نومۇردىن باشلاپ رەت نومۇرى سالىدۇ.
3)        بوش قۇرنى ئۆچۈرۈش: تاللىغان سىتون دائىرىسىدىن بوش قىممەت بولسا پۈتۈن بىر قۇرنى ئۆچۈرىدۇ.
4)        تاللاپ چىقىرىش: بۇ يەردىن تاللانغان بىر  سىتون دائىرىسىكى قىممەتنى ئاساس قىلىپ شەرت بويىچە باشقا ھۆججەتكە چىقىرىدۇ.
7.        تەڭشەك
1)        كۆڭۈلدىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى: سىز ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىشتا تاللاپ ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولۇپ، سىستېما ئۇيغۇرچە يېزىقلارنى مۇشۇ خەت نۇسخىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
2)        گۇمانلىق تەرجىمىنى تەھرىرلەشكە كۆرسىتىش: بۇ  تاللانما تاللاقلىق بولسا،ئىسىم تەرجىمە قىلىش جەريانىدا سىستېما گۇمانلىق دەپ قارىغان ئىسىمنى سىزنىڭ تەھرىرلىشىڭىزدىن ئۆتكۈزىدۇ.
3)        تاللاپ چىقارغاننى ئاپتۇماتىك ئېچىش: بۇ  تاللانما تاللاقلىق بولسا، تاللاپ چىقىرىشتىن ھۆججەت چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن ئېچىپ كۆرسىتىدۇ.
4 )        تەكرارلىق مەشغۇلات يۆلىنىشى ئاستىدىن ئۈستىگە : بۇ  تاللانما تاللاقلىق بولسا، تەكرارلىق مەشغۇلاتىنىڭ يۆلىنىش تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارتا بولىدۇ.
8.        ياردەم
1)        تىزىملاش: سىستېمىنى سېتىۋېلىپ تىزىملاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
2)        ھەققىدە ۋە تەكلىپ: بۇ يەردىن سىستېما ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز، ۋە دېتال ھەققىدە تەكلىپ بېرەلەيسىز، باشقىلارنىڭ تەكلىپ_جاۋابلىرىنى ئىزدىيەلەيسىز.
ئىملاچى

ۋوردقا قىستۇرما ھالىتىدە قوشۇلىدۇ، كۆرۈنمە يۈزى:
3.png

ئىقتىدار تۆۋەندىكىچە:
1)تەكشۈرۈش: مائۇس تۇرغان ئورۇندىكى سۆزدىن باشلاپ ئىملا تەكشۈرىدۇ .
2)تۈزىتىش:مائۇس تۇرغان ئورۇندىكى سۆزدىن باشلاپ ئىملا تۈزىتىدۇ،
ئەگەر «ئاپتوماتىك» نى تاللاپ قويسىڭىز ئاپتوماتىك تۈزىتىدۇ.
3)ئوقۇش:مائۇس تۇرغان ئابزاستىن باشلاپ ئۇيغۇرچە ۋە سان ئارىلاشقان مەزمۇننى ئوقۇپ بېرىدۇ، بۇ ئىقتىدار تولۇق نۇسخىسىنى قاچىلىسىڭىز ئىشلەيدۇ.
-------------------------------------------------------------------------------------------------
بۇ قېتىم تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى يېقىندىن قۇبۇل قىلىپ، ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن يېڭى نۇسخىسىنى بارلىققا كەلتۈردۇق.
بۇ نۇسخىسىدا بۇرۇنقى بەزى ئىقتىدارلار ئەلەلاشتۇرۇلغاندىن سىرت، ئۈستەل يۈزىگە تېزلەتمە شەكلى چىقىدىغان تەھرىرلىگۈچكە تورغا ئۇلانغان مۇھىتتا جۈملە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى، مەشغۇلات كەسمە رەسىمى تۆۋەندىكىدەك:
QQ图片20180428102709.png

مەشغۇلات ئۇسۇلى بولسا، تەجىمە قىلماقچى بولغان مەزمۇننى تاللاپ، مائۇسنىڭ ئوڭ تەرەپىنى چەكسىڭىز چىققان تىزىملىكتىن «翻译»(تەرجىمە) نى باسسىڭىز ياكى بىۋاستە Ctrl+Q (كونتىرول+Q) كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، تورغا ئۇلانغان شارائىتتا، تاللىغان مەزمۇن ئۇيغۇرچە بولسا خەنزۇچىگە، خەنزۇچە بولسا ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ.
تورداشلارنىڭ دېتالنى قاچىلاشتىن بۇرۇن قاچىلاش كېلىشىمىنى تەپسىلى ئوقۇپ قاچىلىشىنى، قاچىلاپ بولۇپ ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ پروگگىرامما تېزىملىكىدىن ياردەم ھۆججىتى
444.png

نى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز.
بۇرۇن تېزىملاپ ئىشلەتكەنلەر بولسا يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىساڭلار قايتا تېزىملىتىش كەتمەيدۇ.
ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: چۈشۈرۈڭ (قاچىلاش ھۆججىتى ۋە قىستۇرما ئېكسېل ۋە ۋورتا كۆرۈنمىسە ئوڭشاش رەسىملىك چۈشەندۈرلىشى).

