+تېما يوللاش
2635210282 يوللانغان ۋاقتى:2018-4-26 19:29 7433 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ياخشىمۇسىلەر ئالىپ ئەھلى،بۇ قېتىم سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىم بولسا ،تېلفۇننى ئۈنۈملۈك ھالدا تازىلاش ئۇسۇلى،
بۇ ئەسلى بىر  يۇمشاق دېتال ،توپلاردا قارىسام ،قىسمەن يۇمشاق دېتال سودىگەرلىرى ،ھەم قىسمەن تورداشلار بۇ دېتالنى پۇلغا سېتىپ يۈرۈپتۇ،مەنمۇ پۇلغا سېتۋاپتىكەنمەن.
يۇمشاق دېتالنى ياسىغانلار ھەقسىز تارقاتسا ،قىسمەن دوستلاردەك پۇلغا سېتىپ يۈرسەك قاملىشامدۇ.دېتالنى ئۈزۈم  ئىشلىتىۋاتقىلى خىلە ئۇزۇن بولدى ،ئەمدى باشقا دوستلارنىڭمۇ بۇ دېتالدىن پايدىلانسۇن  دەپ ،دوستلارنىڭ ھۇزىرىغا ئېلىپ كەلدىم.
ئەپ ئىسمى: cTrace
ئىجرا مۇھىتى :ئاندىرويىد
ئەپ سىغىمى :2MB
تىل بولىقى :简体中文،English،ئۇيغۇرچە

192925yx18b2u2fqubtwh8.png

ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1: بىز كۆرۈپ باقمىغان ،توردىن چۈشۈپ قالغان  سىن ھەم رەسىملەرنى تېپىپ بىرىدۇ،(مەسىلەن :ئۈندىدار ،چچ ،تور تور…… ئارلاۋاتقاندا چۈشۈپ قالغان رەسىملەر ۋە سىنلارنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ )
2: ئۈندىدار ھەم چچ دىكى  يىغىلىپ قالغان رەسىملەرنى تازىلاش. (بىز  ساقلىۋالغان رەسىملەرنى يۇيمايدۇ)
3: چەمبىرەكتىكى قىسقا  فىلىمنى تازىلاش،(ئالدىنقى قېتىم ئالىپ مۇنبىرىدە مۇشۇ  توغرۇلۇق گەپ بۇلۇپ،يېڭى نەشىرگە چەمبىرەك تازىلاش ئىقتىدارىنى قوشسا  بۇلاتتى دىسەم ،بىر توردىشىمىز،چەمبىرەكتىكى مەزمۇنلار  توردا  ساقلىنىدۇ ،تېلفۇنغا  چۈشمەيدۇ  دىگەن ئىدى، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن،چەمبىرەكتە  كۆرگەن قىسقا  فىلىم 0تېلفۇنغا  ساقلىنىپ ماڭىدىكەن  ،سىناپ باقتۇق)
4: ئۈندىداردىكى ئاۋازلىق ئۇچۇرنى تازىلاش.
5: بۇرۇن چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن ،ھۆججەتلەرنى تازىلاش.
6: ئەپكە ئۈزىدىن مەخپى نومۇر سېلىش ئىقتىدارى قۇشۇلغان ئىكەن  ،ئۈزۈمىز مەخپى نومۇر سېلىپ كىرىمىز،شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىزدىن ئاشكارلىنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،

192926d1f7ztd75rv5dp76.png

ئەپنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالاھىدىلىكى
ئەگەر سىز ئۈندىداردا ياكى چچرىڭىزدا  مۇھىم رەسىم بولۇپ قېلىپ ،سىز دىققەتسىزلىكتىن  پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئۈچۈرۈپ سالدىڭىز،ياكى ئۈچۈرلۈپ كەتتى،قانداق قىلىش كېرەك؟
دەرھال سىز، مۇشۇ دېتالنى ئېچىپ رەسىم بار يەرگە قارىسىڭىز بۇ رەسىم مۇشۇ يەردە ساقلانغان بۇلىدۇ.ئاندىن ئاشۇ يەردىن رەسىمنى تاللاپ  ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بېسىپ ،يۇيلۇپ كەتكەن رەسىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۋالسىڭىز بۇلىدۇ.

192928naaaqvnmhtn8yjwa.png

گەرچە ئەپنىڭ سىغىمى كىچىك بولغان بىلەن ئىقتىدارى كۆپ.
ئەپنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ،ئەپ ياسىغۇچىغا تەۋە،
سەمىمىي ئەسكەرتىش :ئەگەر ئۈندىدار پاراڭلىشىش  خاتىرىدە مۇھىم رەسىملىرىڭىز ،سىنلىرىڭىز بولسا ،تېلفۇنغا ساقلىۋېلىپ ئاندىن تازلاشنى باشلاڭ،
ئۈندىداردىن يۇيۇلۇپ كەتسە ئەسلىگە كەلتۈرۈگىلى بۇلىدۇ،ئەمما  ئاۋۇ دېتالدىن يۇيۋەتسىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىز،

192930wceclhlmmatidome.png

ئەپ ھازىر ھەر قايسى تېلفۇنلارنىڭ ئەپ بازىرىدا  بار،cTraceدەپ ئىزدىتىپ چۈشۈرۋالسىڭىز بۇلىدۇ ،
تاپالمىغانلار تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈۋېلىڭ،
بەيدۇ بۇلۇت دىسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ.
https://pan.baidu.com/pcloud/album/info?query_uk=88752164&album_id=1878198932578722983
ۋېييۈن بۇلۇت دىسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ.
https://share.weiyun.com/58Wj4gs
بۇ ئۇسۇل خالاس ،بۇ دېتالنى  بىلمەيدىغان دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى .بۇ ئۇسۇلنى بىلىدىغانلار ،بۇرۇن بىلەتتۇق دەپ تەنقىدىي پىكىر بىرىشىنى خالىمايمەن.
تېمىدا تەڭرىتاغ تېخنىكا گۇرۇپپىسىدىن : ئۆمەرجان .
چچ توپىمىز:715700854

4ئادەم ئىنكاس يازدى

玉素甫。巴拉提 ۋاقتى: 2018-4-26 22:22:49
بۇ ئەپنى مەن ئىشلىتىۋاتقىلى خىلى بولدى بۇگۇن تىخى يىڭلاش ئۇچۇرى كەپتىكەن يىڭلىۋالدىم بۇ ئەپنىڭ دۆلەت تىلىدىكى نامى 微痕迹 مۇشۇ ئىسىم بويىچە ئىزدەپ چۇشۇرۋاساڭلا بولدۇ،
10- ۋاقتى: 2018-4-26 22:50:07
بۇنى بۇرۇن ئۇيغۇرۇم تەرجىمە گۇرۇپىسىدىكىلەر تەرجىم قىلىپ تىل بولاقنى قىتىپ ئالىپ تورىدا ئىلان قىلغاندا دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىز
aabaab ۋاقتى: 2018-4-27 16:51:17
بۇنى مەنمۇ ئىشلەتكەن ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى .يۈتتۈرۈپ قويۇپ تاپالماي يۈرگەنتىم ،رەھمەت سىزگە .!!!
ablizmansur ۋاقتى: 2018-4-28 18:27:31
ھازىر يېڭى نەشرىگە بىر قىسىم ئىقتىدارلار قۇشۇلدى، ھەم بىر قىسىم جايلىرى ئۆزگەرتىلدى.
ئەسلىي تېما ئادرېسى:
مىكرو ئىز(تىل تاللاش رايونى قۇشۇلغان) http://www.aliptori.com/forum.php?mod=viewthread&tid=51740
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部