+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-4-27 11:43 5718 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈندىداردا قارشى تەرەپ سىزنى ئۆچۈرۋەتسە ياكى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتسە سىزنىڭ تىزىملىكىڭىزدە بىر ئورۇننى ئىگىللەپ تۇرىۋېرىدۇ. بۇلارنى «جەسەت» دەپ ئاتايدۇ.  بۇنداق «جەسەت» لەرنى تازلىۋەتمىسە ئورۇن ئىگىللەپ، سىزنىڭ نورمال توردىشىڭىزنى ئىزدەپ تېپىشىڭىزنى تەسلەشتۈرۋېتىدۇ، ھەم ئۈندىدارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 5040 ئادەم قوشقىلى بولغاچقا، «جەسەت» لەرنى تازلىۋەتمىسىڭىز سان توشۇپ قالسا يېڭى تورداش قوشالمايسىز.
«جەسەت» تازىلايدىغان نۇرغۇن ئاماللار بار. ھەقلىق، ھەقسىز ئەپلەرمۇ بار. بەزىلەر جەسەت تازىلاۋاتىمەن دەپ توپ ئۇچۇرى ئەۋەتىپ قارشى تەرەپنى بىزار قىلىپ ئۆزى جەسەتكە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ بار.
ئالدىنقى يىلى سالونىمىزغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك، بىخەتەر بىر ئۇسۇلنى يوللىغان. يەنى «ئۈندىداردىكى سىزنى ئۆچۈرۋەتكەن ئادەمنى تازىلاش» دېگەن يازما شۇ. ئالپ سالونىغا «ئۆچۈرۋەتكەن» دېگەن خەتنى كىرگۈزۈپ يوللاپ شۇ يازمىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۇ يازمىدا بىر ۋاقىتلىق توپ قۇرۇپ ئۈندىداردىكى تورداشلىرىڭىزنى شۇ توپقا تارتىسىڭىز، سىزنى ئۆچۈرۋەتكەن ئەزانىڭ ئىسمىنىڭ رەڭگى كۆك رەڭدە كۆرۈندىغانلىقى ھەققىدىكى يازما.
تۆۋەندە ئۇنىڭدىن قولاي يەنە بىر ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز.
微信图片_20180427113935.gif
يەنى سىز مېنى ئۆچۈرۋەتكەنمىدۇ دەپ گۇمانلانغان ئادەمگە بىر ئالاھىدە بەلگىنى ئەۋەتىسىز. ئەمما ئۇ بەلگە قارشى تەرەپكە بارمايدۇ. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئوڭ تەرەپتىكى سىزنىڭ يانفونىڭىزنىڭ ھالىتى. سول تەرەپتىكى قارشى تەرەپنىڭ. سىز يوللىغان بەلگە قارشى تەرەپكە بارمايدۇ، ئەمما قارشى تەرەپنىڭ سىزنى ئۆچۈرۋەتكەن ياكى ئۆچۈرۋەتمىگىننى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ.
微信图片_20180427114005.jpg
سىزنى ئۆچۈرۋەتكەن بولسا تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش چىقىدۇ.

微信图片_20180427114018.jpg

ئالاھىدە بەلگىنى ئەۋەتسىڭىز قارشى تەرەپ سىزنى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتكەن بولسا تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش چىقىدۇ.

微信图片_20180427114013.jpg

ئۇ ئالاھىدە بەلگىنى ئەۋەتسىڭىز قارشى تەرەپ سىزنى ئۆچۈرۋەتمىگەن ياكى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋەتمىگەن بولسا ھېچقانداق ئەسكەرتىش چىقمايدۇ. ھەم قارشى تەرەپكە كۆرۈنمەيدۇ. دېمەك قارشى تەرەپنى ئاۋارە قىلمايسىز.

ئالپ سالونىغا 427 نى يوللاڭ ئۈچ دانە بەلگە چىقىدۇ، شۇنى كۆچۈرۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.  بۇ يەرگە بىۋاستە چىقارساق كۆچۈرگىلى بولمايدىكەن.
640.gif

6ئادەم ئىنكاس يازدى

uyghurman123 ۋاقتى: 2018-4-27 13:10:02
يەنە بىر خىل ئۇسۇل سىز مىنى يۇيۋەتكەنمىكى دەپ گۇمان قىلىدىغان دوستىڭىزنىڭ دوسلار چەمبىركىنى ئاچسىڭىز «非朋友最多显示十张照片» دەپ چىقسا سىزنى يۇيۋەتكەن بۇلىدۇ  بۇ  ئۇسۇل  ئارقىلىق  باشقىلارغا  ئۇچۇر  يوللاپ  ئاۋارە  قىلمايلا كىمنىڭ  سىزنى يۇيۋەتكىنىنى بىلەلەيسىز
روھلان365 ۋاقتى: 2018-4-27 12:03:28
رەھمەت … بەكمۇ قۇلايلىق ئىكەن
我是中国人 ۋاقتى: 2018-4-27 14:03:09
بۇلىدىغان چارىكەن
1760998027 ۋاقتى: 2018-4-27 15:18:36
مۇنۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭىزلەر ئاۋال قارشى تەرەپنىكى ئۇچۇر يولاش كۆزنىكى دە +  بەلگىسىنى بېسىپ 转账 دىگەنى تالاپ پۇل سومىسىغا 0.01دەپ كىرگۈزمىز  كىرگۈزۇپ 转账 دىگەنى باساق 你不是收款方的好友 对方添加你为好友才能发起转账 دەپ خەت چىقسا قارشى تەرەپ سىزنى يۇيۋەتكەن بۇلدۇ  ئەگەردە پۇل تۆلەش شىفىرى چىقسا  سىزنى قارشى تەرەپ يۇيمىغان بۇلدۇ
sirlikaqkuq ۋاقتى: 2018-4-27 23:36:55
ماۋۇ ئۇسۇلمۇ  بۇلىدۇ
سىز  مىنى  يۇيۋاتقانمىدۇ  دىگەن دوستىڭىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى چىكىپ  ئىنكاس يازىدىغان يەرنى چەكسىڭىز يەنى  评论
سىزنى يۇيۋەتمىگەن بولسا  ئىنكاس يازىدىغان   يەر   چىقىدۇ
ئەگەردە  سىزنى يۇيۋەتكەن  بولسا  ئىنكاس يازىدىغان يەر   چىقمايدۇ
شۇنىڭدىن  سىزنى يۇيۋەتكەن  يۇيۋەتمىگەنلىكنى   بىلىۋالالايسىز


ناھايىتى  ئاددى ھەم قولاي   باشقىلارنى   ئاۋارە قىلىپ  يۈرمەيسىز  
oguzbag ۋاقتى: 2018-5-4 09:26:54
ماۋۇ ئۇسۇلمۇ بۇلدىكەن مەن سىناپ باقتىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部