10ئادەم ئىنكاس يازدى

uyghurdetal ۋاقتى: 2018-4-28 16:29:22
بۇ دېتالنىڭ تۇنجى نەشرىدىن باشلاپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. بارغانسىرى ياخشىلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. لېكىن جىق ئادەم بىلمەي قالدى، excel ياردەمچىسىنىڭ رولى ياخشى ئىدى.
1389945 ۋاقتى: 2018-4-29 03:34:14
بىر تەكلىۋىم: مۇمكىن بولسا مۇشۇنىڭغا ئۇيغۇرسوفىتنىڭ كودى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىدەك بىر ئىقتىدار قوشسىڭىز، مەسىلەن ئەلپىدا خەت نۇسقىدا يېزىلغاننى ئەلكاتىپ خەت نۇسقىسىغا ئۆزگەرتىش دىگەندەك...
xiabaza ۋاقتى: 2018-4-29 11:37:52
بۇ دتال ناھايىتى ياخشكەن لىكىن ھەقىسىز ۋندوۋىس 64بىىتلىققا مەن ماس كەپ كەتكەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى
alip_eza ۋاقتى: 2018-4-29 12:08:28
1389945 يوللىغان ۋاقتى  2018-4-29 03:34
بىر تەكلىۋىم: مۇمكىن بولسا مۇشۇنىڭغا ئۇيغۇرسوفىتنىڭ ك ...

ئۇ ئىقتىدارلار بار، ئىملاچىمىڭ ياردەم> قورال> ئايلاندۇرغۇچ ئىچىدە
نۇرغۇن ئىقتىدار بار سىناپ بېقىڭ.
alip_eza ۋاقتى: 2018-4-29 13:24:00
xiabaza يوللىغان ۋاقتى  2018-4-29 11:37
بۇ دتال ناھايىتى ياخشكەن لىكىن ھەقىسىز ۋندوۋىس 64بىىتل ...

مەن 64 بىتلىق ۋىندوۋس 10 سىستىمىغا ئوففىس 2010 نى قاچىلاپ  سىنىدىم،نورمال ئىشلىدى، بەزىلەرنىڭ سىستېمىسىدا بىنورمالكەن، مەنچە بۇ قاچىلىغان ئوففىسنىڭ مەسلىسىدەك، ئوففىسنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى قاچىلاپ سىناپ بېقىڭلار، يەنە مەسىلە بولسا داۋاملىق پىكىرلەشسەك بولىدۇ.
سەركار ۋاقتى: 2018-4-29 13:37:39
مۇشۇ officeقوراللىرىدىن بىر ياردەم سورىسام:
ئادەتتە ئۇيغۇرچە ئارىسىغا ئېنگىلىزچە خەنزۇچە خاتارلىقلار ئالمىشىپ كەلگەندە قانداق قىلساق خەتلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كەتمەيدۇ؟يەنى ئادەتتە ئۇيغۇرچە يىزىپ كىتىۋىتىپ بىرەر ئېنگىلىزچە خەت قىستۇرساق بىراقلا قۇر بىشىغا ئاتلاپ كىتىپ تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ ياردەم قىلغان بولساڭلار
ilterish ۋاقتى: 2018-4-29 14:07:11
كۆپ رەھمەت سىزگە
fffffffffffffff ۋاقتى: 2018-4-29 19:37:21
ماۋۇ نۇسخىسى قانچە پۇل ؟
18209981732 ۋاقتى: 2018-5-4 09:45:31
يېڭى نۇسخسنى قاچىلىغاندا،كونىسىنى ئۈچۈرۋىتىپ قاچىلامدۇق ياكى بىۋاستە قاچىلىساق بولامدۇ؟
رەھمەت
alip_eza ۋاقتى: 2018-5-4 10:16:35
18209981732 يوللىغان ۋاقتى  2018-5-4 09:45
يېڭى نۇسخسنى قاچىلىغاندا،كونىسىنى ئۈچۈرۋىتىپ قاچىلام ...

بىۋاستە قاچىلىسىڭىزمۇ، ئۆچۈرۋېتىپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يەنە بىر خوش خەۋەر بۇ قورال wps ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالىغىمۇ ماسلاشتۇرۇلدى. مەن ئىگە تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ wps تىكى بەزى مەسلىلەرنى ئىنكاس قىلدىم. مەن ئىنكاس قىلغان مەسىلە:يېزىق يۆلىنىشى مەسلىسى.
باشقا تورداشلارمۇ ئىشلىتىپ كۆرۈپ مەسىلە بولسا ئىنكاس قىلساڭلار، ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويسام بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部